نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىلىكترون >> يازما كۈرۈش >> 992 قېتىم كۈرۈلدى
ئالما شىركىتىنىڭ بۇ يىللىق تەكشى ئەينەكلىك كومپيىۇتېر بازىرىدىكى سالمىقى 61 پرسەنتكە يېتىدۇ
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-05 -17
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : cnbeta.com

ئامېرىكا بازىرى تەتقىقات شىركىتى iSuppli نىڭ تەھلىلچىسى رود. ئالېكساندېر بۈگۈن دوكلات ئېلان قىلىپ، ئالما شىركىتى iOS مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىشلىتىپ، پۈتۈن يەر شارى تەكشى ئەينەكلىك كومپيۇتېر بازىرىدىكى رەھبەرلىك ئورنىنى يەنە بىر قېتىم مۇقىملاشتۇردى دىگەن. iSuppli نىڭ مۆلچەرىچە، بۇ يىل پۈتۈن يەرشارىدىكى تەكشى ئەينەكلىك كومپيۇتېرنىڭ سېتىلىشى زور مىقداردا ئېىشپ 85 پرسەنتكە يېتىپ، 126 مىلىيون 600 مىڭ دانىسى سېتىپ چىقىرىلىدىكەن؛ 2013- يىلى يەنە 63 پرسەنت ئاشىدىكەن، 2016- يىلىغا بارغاندا 350 مىلىيون 400 مىڭغا دانىسى سېتىپ چىقىرىلىدىكەن.

ئالېكساندىر:«ئالما شىركىتىنىڭ ئۈسكىنىلىرى، ئىشلىتىلىشى، كۆرۈنمە چاستۇتىسى، كىتاب ۋە مۇزىكا قاتارلىق تۈرلىرى ئاللىقاچان بىر «ئېكېلوگىيىلىك سىستېما» شەكىللەندۈردى، بۇ سىستېما «ئالما شىركىتىنىڭ كۆپ رەتلىشى بىلەن ۋۇجۇدقا چىققان.9 يىل ئىلگىرىكى iPod كە iTunes Music Store نى قوشۇشتىن باشلاپ، ئەمەلىيەت بۇ شىركەتنىڭ رىقابەت رەقىبىنىڭ بۇ خىل مۇۋەپپىقىيەتنى كۆپەيتەلىشىنىڭ قىيىنغا توختايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى» دەپ بىلدۈرگەن، خەۋەر بىلەن تەمىنلىگۈچىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئالما شىركىتى كېيىنرەك بىر مەزگىلدە 7.8 ديۇيىملىق كىچىك نومۇرلۇق iPad نى بارلىققا كەلتۈرىدۇ» دىگەن.

iSuppli يەنە:«PC تەكشى ئەينەكلىك كومپيۇتېرى كېيىن كۆپىيىشى مۇمكىن، بۇ خىل مەھسۇلات ئاساسىي جەھەتتىن مىكروسوفىت Windows 8 مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ كۆپ خىل قاتتىق دېتال سەپلەنمىسىدە ئىجرا قىلىنىدۇ» دەپ مۆلچەرلىگەن. iSuppli يەنە:«PC تەكشى ئەينەكلىك كومپيۇتېرىنىڭ ئېشىشى بولسا تېخىمۇ چوڭ خاتىرە كومپيۇتېر بازىرىدىكى بىر خىل شەكىل ئۆزگىرىش، مېدىيالىق تەكشى ئەينەكلىك كومپيۇتېرلىرىنىڭ ئۆز-ئارا يىيىلىپ كېتىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. چۈنكى كېلەر يىلى PC تەكشى ئەينەكلىك كومپيۇتېرى يەنىلا مېدىيالىق تەكشى ئەينەكلىك كومپيۇتېرنىڭ رىقابەت رەقىبى بولۇشتىن خېلىلا يىراقتا قالىدۇ، سان جەھەتتە 8 مىلىيوندىن ئازراقلا كۆپ، مېدىيالىق تەكشى ئەينەكلىك كومپيۇتېرنىڭ 197 مىلىيون دىگەن سانىدىن خېلىلا ئاز بولىدۇ» دەپ قارىغان.

پاكلې بانكا تەھلىلچىسى بېن بۈگۈن ئالما شىركىتى پېيىنىڭ «ئېشىش» دەرىجىسىنى قايتا تەكىتلەپ، نىشاندىكى باھاسىنى750 دوللار قىلىپ بېكىتكەن. بازار تەتقىقات شىركىتى NPD تۈنۈگۈن دوكلات ئېلان قىلىپ، مارت ئايلىرىدا ئالما شىركىتىنىڭ Mac مەھسۇلاتىنڭ ئامېرىكا بازىرىدىكى سېتىلىش مىقدارى 13 پرسەنت تۆۋەنلىدى ـــــ ئەمما مىكروسوفىت خەلقئارا بازاردىكى ئېشىشنىڭ پايدىسىغا ئېرىشەلەيدۇ، يەنە كېلىپ ئىيۇندا سېتىلىش باھاسى 800 ئامېرىكا دوللىرى بولغان MacBook Air قاتارلىق يېڭى مەھسۇلاتلارنىڭ ئېلان قىلىنىشى، نۆۋەتتىكى تۆۋەنلەش ۋەزىيتىنىڭ پەقەتلا بىر خىل «دەم ئېلىش» ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ دەپ بىلدۈرگەن.

لېتىس يەنە، ئالما شىركىتى بۇ يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا كىچىك نومۇرلۇق iPad نى ئېلان قىلىش مۇمكىنچىلىكى ھازىر يۇقىرى بولۇۋاتىدۇ، ئېھتىماللىق 70 پرسەنت ئەتراپىدا دەپ قارىغان. ئۇ:«كىچىك نومۇرلۇق iPad ئالمىنىڭ دەرسلىك كىتاب بازىرى ۋە كۆرۈنمە چاستۇتىلىق ئويۇن بازىرىدىكى سالمىقىنى يۇقىرى كۆتىرىدۇ، بىز باھاسى بىر قەدەر تۆۋەن بولغان كىچىك نومۇرلۇق iPad نىڭ iPad ماركىسى iOS ئېكېلوگىيىلىك سىستېمىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويمايدۇ دەپ قارايمىز» دىگەن.
 

Www.AnAdiyar.Cn

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش