نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> تەنتەربىيە >> يازما كۈرۈش >> 1072 قېتىم كۈرۈلدى
فىرانسىيە بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيۇنى لېر كوماندىسى يىڭى توپچى كىرگۈزدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-01 -19
  • يوللىغۇچى : ماھىرە
  • مەنبەسى : nur.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

نولانىرو

ئالدىنقى پەسىللىك فىرانسىيە ئا دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيۇنى لېر كوماندىسىنىڭ 17-يانۋار ئىلان قىلىشىچە،كوماندا بۇلىسىت كوماندىسىنىڭ ئەڭ ياخشى ھوجۇمچىسى نولانرۇنى قۇشۇۋالغان بولۇپ،لېر كۇلۇبى يۆتكىلىش ھەققى ئۈچۈن 8 مىليۇن ياۋرۇ تۆلىگەن.

بۇ يىل 23 ياشقا كىرگەن نولانرۇ ئىلگرى فىرانسىيە 21 ياشلىقلار كوماندىسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ،مەيداندىكى ئورنى ھوجۇمچى،ئۆتكەن يىلى يازلىق يۆتكىلىشتە گېرمانىيە بىرلەشمىسىدىكى شارىك 04 كۇلۇبىغا يۆتكىلدىغانلىغى توغرىسىدا خەۋەرلەر تارقالغان،بىراق ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا فىرانسىيدە قالغان،ھەمدە فىرانسىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى كۈچلۈك كوماندا لېر كوماندىسى بىلەن 4 يىللىق توختام تۈزگەن.
لېر كوماندىسىغا يۆتكەلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان نولانىرو«مەن بۇ يەردە(بۇلىسېت كوماندىسى) دا ئۆتكۈزگەن چاغلىرىمنى ئۇنۇتمايمەن»دىدى.
نولانرو 2009-يىلى رانسىت كوماندىسىدىن بۇلسېت كوماندىسىغا يۆتكەلگەن،ھەمدە بۇلىسېت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 80 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ،25 توپ كىرگۈزگەن.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش