نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 3421 قېتىم كۈرۈلدى
ئافغانىستان نەسىلگە ئىگە ساپ نەسىللىك ۋاگجىر قويىنىڭ باھاسى يېڭى رېكورت ياراتتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-04 -29
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : www.uycnr.com

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 27-ئاپرېل يېڭىسار خەۋىرى:

يېقىندا، يېڭىسار ناھىيەسىدە ئافغانىستاندىن كىرگۈزۈلگەن بىر قويغا 12 مىليون يۈەن باھا قويۇلغان بولۇپ، بۇ تارىختىكى ئەڭ قىممەت قوي بولۇپ قالدى.

يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ ماڭشىن 3-كەنتىدىكى بەستلىك، قاۋۇل، خۇددى بىر موزايغىلا ئوخشايدىغان بۇ ساپ نەسىللىك ۋاھاڭ قويىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1.7 مېتىر، ئېگىزلىكى 1.4 مېتىر، پۈتۈن بەدىنى قاردەك ئاپئاق بولۇپ، بۈركۈتنىڭكىدەك قاڭشارلىق، ئىلمەك بۇرنى، كەڭ، ئۇزۇن قۇلىقى، چوڭ ھەم نۇرلۇق كۆزى كىشىنى ئىختىيارسىز ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ.

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn 

 

 

 

ئافغانىستان نەسىلگە ئىگە ساپ نەسىللىك ۋاگجىر قويىنىڭ باھاسى يېڭى رېكورت ياراتتى 

قوينىڭ ئىگىسى پەرھات مۇنداق دېدى: «بۇ قوينى مەن بۇلتۇر 3-ئايدا سېتىۋالغان. قوينىڭ نەسلى ساپ، قۇلىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 40 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 20 سانتىمېتىر كېلىدۇ. قوي 1-دەرىجىلىك رەڭلىك ئاق قوي بولۇپ، تۆت ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان مەزگىلدە 130~140 كىلوگرامغىچە سەمرىيدۇ ».

بۇ قوينى پەرھات ئۆتكەن يىلى 3-ئايدا ئافغانىستاندىن كىرگۈزگەن، ھازىر بۇنداق ساپ نەسىللىك ۋاھاڭ قويى ئىنتايىن ئاز بولۇپ، نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدە پەقەت پەرھاتنىڭ ئۆيىدىلا بار ئىكەن. ئىككى كۈن بۇرۇن، كورلىدىن كەلگەن بىر خېرىدار ئاتايىن بۇ قوينى سېتىۋالغىلى كەلگەن ۋە 12 مىليون باھا قويغان، پەرھات قوينىڭ ھازىر نەسللەندۈرۈش مەزگىلىدە تۇرىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، رەت قىلغان.

 

 

 

پەرھات مۇخبىرغا:«مېنىڭغۇ بۇ قوينى ساتقۇم بار، لېكىن، بۇنداق قوي دۆلىتىمىز بويىچە پەقەت مەندىلا بار. قويلارنى بۇ قوي بىلەن شالغۇتلاشتۇرساق، ئاز دېگەندىمۇ 100 مىڭ يۈندىن يۇقىرى باھاغا يارايدۇ. دېھقانلىرىمىز قوي بېقىشقا ئامراق، ھەربىر ئائىلە شالغۇتلاشتۇرسا، ئۇلارغا ھەقسىز ياردەم قىلسام، بۇ يېڭىساردىكى دېھقانلىرىمىز ئۈچۈنمۇ ياخشى ئەمەسمۇ؟!» دەيدۇ.

 

جەنۇبىي شىنجاڭدا، كىشىلەر دولان قويى بېقىشقا ھېرىسمەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، بۇ جايلاردىكى كىشىلەر ئەنئەنىۋى قويلارنى بېقىشتىن ساپ نەسىللىك دولان قويلىرىنى بېقىشقا يۈزلەندى.

خېرىدارنىڭ بىر دولان قويى ئۈچۈن 12 مىليون يۈەن باھا قويۇشىنىڭ بىر سەۋەبى، دولان قويى ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان بولۇپ، ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيادا 1000دىن كۆپرەكلا دولان قويى بار ئىكەن، يەرلىكتىكى دولان قويى بازارلىرىدىمۇ دولان قويلىرىنى 200 مىڭ~300 مىڭ يۈەنگە ساتىدىغان-سېتىۋالىدىغان ئەھۋاللار دائىم ئۇچرايدىغان بولۇپ، ھەتتا مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان ساپ، داڭلىق، ئۇرۇقلاندۇرىلىدىغان دولان قويى سودىسىمۇ بولۇپ تۇرىدىكەن. 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش