نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 919 قېتىم كۈرۈلدى
-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا كۆمۈر سانائىتى كۆرگەزمىسى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-06 -07
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : تەڭرىتاغ تورى

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

كۆمۈرنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش دۆلىتى بولغان جۇڭگوغا سېتىپ بېرىش ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كۆمۈركارخانىسى بولغان ئامېرىكا‹‹بودى›› ئېنېرگىيە شىركىتىنىڭ 2005 -يىلى چىقارغان ئەڭ مۇھىم قارارى . بۈگۈن6-ئىيۇن، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 220مىليون توننا ، سېتىلىش مىقدارى 3 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان بۇ كارخانا شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 9-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا كۆمۈرسانائىتى كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىدۇ . بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پەن-تېخنىكا گۇرۇھىمۇ كۆرگەزمىدە مۇناسىۋەتلىك ئەڭ ئىلغار پەن-تېخنىكىسىنى نامايان قىلىدۇ.

بۇ نۆۋەتلىك كۆمۈر سانائىتى كۆرگەزمىسىنىڭ كۆرگەزمە كۆلىمى مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ ، ئالدىنقى نۆۋەتلىك كۆرگەزمە كۆلىمىدىن بىر ھەسسىسگە ئارتۇق . ئىگىلىنىشىچە ھازىرغا قەدەر تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىشقا تىزىملاتقان دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى كىشىلەرنىڭ سانى 10 مىڭدىن ئاشقان . نۆۋەتتە كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان سودىگەر سانى ۋە كۆرگەزمە ئورۇنلاشتۇرۇلمىسىدىن قارىغاندا ، بۇ نۆۋەتلىك كۆمۈر سانائىتى كۆرگەزمىسى ھازىرغا قەدەر ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان بۇ تۈرلۈك كۆرگەزمە ئىچىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان بىر نۆۋەتلىكى ھېسابلىنىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە سەككىز يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، شىنجاڭ خەلقئارا كۆمۈر سانائىتى كۆرگەزمىسى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تەسىر كۆرسەتكەن، شۇڭا، بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىمۇ گېرمانىزور كۈچ بىلەن قوللىشىغا ئېرىشكەن . كۆرگەزمىگە دۆلىتىمىز ئىچىدىكى كۆمۈرچىلىك ساھەسىدىكى داڭلىق كارخانىلار قاتنىشىشتىن باشقا، گېرمانىيە، ئامېرىكا، كانادا، ياپونىيە، شۋېتسىيە، فىنلاندىيە، ئىسرائىلىيە قاتارلىق نەچچە ئون دۆلەتنىڭ 1000دىن ئارتۇق كارخانىسىمۇ جەم بولىدىغان بولۇپ، بۇ ئالدىنقى نۆۋەتلىك كۆرگەnSزمىگە كەلگەن داڭلىق كارخانىلاردىن 200 ى ئارتۇق .

تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا، غەربتىكى كۆمۈر ئەڭ مول ، ئېچىش يوشۇرۇن كۈچى ئەڭ چوڭ بولغان جاي دەل شىنجاڭ ئىكەن . دۆلى تىمىزنىڭ كۆمۈر، قېزىلما بايلىقى مول بولغان چوڭ ئۆلكىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ، شىنجاڭنىڭ ئالدىن مۆلچەرلەنگەن كۆمۈر زاپىسى 2 تىرىليون توننىدىن ئاشىدىكەن . شىنجاڭ ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ پىلانىغا قارىغاندا، 2015-يىلغىچە، شىنجاڭنىڭ يىللىق كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 400 مىليون توننىغا يەتكۈزۈلىدىكەن .

ئىگىلىنىشىچە ، بۇ كۆرگەزمىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇرغان ،ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ، شىنجاڭ كۆمۈر باش قۇرۇش ئىدارىسى ، جېنۋېي كۆرگەزمە گۇرۇھى قاتارلىق ئورۇنلار ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان . بۇ كۆرگەزمە شىنجاڭنىڭ مۇھىم پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، نۆۋەتتە دۇنيادىكى داڭلىق كۆمۈر سانائىتى كۆرگەزمىسىگە ئايلانغان .

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش