نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىلىكترون >> يازما كۈرۈش >> 235 قېتىم كۈرۈلدى
كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ TD-LTEسىناق نوقتا شەھرى 10غا كېڭەيتىلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-05 -17
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : cnbeta.com

كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ TD-LTEسىناق نوقتا شەھرى 10غا كېڭەيتىلىپ،ئاساسىي مولازىمەت پونكىتى 20 يەتكۈزىلىدۇ.
5-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۇچۇرى، جۇڭگۇ كۆچمە خەۋەرلىشىش گوروھى باش لىدىرى لى يۆ پايچىكلار يىغىنىدا ئىپادە بىلدۈرۈپ ، جۇڭگۇ كۆچمە خەۋەرلىشىشى ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ باھا جېڭى قىلمايدۇ ، 4Gتورى قۇرۇش ئىشىدا، سىناق نوقتا شەھەرلىرىنى 10غا يەتكۈزىدۇ.لى يۆ تۇنۇشتۇرۇپ ، جۇڭگۇ كۆچمە خەۋەرلىشىشىنىڭ بىرىنچى پەسىلدىكى ئابونتلاردىن كىرىدىغان ھەر ئايلىق ئوتتۇرچە كىرىمى (ARPU) ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 3پىرسەنىت تۆۋەنلىدى ،شېركىتىمىز تۆۋەنلەش يۈزلىنىشىنى توختىتىشقا تىرىشىپ، يېڭى كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ ،بۇ ئارقىلىق ئتاۋۇش مۇلازىمىتىنىڭ كىرىمىنىڭ چۈشۈپ كېتىش تەسىرىنى ئازايتىدۇ ،دېدى.
لى يۆ ئابونتلار كۆڭۈل بۆلىۋاتقان مۇلازىمە ھەققى مەسىلىسىگە قارىتا، شېركىتىمىز باھا قېڭى قىلمايدۇ ،شېركىتىمىزنىڭ سىياسىتى بولسا سوغۇق قان بولۇش. كەلگۈسىدە مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ،بازار ئۈلۈشىنى كېڭەيتىدۇ،دېدى.
لى يۆ TD-LTE نىڭ تەرەقىيات ئەھۋالى توغرىسىدا چۈشەندۈرۈپ ،«4G ئەسلىھەلىرىنىڭ تەننەرخى 3Gنىڭكىدىن يېرىمغا يېقىن ئەرزان،ئادەتتە ئۈچتىن ئىككى قىسىمىغا يېقىن ، 4Gنىڭ ئىستىقبالى ھەقىقەتەن ياخشى،پەرىزىمىزچە ،4G تورى ۋە ئەسلىھەلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ 4Gمۇلازىمىتى شېركەتنىڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى بولۇپ قالىدۇ،دېدى.
جۇڭڭۇ كۆچمە خەۋەرلىشىشى مۇدىريەت رەئىسى چاڭ شىگو ،TD-LTEھازىر ئالتە سىناق نوقتا شەھرىدىكى ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى ،بۇ يىل سىناق نوقتا شەھەرلىرىنى 10غا يەتكۈزىمىز، پۈتۈن دۇنيادىكى 40قا يېقىن تىلگىراف شېركەتلىرى TD-LTEنىڭ 4G تورىنى تەرەققىي قىلدۇرۋاتىدۇ،دېدى.
لى يۆ تۇنۇشتۇرۇپ ،شېركىتىمىز پىلانىدا بۇ يىل ئاساسىي مۇلازىمەت پونكىتىنى 20مىڭغا يەتكۈزىدۇ ،ئەگەر ھەممە ئوڭۇشلۇق بولسا ،كېلەر يىلى ئاساسىي مۇلازىمەت پونكىتى 200مىڭغا يەتكۈزىلىدۇ ،دېدى.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش