نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىلىكترون >> يازما كۈرۈش >> 419 قېتىم كۈرۈلدى
18 ياشلىق يىگىت تور ئويۇنى ئۈچۈن بۆرىكىنى سېتىۋەتكەن
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-05 -17
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : www.chinaz.com

18 ياشلىق يىگىت تورئويۇنىغا مەستانە بولۇپ قىلىپ،ئويۇن قوراللىرىنى سېتىۋىلىش ئۈچۈن،ھەتتا ئۆزىنىڭ بىر تال بۆرىكىنى سېتىۋەتكەن.ئۇنىڭ ئالدىدا،يەنە شۇ ئويۇن قوراللىرى ئۈچۈن،ئۆيىدىكى كومپىيۇتېرنى ئاپىرىپ ساتقان.
بۇ بالىنىڭ ھەدىسىنىڭ فامىلىسى ۋاڭ بولۇپ،بۇ يىل 20 ياشتا،نەچچە يىل بۇرۇن خاڭجۇغا ئىشلىگىلى كەلگەن.ئۇنىڭ ئۆزىدىن ئىككى ياش كىچىك بىر ئۇكىسى بار بولۇپ،بوي تۇرقى ئېگىز،قاملاشقان،بۇلتۇر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ،ھەدىسىنى ئىزدەپ خاڭجۇغا قېچىپ كېلىۋالغان.
ئاچا-ئۇكا ئىككەيلەن بىر ئېغىز ئۆينى ئىجارە ئىلىپ ئولتۇرىدۇ،ئۇكىسى سىرىتقا چىقىپ ئىشلىمەي،كۈنبويى ئۆيدە كومپيۇتېر ئوينايدۇ.ھەدىسى ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشىنى توسىدۇ،ھەمدە ئۇنىڭ قولىغا 500يۈەن تۇتقۇزۇپ،جىياڭسۇدىكى ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېتىشكە بۇيرۇيدۇ،بىراق،نەچچە كۈن ئۆتمەيلا ئۇكىسى يەنە خاڭجۇغا قايتىپ كىلىدۇ،ھەمدە خىزمەت قىلماستىن،يېنىدىكى پۇللىرىنى توردا ئويۇن ئويناشقا سەرىپ قىلىدۇ.
ئۇ يېنىدىكى پۇللىرى تۈگىگەندىن كېيىن،ئاتا-ئانىسى ۋە ھەدىسىدىن يوشۇرۇن ھالدا،ئۆزىنىڭ بىر تال بۆرىكىنى سېتىۋىتىدۇ،30-40مىڭ يۈەن پۇل تاپقاندىن كىيىن،دەرھاللا يېڭىدىن بىر كومپىيۇتېر سېتىۋالىدۇ.
ھەدىسى ئەھۋالدىن خەۋەردا ر بولغاندىن كىيىن،كېچىچە يىغلاپ چىقىدۇ، ئۇكىسىنىڭ بۇ دەرىجىدە چۈشكۈنلىشىپ كەتكەنلىكىگە قاراپ،بىردە ئىچى ئاغرىسا،يەنە بىردە ئۇنىڭغا ئۆچ بولۇپ كېتىدۇ.
تېخى نەچچە كۈن بۇرۇن،ئۇكىسى بۆرىكىنى سېتىپ تاپقان پۇللىرىنى خەجلەپ بولۇپ،كومپىيۇتېرىنى ساتماقچى بولىدۇ،بۇنى بىلگەن ھەدىسى ئۆز يىنىدىن 1500يۈەن پۇل چىقىرىپ،بىر دوستى ئارقىلىق ئۇكىسىنىڭ كومپىيۇتېرىنى سېتىۋالىدۇ،ئەپسۇس،ھەدىسىنىڭ بۇ ياخشى كۆڭلىنى ئۇكىسى بىلمەيتتى.
نەچچە كۈن ئۆتۈپ،ئۇكىسى يەنە كومپىيۇتېرنى سېتىشنىڭ غەلۋىسىنى قىلىدۇ،ھەمدە ھەدىسىگە:
مەن بىر دوستۇم بىلەن شىنجاڭغا بىرىپ ماشىنا رېمونت قىلىشنى ئۈگەنمەكچى،كومپىيۇتېرنى ساتقان پۇلنى يول خىراجىتىگە ئىشلىتىمەن دەپ جار سالىدۇ.
ھەدىسى بۇ قېتىم ئامالسىزلىقتىن ساقچىخانىغا خەۋەر قىلىدۇ،خەلق ساقچىلىرىنىڭ خىزمەت ئىشلىشى نەتىجىسىدە ئۇكىسى كومپىيۇتېرنى سېتىش نېيىتىدىن يانىدۇ،بىراق،كومپىيۇتېرنى ساتمىغان بىلەن،ئۇكىسى كېيىنكى قەدەمدە يەنە نېمە ئىشلارنى قىلار؟ئۇنىڭ كېيىنلىكى قانداق بولار؟تورئويۇنىدىن قول ئۈزەلەمۇ؟
ھەدىسى يېنىدىكى 1500يۈەن پۇلنىڭ 1000يۈەنىنى ئۇكىسىغا بىرىپ،ئۇنىڭ خاڭجۇدىن كېتىشىنى تەلەپ قىلىدۇ...
ئۇكىسىنىڭ بۇنداق بولۇپ قىلىشىدا مەسئۇلىيەت زادى كىمدە ؟!

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش