نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىلىكترون >> يازما كۈرۈش >> 294 قېتىم كۈرۈلدى
iOS نۇسخىسىدىكى Chrome تور كۆرگۈسىگە قىزىقامسىز؟
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-05 -17
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : www.techweb.com.cn

بېيجىڭ ۋاقتى 16- ماي خەۋىرى، چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گۇگېل Chrome تور كۆرگۈسى نۆۋەتتە يەرشارىدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىكەن، ئەمما iOS سۇپىسىدا تېخى ئوتتۇرىغا چىقمىغان، يېقىندا تەھلىلچىلەر، iOS نۇسخىسىدىكى Chrome ئىككىنچى پەسىلدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ دەپ پەرەز قىلىشقان.

مېگلى پاي ھوقۇقى تەتقىقات شىركىتى 15- ماي، «تور كۆرگۈ جېڭى 2- بۆلەك: iOS نۇسخىسىدىكى گۇگېل Chrome تور كۆرگۈسى مەيدانغا چىقماقچى» دىگەن تېمىدىكى بىر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتىنى ئېلان قىلغان. دوكلاتتا، بۇ تور كۆرگۈنىڭ ئىككىنچى پەسىلدە ياكى يىل ئىچىدە مەيدانغا چىقىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن، مۇناسىۋەتلىك تەھلىلچىلەر، گۇگېلنىڭ iOS نۇسخىسىدىكى تور كۆرگۈنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە تولۇق ئاساسى بار، ھەتتا بۇ يۇمشاق دېتال تەتقىقاتى تاماملىنىپ، ئالما يۇمشاق دېتال كارخانىلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشىگە تاپشۇرۇلۇپمۇ بولغان بولۇشى مۇمكىن دەپ بىلدۈرگەن.

ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، گەرچە تور كۆرگۈ يۇمشاق دېتالى ئەسلىدىنلا ئابونتلار ئۈچۈن ھەقسىز چۈشۈرگۈ تەمىنلەپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇنى ئىشلەپچىقارغۇچى كارخانىلار بىر خىل سودا ئەندىزىسىنى ئويلاپ چىققان، مەسىلەن ئابونت پەقەت تور كۆرگۈ تونۇيدىغان ئىزدەش ماتورىدىكى ئېلاننى بىر چەكسىلا بولىدۇ، ئىزدەش ماتورى چوقۇم تور كۆرگۈ كارخانىسىغا كىرىم ئۈلۈشى بېرىشى كېرەك.

مېگلى شىركىتى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئالمىنىڭ Safari تور كۆرگۈسى تونۇيدىغان ئىزدىگۈچ بولسا گۇگىل بولۇپ، گۇگېلنىڭ ئېلان چېكىلىشىدىن كەلگەن كىرىمىنىڭ 50 دىن 50 ئۈلۈشىگىچە قىسمى، Safari نى بارلىققا كەلتۈرگەن ئالمىغا ئۈلەشتۈرۈلىدىكەن.

ئاپرېلدىكى ئۈچىنچى بىر تەرەپ تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە پۈتۈن يەرشارى بازىرىدا،Chrome تور كۆرگۈسىنىڭ ئۈلۈشى 31.2 پرسەنتكە يەتكەن بولۇپ، مىكروسوفىت IE نىڭ 34 پرسەنت دىگەن سانىغا يېقىنلىشىپ قالغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدە، Chrome ئاللىقاچان IE نى ئارقىدا قالدۇرغان.
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش