نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىقتىساد >> يازما كۈرۈش >> 406 قېتىم كۈرۈلدى
بۇ يىل بىرىنچى قارارلىق زايوم سېتىلىشنىڭ تېز بولۇشىدىكى سەۋەبلەر
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-05 -17
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : شىنجاڭ گىزتى

مالىيە مىنىستىرلىقى ۋە جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ زايوم تارقىتىش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، بۇ يىل 10-ئاپرېلدىن 23-ئاپرېلغىچە جۇڭگو سودا - سانائەت بانكىسى، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى، جۇڭگو بانكىسى، جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى ۋە بىر قىسىم پاي تۈزۈمىدىكى سودا بانكىلىرى، شەھەر سودا بانكىلىرى 30 مىليارد يۈەن دوكۇمېنتلىق زايوم تارقاتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچ يىللىق مۇددەتلىك زايومدىن 21 مىليارد يۈەن، بەش يىللىق مۇددەتلىك زايومدىن 9 مىليارد يۈەن تارقىتىلدى. ئۈچ يىللىق زايومنىڭ ئۆسۈمى %5.58، بەش يىللىق زايومنىڭ ئۆسۈمى %6.15 بولۇپ، بانكىنىڭ ئۈچ يىللىق ۋە بەش يىللىق قەرەللىك ئامانەت پۇل ئۆسۈمىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا 0.85 پىرسەنت پوئېنت ۋە 0.65 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى. ئەگەر، مەلۇم بىر مۇئامىلىدار بۇ قېتىم ئۈچ يىللىق ۋە بەش يىللىق مۇددەتتە 100 مىڭ يۈەنلىك زايوم سېتىۋالسا، ئۇ ھالدا بانكىنىڭ ئۈچ يىللىق ۋە بەش يىللىق ئامانەت پۇلىنىڭ ئۆسۈمىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا 1740 يۈەن ۋە 3250 يۈەن ئۆسۈمنى ئارتۇق ئالىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا بانكىنىڭ ھەر قېتىملىق ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش دەرىجىسى 0.27 پىرسەنت پوئېنت بولسىمۇ، بىراق، بۇ قېتىملىق زايومنىڭ پايدىسى بانكىنىڭ ئىككى قېتىملىق ئامانەت پۇل ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولدى. بۇ قېتىم زايوم تارقىتىلغان 23 كۈندە بانكىلارنىڭ تىجارەت زاللىرى مۇئامىلىدارلار بىلەن تولۇپ، زايومنىڭ سېتىلىش سۈرئىتى تېز بولدى. بۇنىڭدىكى سەۋەب تۆۋەندىكى بىرقانچە جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ.

   بۇ قېتىملىق دوكۇمېنىتلىق زايوم ئالاھىدە ئەۋزەللىككە ئىگە

  بۈگۈنكى كۈندە پاي چېكى ۋە ئۆي - زېمىننىڭ خېيىم - خەتىرى ئۈزلۈكسىز زورىيىۋاتقان ئەھۋالدا، بۇ قېتىم تارقىتىلغان زايوم مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئاۋۋال تاللايدىغان مەبلەغ سېلىش تۈرى بولۇپ قالدى. بىرىنچىدىن، زايومنىڭ ئىناۋەت دەرىجىسى يۇقىرى بولۇپ، خېيىم - خەتىرى يوق. ئىككىنچىدىن، زايوم تارقىتىدىغان پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ تور نۇقتىلىرى كۆپ بولۇپ، سېتىۋېلىش قولايلىق. ئۈچىنچىدىن، زايومنى نەق پۇلغا ئايلاندۇرۇش جانلىق، بىخەتەر، گەرچە دوكۇمېنتلىق زايومنى بازاردا ئوبوروت قىلغىلى بولمىسىمۇ، ئەمما، مۇددەتتىن بۇرۇن نەقلەشتۈرگىلى بولىدۇ. قەرز پۇلغا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالغاندا، دوكۇمېنتلىق زايومنى رەنىگە قۇيۇپ، ئەسلىدىكى زايوم سېتىۋالغان پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ تور نۇقتىسىغا بېرىپ قەرز پۇل ئېلىش رەسمىيىتىنى بېجىرگىلى بولىدۇ.

  كاپىتال بازىرىدىكى تەۋرىنىش بىر قىسىم مەبلەغ سالغۇچىلارنى زايوم سېتىۋېلىشقا ئۈندىدى

  يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيانقى نۇرغۇن مۇقىمسىز ئامىللارنىڭ تەسىرى ۋە كاپىتال بازىرىنىڭ كەلگۈسىدىكى يۈزلىنىشى ئېنىق بولمىغانلىقتىن، مەبلەغ سېلىشنىڭ خېيىم - خەتىرى بارغانسېرى زورىيىپ، بىر قىسىم مەبلەغ سالغۇچىلار زايوم سېتىۋېلىشنىڭ ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈپ، زايوم سېتىۋېلىپ خېيىم - خەتەردىن ساقلاندى. گەرچە، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى كۆپ خىل روزغار باشقۇرۇش مەھسۇلاتلىرىنى تارقاتقان بولسىمۇ، ئەمما، زايوم سېتىۋالغۇچىلار يەنىلا كۆپ بولدى. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 3 - ئايدا مەبلەغ سېلىش قەرەلىدىكى خەلق پۇلى روزغار باشقۇرۇش مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازاردىكى ئوتتۇرىچە كۆزلىگەن ئۈنۈمى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۆۋەنلىدى. مەبلەغ سېلىش قەرەلى ئۈچ ئايدىن ئالتە ئايغىچە بولغان روزغار باشقۇرۇش مەھسۇلاتىنىڭ ئوتتۇرىچە كۆزلىگەن ئۈنۈمى %5.2 بولۇپ، 2 - ئايدىكىدىن 0.1 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىگەن؛ ئالتە ئايدىن بىر يىلغىچە بولغان روزغار باشقۇرۇش مەھسۇلاتىنىڭ ئوتتۇرىچە كۆزلىگەن ئۈنۈمى 5.6 پىرسەنت پوئېنت بولۇپ، 0.2 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىگەن؛ مەبلەغ سېلىش قەرەلى بىر يىلدىن يۇقىرى روزغار باشقۇرۇش مەھسۇلاتىنىڭ ئوتتۇرىچە كۆزلىگەن ئۈنۈمى 8.2 پىرسەنت پوئېنت بولۇپ، 1.2 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىگەن.

  مەبلەغ سالغۇچىلار سېتىۋالغان زايومنىڭ قەرەلى توشقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۆسۈمى ئوخشاش قەرەلدىكى ئامانەت پۇلنىڭ ئۆسۈمىدىن يۇقىرى بولدى

  بۇ قېتىم تارقىتىلغان دوكۇمېنتلىق زايومنىڭ يىللىق ئۆسۈم نىسبىتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %5.58 ۋە %6.15،بانكىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكى ئامانەت پۇل ئۆسۈم نىسبىتىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا 0.58 پىرسەنت پوئېنت ۋە 0.65 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.

  بۇ قېتىملىق زايوم يۇقىرى مەبلەغ سېلىش قىممىتىگە ئىگە

  زايوم سېتىۋالغان كۈندىن باشلاپ، ئۈچ يىللىق ۋە بەش يىللىق زايومنىڭ ۋاقتى يېرىم يىلغا توشمىسا ئۆسۈم ھېسابلانمايدۇ، بىر يىلغا توشمىسا %0.50 بويىچە ئۆسۈم ھېسابلىنىدۇ، ئىككى يىلغا توشمىسا %3.15 بويىچە ئۆسۈم ھېسابلىنىدۇ، ئۈچ يىلغا توشمىسا %4.14 بويىچە ئۆسۈم ھېسابلىنىدۇ؛ بەش يىللىق زايومنىڭ قەرەلى تۆت يىلغا توشمىسا %5.58 بويىچە ئۆسۈم ھېسابلىنىدۇ،بەش يىلغا توشمىسا %5.85 بويىچە ئۆسۈم ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، بۇ قېتىملىق زايومنىڭ ئۆسۈمى يۇقىرى بولۇپ، يۇقىرى مەبلەغ سېلىش قىممىتىگە ئىگە.

  پاي چېكى ۋە فوند بازىرىنىڭ سىجىل داۋالغۇشى زايوم سېتىش خىزمىتىنى جانلاندۇردى

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مەبلەغ سېلىش بازىرىدا فوند ۋە پاي چېكىنىڭ باھاسى ئۈزلۈكسىز داۋالغۇپ، پايچىلارنىڭ داۋاملىق مەبلەغ سېلىش قىزغىنلىقىغا تەسىر كۆرسەتتى. ئۈنۈمى يۇقىرى ۋە دىرى ھەم ئۈنۈمىنى ساقلاپ قالىدىغان ئۇزاق مۇددەتلىك مەبلەغ سېلىش مەھسۇلاتى بولغان زايوم تەبىئىي ھالدا يۇقىرى مەبلەغ سېلىش قىممىتىنى ھازىرلىدى. شۇڭا، بىر قىسىم مەبلەغ سالغۇچىلار مەبلىغىنى پاي چېكى بازىرىدىن سۇغۇرۇۋېلىپ بانكىغا ئامانەت قويدى ياكى زايوم سېتىۋالدى، بۇنىڭ بىلەن زايومنىڭ سېتىلىشى ئىشەنچلىك مەبلەغ كاپالىتىگە ئىگە بولدى.

  زايومنى مۇددەتدىن بۇرۇن تېگىشكەندە ئۆسۈمى بانكىغا ئامانەت قويۇلغان پۇل ئۆسۈمىدىن كۆپ بولىدۇ بۇ قېتىملىق زايومنى مۇددەتتىن بۇرۇن تېگىشكەندە، زايومنىڭ ئۆسۈمى ئەمەلىي كۈن سانى بويىچە باسقۇچقا بۆلۈپ ھېسابلاپ بېرىلىدۇ ھەم مۇددەتتىن بۇرۇن تېگىشكەن زايوم سوممىسىنىڭ مىڭدە بىر پىرسەنتى بويىچە رەسمىيەت ھەققى ئېلىنىدۇ. بىراق، بانكىغا قويۇلغان ئامانەت پۇلنى مۇددەتتىن بۇرۇن چىقىم قىلغاندا ئامانەت پۇلنىڭ قەرەلىنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقى ئايرىلماي، ئۆسۈمى مۇددەتسىز ئامانەت پۇلنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە ھېسابلاپ چىقىم قىلىپ بېرىلىدۇ. شۇڭا، زايومنى مۇددەتتىن بۇرۇن تېگىشكەندە زايومنىڭ قولغا كېلىدىغان ئۆسۈمى، بانكىغا مۇددەتلىك ئامانەت قويغان پۇل ئۆسۈمدىن كۆپ بولىدۇ

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش