نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 654 قېتىم كۈرۈلدى
يېڭى زۇڭتۇڭ مۇرشى ھەربى تەرەپ ئەمەلدارلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-06 -26
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : شىنخۇا تورى

شىنخۇا تورى قاھىرە تېلگىراممىسى:6-ئاينىڭ 25-كۈنى مىسىرغا يېڭىدىن سايلانغان زۇڭتۇڭ مۇرشى 25-چىسلا ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت زۇڭلىسى ۋە قۇراللىق قىسىمنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەئىسى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى ۋە مىسىرنىڭ ۋەزىيىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۆتكۈنچى ئىشلار تۇغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

مۇرشى 25-چىسلا چۈشتىن بۇرۇن قاھىرەدىكى ھۆكۈمەت مەھكىمىسىدە خىزمەتچىلەرنىڭ قارشى ئېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى كىيىن ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەتنىڭ زۇڭلىسى جەنزۇل بىلەن كۈرۈشۈپ ئۇنىڭ مىسىرنىڭ ھازىرقى بىخەتەرلىك ۋە ئىقتىسادى ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى قىسقىچە تۇنۇشتۇرشىنى ئاڭلىدى.ئۇنىڭدىن كىيىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىگە بېرىپ ھەربى قىسىمنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى مۇھەممەد ھۈسيۈن تەنتاۋى بىلەن كۈرۈشۈپ سۆزبەت ئۆتكۈزدى.مۇرشى ئالدى بىلەن ھەربى تەرەپنىڭ ئۆتكۈنچى ھۆكىمەت مەزگىلىدە دۆلەتنى ئوبدان باشقۇرۇپ ۋە ھىمايە قىلىپ تۇرغانلىقىغا رەھمەت ئېيىتتى،تەنتاۋې بۇ قانۇنلۇق زۇڭتۇڭ بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋېتىنى ساقلاپ دۆلەتنىڭ مۇقۇملىقى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيىتتى.بىلىشىمىزچە ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەتنىڭ زۇڭلىسى شۇ كۈنى ئىستىپانامە تاپشۇرغان ،ئاخبارات ۋاستىلىرى يەنە ھەربى تەرەپنىڭ ئىچكى ھۆكىمەت خادىملىرىنى يېڭىدىن تەشكىللەنگەن ھۆكۈمەتنىڭ قۇرشۇنى تەلەپ قىلغان شۇنداق بولغاندا يېڭى زۇڭتۇڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كىيىن ئەسلىدىكى خادىملار ئىستىپانامە تاپشۇرشى كىرەك.

مىسىرنىڭ يېڭى زۇڭتۇڭى مۇرشى 24-چىسلا 51.7پىرسەنىتلىك بىلەت سانى بىلەن غەلبىلىك ھالدا ۋەزىپىگە ئولتۇردى،يېڭىلىپ قالغان بۇرۇنقى زۇڭتۇڭ شافىك ئۇنى تەبرىكلىدى .

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش