سوخۇ تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، Telefonaktiebolaget LM Ericsson نىڭ ئېلان ئەڭ يېڭى دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، 2011-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە بولغان ۋاقىتتا، كۆچمە ئەسلىھەلەرنىڭ سانى 10 ھەسسە كۆپىيىدىكەن. ئاساسلىقى سىنلىق قوزغىتىش بولۇپ، كۆچمە تور ئابونتلىرى ھەي يىلى %60 لىك سۈرئەت بىلەن ئېشىپ بارىدىكەن. 2011-يىلى 900 مىليون كۆچمە تور ئابونتى 2016-يىلىغا بارغاندا، 5 مىلياردقا يېتىدىكەن.
Telefonaktiebolaget LM Ericsson پۈتۈن يەرشارىدىكى 180 دۆلەتتىكى 1000غا يېقىن كۆپ خىل تورغا نىسبەتەن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. مەزكۇر تەكشۈرۈش ئابونت كۆچمە ئاۋاز ۋە كەسپىي ئېقىم قاتارلىقلارغىمۇ تۇتىشىدىكەن. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2011-يىلى 3-پەسىلدە، پۈتۈن يەرشارىدىكى كۆچمە تېلېفوننىڭ ئومۇملىشىشى %82 كە يەتكەن بولۇپ، كۆچمە تېلېفون ئابونتى 5 مىليارد 800 مىليون نەپەر بولغان.
دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، نۇرغۇنلىغان ئابونتلار كۆپ خىل كۆچمە ئەسلىھەلەرگە ئىگە بولۇپ، ئەمەلىي ئابونت سانى 3 مىليارد 900 مىليون نەپەر ئىكەن.
2011-يىلى 3-پەسىلدە پۈتۈن يەرشارىدىكى كۆچمە ئابونتلارنىڭ سانى 135 مىليون نەپەر ئاشقان بولۇپ، ھىندىستاندا 2 مىليون نەپەر، جۇڭگودا 3 مىليون نەپەر ئاشقان. ئۇنىڭدىن باشقا،م ئېشىش سۈرئىتى كۆرۈنەرلىك بولغان جايلار ھىندونېزىيە، برازىلىيە ۋە بېنگال قاتارلىقلار ئىكەن. ئومۇملىشىش نىسبىتى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، غەربىي ياۋرۇ رايونىدا %100 كە يەتكەن بولۇپ، لاتىن ئامېرىكىسىدىمۇ %100 كەت يەتكەن. شىمالىي ئامېرىكىدا %75 بولۇپ، جۇڭگودا %69 ، ھىندىستاندا %70، جەنۇبىي ئافرىقىدا %50 ئىكەن.
2016-يىلىغا بارغاندا، پۈتۈن يەرشارىدىكى %30 نوپۇس كىشىلەر چوڭ شەھەر ۋە شەھەر رايونلىرىغا ئومۇملىشىدىغان بولۇپ، ھەر كۋادرات كىلومېتىر يەردىكى نوپۇس زىچلىقى 1000 ئادەمدىن ئېشىپ كېتىدىكەن. ئومۇمىيلىقتىن قارىغاندا، بۇ بىر قىسىم رايونلارنىڭ كۆلىمى پۈتۈن يەر شارى قورۇقلۇق كۆلۈمنىڭ %1 كىمۇ يەتمەيدىغان بولسىمۇ، ئەمما پۈتۈن يەرشارىدىكى كۆچمە ئېقىمنىڭ %60 نى ئىگىلەيدىكەن.
كۆچمە تور، ئەقلىيفۇننىڭ بارلىققا كېلىشى، سىستېمىلارنىڭ ئېشىپ بېرىشى ئاقىۋەتتە، سانلىق مەلۇماتنىڭ ئىستېمالىنى ئاشۇرۇۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۇنيادىكى ھەرقايسى جايلاردا ئەقلىيفۇننىڭ نىسبىتى ئېشىپ بارغان. Telefonaktiebolaget LM Ericsson نىڭ مۆلچەرىچە، 2016-يىلىغا بارغاندا، ئەقلىيفۇننىڭ سانلىق مەلۇمات ئېقىمى 12 ھەسسە ئېشىپ بارىدىغان بولۇپ،تەخمىنەن كۆچمە PC نىڭ سانلىق مەلۇمات ئېقىمى بىلەن تەڭلىشىپ قالىدىكەن.
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610 TEL:13899847776