نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىقتىساد >> يازما كۈرۈش >> 946 قېتىم كۈرۈلدى
ئىران مەسلىھەتچىسى ئىران نېفىت سېتىشقا ئامالسىز قالسا باشقا دۆلەتلەرمۇ نېفىت سېتىۋېلىشنى ئويلىمىسۇن، ..
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-01 -27
  • يوللىغۇچى : ماھىرە
  • مەنبەسى : nur.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

-ئاينىڭ 23-كۈنى، بېلگىيىنىڭ پايتەختى برۇسسېلدا، ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئالاقە ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى Ashton بىلەن لۇكسېمبۇرگنىڭ تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ئەسبون ياۋروپا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدا سۆھبەتلەشكەن. ياۋروپا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى 23-چېسلا قارار چىقىرىپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىراندىن نېفىت ئىمپورت قىلىشىنى چەكلىگەن شۇنداقلا ئىران مەركىزى بانكىسىنى جازاغا تارتماقچى بولغان.
شىنخۇا تورىنىڭ 1-ئاينىڭ 26-كۈنى تېھراندىن بەرگەن تېلېگراممىسى ئىراننىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى Khamenei نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسلىھەتچىسى ئەلى ئەكبەر ۋىلىيەت 26-چېسلا «ئىران ھەرگىزمۇ باشقا دۆلەتلەر نېفىت سېتىۋالالايدىغان، لېكىن ئىران بولسا نېفىتنى سېتىپ چىقىرالمايدىغان ۋەزىيەتنىڭ كۆرۈلۈشىگە يول قويمايدۇ.» دېگەن.
ئىران مايخار ئاخبارات ئاگېنتلىقى شۇ كۈنى ۋىلىيەتنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېگەن، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىرانغا قاراتقان يېڭى جازالاش تەدبىرى نەتىجىگە ئىگە بولمايدۇ. غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئايان، ئىراننىڭ خام نېفىتى سېتىلمىغان ئەھۋال ئاستىدا، خام نېفىتنىڭ باھاسى ئۆرلەپ كېتىدۇ. ئۇ مۇنداق بىلدۈرگەن، ئىران ئۆزىنىڭ خام نېفىت ساتالماي، باشقا رايون، دۆلەتلەرنىڭ نېفىت سېتىۋالالايدىغان ئەھۋالنىڭ كۆرۈلۈشىگە قەتئىي يول قويمايدۇ.
ئۇ مۇنداق دېگەن، غەرب ئەللىرىنىڭ سىياسەت بەلگىلىگۈچىلىرىگە ناھايىتى ئېنىق، ئۇلارنىڭ جازالاش تەدبىرى پەقەتلا سىياسىي ۋاسىتە خالاس، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىراننىڭ نېفىت ئېكسپورتىغا قارىتا يۈرگۈزگەن جازالاش تەدبىرىنىڭ ھېچقانداق بىر كىشىگە پايدىسى يوق. ئۇ يەنە « ئىران نېفىت سېتىش جەھەتتە ھېچقانداق بىر دۆلەتنىڭ غەمخورلۇقىغا موھتاج ئەمەس، چۈنكى پۈتۈن دۇنيانىڭ نېفىتكە بولغان ئېھتىياجى ھەرقاچان مەۋجۇت.»
ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى 23-چېسلا قارار چىقىرىپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىراندىن نېفىت ئىمپورت قىلىشىنى چەكلىگەن شۇنداقلا ئىران مەركىزى بانكىسىنى جازاغا تارتماقچى بولغان. بۇ قارارغا ئاساسلانغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىراندىن خام نېفىت ۋە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن نېفىتنى ئىمپورت قىلىش، يۆتكەپ توشۇشىنى، شۇنداقلا ئىراننىڭ نېفىت سودىسى ئۈچۈن مەبلەغ ۋە سۇغۇرتا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى چەكلىگەن.
ئىراننىڭ نېفىت بايلىقى مول، دۇنيا بويىچە تۆتىنچى چوڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەت شۇنداقلا OPEC تىكى ئىككىنچى چوڭ نېفىت ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەت. نېفىت بولسا ئىراننىڭ ئىقتىسادى جان تومۇرى ۋە تاشقى پېرېۋوت كىرىمىنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى، نېفىت كىرىمى ئومۇمىي تاشقى پېرېۋوت كىرىمىنىڭ %85 دىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ، ئىراننىڭ نېفىت ئېكسپورتىغا قارىتا جازا يۈرگۈزۈش ئىران ئىقتىسادىنى قايتا قۇرۇشقا مەجبۇرى قىلىدۇ.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش