ئۈرۈمچىدە 10 بالدىن ئارتۇق بوران چىقىپ ئۈچ ئادەم قازا قىلدى
- يوللانغان ۋاقىت : 2012-04 -01
- يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
- مەنبەسى : www.uycnr.com
30-مارت سەھەردە، شەرقىي جەنۇب بورىنى ئۈرۈمچى شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدى. ئاساسىي شەھەر رايونىدا شامال كۈچى 10 بالغا، جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىغا جايلاشقان چۆڭ كۆلدە (خوڭيەنچى) شامال كۈچى 12 بالغا يېتىپ، ئۈچ ئادەم قازا قىلىپ، 80 گە يېقىن ئادەم يارىلاندى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئاساسىي شەھەر رايونىدا بوراننىڭ سېكونتلۇق سۈرئىتى 30 مېتىر بولۇپ، شامال كۈچى 10 بالغا يەتكەن. لېكىن جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىغا جايلاشقان چوڭ كۆل ئەتراپىدا بوران ئەڭ كۈچلۈك بولۇپ، بوراننىڭ سېكونتلۇق سۈرئىتى 41.2 مېتىرغا، شامال كۈچى 12 بالغا يېتىپ، تەيفېڭ بورىنىنىڭ دەرىجىسىگە يەتكەن.
ناچار ھاۋا رايى سەۋەبلىك، قاتناش بەلگىلىك تەسىرگە ئۇچراپ، شوپۇرلار ئاپتوموبىلنىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ يول يۈرۈشكە مەجبۇر بولغان. بەش يۇلتۇز يولى قاتارلىق ئۈچ جايدا يول چىراقلىرىدا كاشىلا كۆرۈلۈپ، نۇرغۇن يول بۆلەكلىرىدە قاتناش قىستاڭچىلىقى كۆرۈلگەن. بۇنىڭدىن باشقا، مۇخبىرنىڭ ئايرودۇرۇم قوماندانلىق ئىشتابىدىن ئىگىلىشىچە، 30-مارت سائەت 22 دە ، جەمئىي 83 نۆۋەتچى ئايروپىلان ئوخشىمىغان دەرىجىدە تەسىرگە ئۇچرىغان. 36 نۆۋەتچى ئايروپىلان تۇرپان، قەشقەر، دۇنخۇاڭ، قاراماي قاتارلىق جايلاردىكى زاپاس ئايرودۇرۇملارغا قونۇشقا مەجبۇر بولغان، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئۇچىدىغان 40 نۆۋەتچى ئايروپىلان كېچىكتۈرۈلگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۈرۈمچىدىن چۆچەك، كۇچا، بورتالا، قەشقەر ، غۇلجا، خوتەن ، ئاقسۇغا قاراپ ئۇچىدىغان جەمئىي يەتتە نۆۋەتچى ئايروپىلان ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ، چېڭدۇ ، لەنجۇ قاتارلىق جايلارغا قاراپ ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلار كېچىكتۈرۈلگەن.
تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ