نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىقتىساد >> يازما كۈرۈش >> 586 قېتىم كۈرۈلدى
%70 مەبلەغ سالغۇچى ئىران مەسىلىسىنىڭ نېفىت باھاسىغا بولغان تەسىرى چەكلىك دەپ قارىغان
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-01 -27
  • يوللىغۇچى : ماھىرە
  • مەنبەسى : nur.cn

تېڭشۈن تورىنىڭ 1-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋىرى، بامبۇ ئاگېنتلىقى ئېلىپ بارغان « Bloomberg Global Poll » پەسىللىك تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، %70 تىن كۆپرەك مەبلەغ سالغۇچىلار ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىران يادرو ئەسلىھەلىرىگە قارىتا زەربە بېرىش پائالىيەتلىرى خەلقئارا نېفىت بازىرىغا پەقەت قىسقا مۇددەتلىك تەسىر پەيدا قىلىدۇ دەپ قارىغان.
بامبۇ ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ تۈرلۈك تەكشۈرۈشى 1-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 1-ئاينىڭ 24-كۈنىگىچە ئىككى كۈن داۋام ئەتكەن بولۇپ، تەكشۈرۈشنىڭ نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، پۈتۈن يەرشارى مىقياسىدىكى 1209 نەپەر تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغان مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئىچىدە، پەقەت تەخمىنەن 31 قىسىم كىشى ئىران يادرو مەسىلىسى خام نېفىت بازىرىدا كۈچلۈك داۋالىغۇچ پەيدا قىلىدۇ ھەمدە يەرشارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي كرىزىس كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دەپ قارىغان.
بۇ قېتىمقى بامبۇ ئاگېنتلىقىنىڭ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى Selzer & Co. مەسئۇل بولۇپ كونكرېت يولغا قويغان بولۇپ، مەزكۇر شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى J. Ann Selzer مۇنداق دېگەن، گەرچە رايون خاراكتېرلىك توقۇنۇش بىر قەدەر ئۇزۇن مەزگىل نېفىت بازىرىغا تەسىر ئېلىپ كەلسىمۇ، لېكىن مەبلەغ سالغۇچىلار شۇنىڭغا ئىشىنىدۇكى، باشقا نېفىت ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەتلەر خام نېفىت مىقدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، بۇ ئۈنۈملۈك ھالدا ئىران مەسىلىسى ئېلىپ كەلگەن تەسىرنى ئازايتىدۇ.
تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، %46 تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغۇچىلار مۇنداق قارىغان، ئۇلار كەلگۈسى 6 ئاي ئىچىدە ھازىرقى نېفىتكە سالىدىغان مەبلەغنى ساقلاپ قالىدىكەن، لېكىن %21 كىشى ئۆزلىرىنىڭ نېفىتكە سالىدىغان مەبلىغىنى تېخىمۇ كۆپەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، پەقەت %17 كىشىلا ئۆزلىرىنىڭ نېفىتكە سالىدىغان مەبلىغىنى ئازايتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، %43 قوبۇل قىلغۇچى خام نېفىت باھاسىدا كەلگۈسى 6 ئاي ئىچىدە ئۆسۈش كۆرۈلىدۇ دەپ قارىغان، بىراق %22 قوبۇل قىلغۇچى ئوخشاش مەزگىلدە خام نېفىتنىڭ باھاسىدا تۆۋەنلەش كۆرۈلىدۇ دەپ قارىغان.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش