نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىقتىساد >> يازما كۈرۈش >> 465 قېتىم كۈرۈلدى
ياۋرۇ رايونى تېخىمۇ كۆپ ئىقتىسادىنى قوزغىتىش سىياسىتىگە موھتاج ئىكەن
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-01 -27
  • يوللىغۇچى : ماھىرە
  • مەنبەسى : nur.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

ياۋرۇ رايونى تېخىمۇ كۆپ ئىقتىسادىنى قوزغىتىش سىياسىتىگە موھتاج ئىكەن
ئىقتىسادشۇناس مەبلەغ سالغۇچى جاۋىجنىڭ 25-چېسلا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى مەزگىلىدە كۆرسىتىشىچە،ياۋرۇ رايونى قوللانغان مالىيە ئىقتىسادنىڭ ئومۇمى قۇرۇلمىسى بىلەن تەڭشەش گەۋدىسى تازا مۇكەممەل ئەمەسكەن،شۇ يەنە بىر قېتىم نۇرغۇنلىغان ئىقتىسادنى قوزغىتىش سىياسىتىگە موھتاج ئىكەن.
جاۋىجنىڭ شۇ مەزگىلىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق چۈشلۈك ئارامدا كۆرسىتىپ،ياۋروپا مەركىزى بانكىسى يېقىندا قوللانغان ئىقتىسادنى قايتا ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش چارىسى ناھايىتى ئۈنۈملۈك ھالدا بانكا سىستېمىسىدىكى جىددىيلىكنى ھەل قىلالايدۇ،ئەمما مەسىلە پەقەت يېرىمىنى ھەل قىلىشتا.ياۋرۇ رايونىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئۆتكۈنچى مالىيە جىددىيلىكى ئېلىپ كەلگەن سىياسەت ۋە جەمئىيەت مەسىلىسى بەلكىم ياۋروپانى دەپنە قىلىۋېتىشى مۇمكىن.
ئۇنىڭ قارىشىچە،ئىلگىرىكى ياۋرۇ رايونى كرىزىسىنىڭ كېلىش مەنبەسى بولسا ياۋرۇنىڭ لايىھىلىنىش مەسىلىسى.ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە:نۆۋەتتىكى 《ماسىت شەرتنامىسى》 ياۋروپا رايونى پۇلىنى لايىھىلىگەن بولۇپ،ئەمما پۇل بىرلىككە كەلگەن بىلەن مالىيە ئىتتىپاقى بىرلىككە كەلمەپتۇ.ياۋرۇ رايونىنىڭ بىرلىككە كەلگەن مەركىزى بانكىسى بار،لېكىن بىرلىككە كەلگەن مالىيە ئورگىنى يوق.
ئۇنىڭ قارىشىچە،ياۋرۇنىڭ بىنا بولۇشى ئىقتىساد بازىرىدىكى نەزەرىيە جەھەتتىن قارىغاندا،بۇ خىل نەزەرىيىنىڭ قارىشىچە پەقەت ئاممىۋى سىستېما بولغاندىلا ئاندىن تەڭپۇڭسىزلىق كېلىپ چىقىدىكەن،ئەمما ئاممىۋى سىستېمىنىڭ تەڭپۇڭسىز ھالىتىگە نىسبەتەن باسقۇچ يېتەرلىك بولۇپ،شۇنىڭ ئۈچۈن ھۆكۈمەت قەرزى دائىم باشقىلار تەرىپىدىن خەتەرسىز دەپ قارىلىدىكەن،بانكا بولسا پەقەت مۇشۇ قەرزگە تايىنىدىكەن،ئەمما تەييارلىق فوندىنى ئىشلەتمەيدىكەن.
ئۇنىڭ قارىشىچە ياۋرۇ ئەڭ دەسلەپ پەيدا بولغاندا،ياۋروپا مەركىزى بانكىسىمۇ ئوخشاش بولغان شەرتنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ قەرز زايومىنى قوبۇل قىلىپتۇ،بۇ بانكىغا نۇرغۇن ھەرىكەتچان كۈچ بېرىپ خەتەرلىك بولغان دۆلەت قەرزىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ،ۋە پەرققە ئېرىشىپتۇ.بۇ يەنە ياۋرۇ رايونى ئۆسۈمىنى تۆۋەن ئورۇندا ساقلاپ كەپتۇ.ئەمما بۇ خىل مۇھىت ئاستىدا،ياۋرۇ رايونى دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىدا پەرق كۆرۈلۈپ،گېرمانىيە قۇرۇلما تەڭشەش تەجرىبىسى ئارقىلىق رىقابەت كۈچىنى كۈچەيتىپتۇ.ئەمما باشقا دۆلەتلەردە كاپىتالنىڭ پاخاللىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپتۇ.ھەمدە ياۋرۇنى بولسا كرىزىسىنىڭ ئاساسى مەنبەسى قىلىپ قۇيۇپتۇ.
ئۇنىڭ قارىشىچە،كۆز ئالدىدىكى كرىزىس ئەھۋالىنى ھەل قىلىشنى ئويلىسا،بىر تەرەپتىن چوقۇم بىر قەدەر كەسكىن بولغان مالىيە ئىقتىساد سىياسىتى بىلەن جىددىي چارە قوللىنىپ،يەنە بىر تەرەپتىن،يەنىلا نۇرغۇن ئىقتىسادىنى قوزغىتىش چارىسىغا تايىنىدىكەن.ئەزا دۆلەتلەر جىددىي بولغان چارىنى قوللىنىش بىلەن بىرگە،قوزغىتىش چارىسى ئارقىلىق ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كرىزىسىنى ھەل قىلماقچى ئىكەن.
ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە،ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ياۋروپا ئىتتىپاقى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا بىرلىككە كەلگەن مالىيە ئىتتىپاقى كېلىشىمىنى قوللىنىش ئارقىلىق توغرا بولغان يۆلىنىشكە قاراپ ئىلگىرىلەيدىكەن،ئەمما يەنە نۇرغۇنلىغان ئارقا سەپ خىزمىتىگە تايىنىدىكەن.ئۇنىڭ مۇراجىئەت قىلىشىچە،ياۋروپا رايونى تىزدىن ياۋرۇ زايومىنى ئىلگىرى سۈرۈپ،ناھايىتى ئۈنۈملۈك ھالدا ئىقتىساد مەنبەلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈشى ۋە قەرزى كۆپ دۆلەتلەرنى قەرز بىلەن تەمىنلىشى كېرەك ئىكەن

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش