نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىلىكترون >> يازما كۈرۈش >> 580 قېتىم كۈرۈلدى
ئالمىنىڭ خىزمەتچىلىرى iPhone بىلەن iPadنىڭ توك زەرەتلىگۈچىسىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ دېدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-12 -31
  • يوللىغۇچى : ماھىرە
  • مەنبەسى : nur.cn

الما شىركىتىنىڭ iPhone بىلەن iPadنىڭ توك زەرەتلىگۈچىسىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولامدۇ؟ ئالما شىركىتىنىڭ تېخنىكىغا مۇناسىۋەتلىك خادىملىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولمايدىكەن. ئىككى زەرەتلىگۈچنىڭ توك كۈچى ئوخشىمايدىغان بولۇپ، بىرىنىڭ بولسا بىر ئامپېر، يەنە بىرىنىڭ بولسا 2.1 ئامپېر ئىكەن، ئارىلاشتۇرۇپ توك زەرەتلىگەندە يانفون باتارېيىسىنىڭ ئۆمرىنى قىسقارتىۋېتىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئالمىنىڭ iPhone بىلەن iPadنىڭ توك زەرەتلىگۈچىنىڭ كۆرۈنۈشى ئوخشاش بولغاچقا، iPhone بىلەن iPadنى تەڭ ئىشلىتىدىغانلار دائىم ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىدۇ. «بۇ ئىككى زەرەتلىگۈچ ئوخشىشىپ كېتىدۇ، بىز ئۆزىمىزمۇ قايسىسىنىڭ قايسىسىغا چۈشىدىغانلىقىنى ئايرىيالماي قالىمىز.» لى خانىم چۈشەندۈرۈپ شۇنداق دېدى، ئۇ توك زەرەتلىگەن ۋاقىتتا ئەزەلدىن بۇ ئىككىسىنى ئايرىپ ئىشلىتىپ باقمىغان ئىكەن.

ئالمىنىڭ تېخنىكىغا مۇناسىۋەتلىك خادىمى Miko زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى، ئەسلى زاۋۇتتا ئىشلەنگەن ئىككى توك زەرەتلىگۈچنىڭ توك كۈچى ئوخشاش بولمىغاچقا، ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، بولمىسا باتارېيىنىڭ ئۆمرى قىسقىراپ كېتىدۇ. ئۇ iPhoneنىڭ توك زەرەتلىگۈچىنىڭ توك كۈچى بىر ئامپېر ئىكەنلىكىنى، ئەمما iPadنىڭ توك زەرەتلىگۈچىنىڭ توك كۈچى 2.1 ئامپېر ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى، iPadنىڭ توك زەرەتلىگۈچىنىڭ توك كۈچى iPhoneنىڭ توك زەرەتلىگۈچىنىڭ توك كۈچىدىن ئىككى ھەسسىدىن كۆپرەك يۇقىرى بولغاچقا، ئەگەر iPadنىڭ توك زەرەتلىگۈچى بىلەن iPhone يانفونىغا توك زەرەتلەنسە، iPhone يانفونىنىڭ باتارېيىسىنىڭ ئۆمرىنى قىسقارتىۋېتىدۇ. ئەكسىچە iPhoneنىڭ توك زەرەتلىگۈچى بىلەن iPadقا توك زەرەتلەنسە، ئوخشاشلا iPadنىڭ ئىشلىتىش ئۆمرىنى قىسقارتىۋېتىدۇ.

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش