نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىقتىساد >> يازما كۈرۈش >> 326 قېتىم كۈرۈلدى
زامانىۋى كارخانىنىڭ بەلگىسى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-05 -17
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : شىنجاڭ گېزىتى

«زامانىۋى كارخانا»نى مۇھاكىمە قىلىدىغان بولساق، ئۇنىڭغا قويۇلىدىغان تەلەپ، ئۆلچەم ئوخشاش بولمايدۇ.

  ھازىرقى زامان كارخانىلىرى پەقەت كۆلەمنى، بازار ئىگىلەشنى، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ھەتتا مەلۇم ئالاھىدە قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرىنى سەپلەشنى ۋە پايدا نىسبىتىنىلا قوغلىشىدۇ . زامانىۋى كارخانىلارنىڭ بەلگىسى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ:

  1. يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى. يېڭىلىق يارىتىش يېڭى دەۋردىكى كارخانىلار ھاياتىي كۈچىنىڭ مۇھىم بەلگىسى. يېڭىلىق يارىتىش بولسا كارخانىنىڭ تېخنىكا ۋە تەرەققىيات يۆنىلىشىنى چۆرىدەپ، يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئۈزلۈكسىز لايىھەلەپ ۋە ئىشلەپچىقىرىپ، بازار ۋە خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىنى قامداشتىن ئىبارەت. دۆلىتىمىزدىكى كۆپ ساندىكى كارخانىلارنىڭ زامانىۋىلاشقان سېخلىرىدا يېڭىلىق يارىتىش كۈچىنىڭ كەمچىللىكىنى، زاكاس مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدىغانلىقىنى، ئەسلا مۇكەممەل مەنىدىكى زامانىۋى مۇستەقىل كارخانا ئەمەسلىكىنى بايقايمىز.

  2. خېرىدارلارنىڭ قىممەت يۆنىلىشى مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىشتىلا ئەمەس. خېرىدار مەھسۇلاتقا ئېھتىياجلىق، ئەمما، مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ياردىمى بولىدىغان مەھسۇلاتقا تېخىمۇ ئېھتىياجلىق. زامانىۋى كارخانىلار سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارنى كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىپ ۋە سېتىپلا قالماي، بەلكى ئوخشىمىغان رايونلاردىكى بازار ئەھۋالىغا، خېرىدارلار توپىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئۆزگىچە مەھسۇلات ۋە قاراتمىلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، خېرىدارلار ئۈچۈن تېخىمۇ يۇقىرى قىممەت يارىتىشى كېرەك.

  3. مۇكەممەل باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ھازىرلىشى، شەخسنىڭ ئىقتىدارىنى كوللېكتىپ ئىقتىدارغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. كارخانا قەھرىمانغا موھتاج، ئەمما، قەھرىمانغا يۆنىلىۋالسا بولمايدۇ. زامانىۋىي كارخانىلاردا ئىقتىدارلىق كىشىلەر كۆپ بولۇشى كېرەك.

  4. نەتىجە يۆنىلىشى ۋە جەرياننى باشقۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى. نەتىجە بولىشىلا كۇپايە قىلمايدۇ، جەريانمۇ بولۇشى كېرەك، پەقەت ئۈنۈملۈك جەرياننى باشقۇرۇش تۈزۈمى بولغاندىلا ئاندىن نەتىجىنىڭ ئالدىن كۆرەرلىكى ۋە كونترول قىلىشچانلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

  5. ئۆزگىرىشچان بازار رىقابىتىدە، زامانىۋى كارخانىلار بازار خېيىم - خەتىرى، تەبىئىي خېيىم - خەتەر، ئومۇمىي ئىشلار خېيىم - خەتىرى، سىياسىي خېيىم - خەتەرنىڭ كاشىلىسىغا چوقۇم ئۇچرايدۇ. خېيىم - خەتەرنى ئالدىن مۆلچەرلەش ۋە ئۇنىڭدىن مۇداپىئەلىنىش بولسا زامانىۋى كارخانىلارنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ئىقتىدارى.

  زامانىۋى كارخانىلار «پارتلاش كۈچى»گە تايىنىپلا قالماي بەلكى يەنە كەسكىن رىقابەت مۇھىتىدا ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، «بەرداشلىق بېرىش كۈچى» بىلەن توسالغۇنى بۆسۈپ ئۆتۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى كېرەك.

  6. ئىختىساسلىقلارنى تاللاش ۋە يېتىشتۈرۈش ئىقتىدارى. ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىپ ئىشلىتىش ئىگىلىكنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئاساسى. ئەمما، جەلپ قىلىش ئىختىساسلىقلارنىڭ تاللىشى ۋە تەربىيەلىنىشىنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ، چۈنكى، بۇ كارخانىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتىدىكى يادرولۇق ئامىل.

  ئومۇمەن، ھازىرقى زامان كارخانىلىرى يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى، بايلىقنىڭ ئىشلىتىلىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇشى، خېرىدارلارغا قىممەت يارىتىشى ھەم كەسپىي ساھەدىكى خېيىم - خەتەردىن مۇداپىئە كۆرۈشى كېرەك.


 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش