نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> جاھاندىكى ئىشلا >> يازما كۈرۈش >> 4542 قېتىم كۈرۈلدى
ناتونۇش كىشى تەرىپىدىن يۈزى كۆيدۈرۈۋېتىلگەن بىچارە قىز
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-06 -14
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى :

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

شىڭچۇ تورى مۇخبىرنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا بىرەيلەن ئۇخلاپ ياتقاندا دېرىزە سىرتىدىكى بىرەيلەن تەرىپىدىن قومۇش تاياق بىلەن بېشىغا ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇلغاندىن كېيىن كىسلاتا قويۇلغان قوشۇق بىلەن يۈزى كۆيدۈرۈۋېتىلگەن .مانا بۇ جيەنئەن رايونى ماچىياۋ تولۇقسىز 3-يىللىق ئوقۇغۇچىسى شياۋخوڭ (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم )6-ئاينىڭ 11-كۈنى سەھەردە ئۆزىنىڭ ئۆيىدە ئۇچرىغان كېلىشمەسلىك ئىدى .
6-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۆيى گۈيخۇا بازىرى پەنيۈەن كەنتى 11-ئەترەتتە ئولتۇرىدىغان شياۋخوڭنىڭ ئاتا-ئانىسى مۇخبىرغا بۇ ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى ئېيتىپ بەرگەن بولۇپ 6-ئاينىڭ 11-كۈنى سەھەر سائەت ئىككىدىن 10مىنۇت ئۆتكەندە ئۇخلاۋاتقان بۇ ئايال تۇيۇقسىز قىزىنىڭ ئېچىنىشلىق ۋارقىرىغان ئاۋازىدىن ئويغىنىپ كەتكەن ھەم بېرىپ چىراغنى ياندۇرۇپ قىزىنىڭ ئىككى قولى بىلەن يۈزىنى تۇتۇۋالغانلىقىنى يۈزىگە قارا رەڭلىك سۇيۇقلۇقنىڭ چاچراپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن ،قىزى يۈزىنىڭ ئاغرىق ئازابىغا چىدىماي تېپىرلاپ كەتكەن .قىزىنىڭ بۇنداق ئازابلىنىشىغا چىدىمىغان بۇ ئايال قىزىنى ئېلىپ دەرھال گۇۈەنتۈب كۆۋرۈكى يېنىدىكى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان .دوختۇرنىڭ دېيىشىچە بۇ قىزنىڭ يۈزىگە چاچىرىغان سۇيۇقلۇق بولسا كىسلاتا ئىكەن .
شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۇلار ئىككىسى گۈيخۇا رايونلۇق ساقچىخانىغا كېلىپ دېلو مەلۇم قىلغان بولۇپ 11-12-كۈنلىرى ئىككى كۈنلۈك داۋالاشتىن كېيىن شياۋخوڭنىڭ پېشانىسىدىكى ۋە سول مەڭزىدىكى يارا ئىزلىرى ئازراق ياخشى بولغان ،بىراق سول مەڭزىدە يەنە بەش سۇڭلۇق رەسىم چوڭلۇقىدىكى كۆيگەن يارا ئېغىزى قېلىپ قالغان .6-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شياۋخوڭنىڭ ئانىسىنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىپ بېرىشىچە شياۋخوڭنىڭ كېسىلى سەل ياخشىلانغان بولۇپ بىراق يۈزى ئېشىپ كەتكەن ،شۇڭا بۇ ئايال قىزىنى ۋۇخەنگە ئېلىپ بېرىپ داۋالاتماقچى بولغان . نۆۋەتتە شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تارماق ئىدارىسى بۇ دېلونى تەكشۈرۈشنى باشلىغان .

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      
ئالدىنقىسى :

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش