نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىلىكترون >> يازما كۈرۈش >> 261 قېتىم كۈرۈلدى
ئالاقە تورى شىركەتلىرىنىڭ يانفون ساھەسىگە سىڭىپ كىرىشىگە قانداق قارايسىز؟
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-05 -17
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : www.techweb.com.cn

تېخنىكا تورى 16- ماي خەۋىرى، يېقىندا، شېڭدا، 360، بەيدۇ، ۋاڭيى قاتارلىق بۇ تۆت ئالاقە تورى شىركىتىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفوننى مەيدانغا ئېلىپ چىقىش ئۇچۇرلىرى ئىنتايىن كۆپىيىپ، ئالاقە تورى شىركىتىنىڭ يانفون ساھەسىگە سىڭىپ كىرىشىدىكى ئاساسلىق مەقسىدى ۋە مۇۋەپپىقىيەتكە ئېرىشىش-ئېرىشەلمەسلىكى بۇ ساھەدىكى يېڭى مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلانغان. نۇرغۇن كەسپىي زاتلار، ئالاقە تورى شىركەتلىرى پەقەت ئادەم كۆپەيتىپ، مەھسۇلاتلارنى قىستۇرۇشنىلا مەقسەت قىلسا، مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشى قىيىنغا توختايدۇ دەپ قارىغان.

تۈنۈگۈن، بەيدۇ ئەنئەنىۋى ئائىلە ئېلېكتېرلىرى كارخانىسى چاڭخۇڭنىڭ بىر تۆۋەن باھالىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفوننى تەۋسىيە قىلغان بولۇپ، مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشقا فۇشىكاڭ مەسئۇل ئىكەن، جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى سېتىقا مەسئۇل ئىكەن، ھازىر ئالاقە تورى كارخانىلىرى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونى جېڭى توپىغا قوشۇلغان. شۇ كۈندىكى يەنە بىر خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ۋاڭيى ئاللىقاچان يانفون مەھسۇلات كارخانىسى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان بولۇپ، ئۇزۇنغا قالماي مىڭ يۈەندىن تۆۋەن باھالىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفوننى بارلىققا كەلتۈرىدىكەن.

مۇشۇ ھەپتىنىڭ 1- كۈنى، 360 بىلەن خۇاۋېي ھەمكارلىشىپ 360 ئالاھىدە يانفونىنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. 360 نىڭ باش مۇدىرى جۇ خۇڭۋىي مۇنداق دىگەن:«360 يانفونىغا بازارا باھاسى 3000 يۈەندىن 4000 يۈەنگىچە ئارىلىقتىكى ئاساسىي ئېقىم ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلىرىنىڭ سەپلەنمىلىرى سەپلەنگەن، ئەمما ئەمەلىي باھاسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندىمۇ 1999 يۈەن بولىدۇ».

ئۇنىڭدىن باشقا، بۇلتۇردىن باشلاپ شامال چىقىرىۋاتقان شېڭدا يانفونلىرىمۇ ئاللىقاچان ئەڭ ئاخىرقى بازارغا سېلىنىش تەييارلىق باسقۇچىغا كىرىپ بولغان. بىر خەۋەردە، 6- ئىيۇن شېڭدا يانفونلىرى رەسمىي ئاشكارىلىنىدۇ دېيىلگەن.
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش