نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىلىكترون >> يازما كۈرۈش >> 457 قېتىم كۈرۈلدى
iPad 3 بەلكىم 1-ئاينىڭ 26-كۈنى بازارغا سېلىنىشى مۇمكىن، بۇنىڭغا 8 مىليون توچكىلىق كامېرا بېشى سەپلەنگەن
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-12 -31
  • يوللىغۇچى : ماھىرە
  • مەنبەسى : nur.cn

چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تەيۋەن رايونىدىكى ئەھۋالدىن خەۋەردار ئەربابلارنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلگەن تۇنجى خەۋەردە، ئالما 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى Macworld|iWorld كۆرگەزمىسىدە ئىككى نۇسخىدىكى iPad 3 تاختا كومپيۇتېرنى بازارغا سالىدىكەن.

ئالما 2009-يىلىدىن بۇيان Macworldقا ئوخشاش كۆرگەزمىدىن چېكىنىپ چىققان بولغاچقا، ئالما بۇ كۆرگەزمىدە ئۈچىنچى ئەۋلاد تاختا كومپيۇتېرنى بازارغا سېلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىكەن.

ئالما ئۆزىنىڭ يولى بويىچە مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىدىغان بولۇپ، ئاساسلىقى پارچە سېتىش سودىگەرلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئاممىغا سېتىپ بېرىشىگە تايىنىدۇ. بىراق ئالما 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى ياكى شۇنىڭدىن ئىلگىرى كېيىن ئالاھىدە بىر قېتىملىق مەھسۇلاتلىرىنى ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىشى مۇمكىن ئىكەن.

بۇ خەۋەردە ئالمىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ئەھۋالدىن خەۋەردار ئەربابنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېيىلگەن، يېڭى تىپتىكى تاختا كومپيۇتېر iPad 2نىڭ قاتارىغا كىرىدۇ. ئامازوننىڭ Kindle Fire بىلەن رىقابەتلىشىشى ئۈچۈن iPad 2 كېلەر يىلى تېخىمۇ ئەرزان باھادا سېتىلىدۇ.

iPad 3كە كەلسەك، ئەھۋالدىن خەۋەردار ئەربابنىڭ ئېيتىشىچە، iPad 3كە ئىلگىرى كوچا پاراڭلىرىغا ئوخشاش 7.85 سۇڭلۇق ئېكران سەپلەنمەيدىكەن، ئەكسىچە iPad 3كە ئىلگىرىكى iPad 2گە ئوخشاش 9.7 سۇڭلۇق ئېكران سەپلىنىدىكەن، بىراق ئۇنىڭ توچكا سانى كۆپرەك بولىدىكەن. يېڭىدىن سەپلەنگەن ئېكران QXGA دەرىجىسىدە بولۇپ، ئېنىقلىق نىسبىتى 1536 x 2048 بولىدىكەن.

سامسۇڭ iPad 3نىڭ ئۈچ زاكىسىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. سامسۇڭ بىر قىسىم ئېكران، 5 مىليون توچكىلىق كامېرا بېشى سېنزورى(تۆۋەن سەپلىمىلىك iPadقا ئىشلىتىلىدۇ) ۋە تۆت نېگىزلىك A6 بىر تەرەپ قىلغۇچ بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

سونىيدىن ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئۇلار iPad 3كە ئىشلىتىش ئۈچۈن 8 مىليون توچكىلىق سۈرەت سېنزورى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

ئاخىرىدا Simplo Techology ۋە Dynapack International Technology قاتارلىق شىركەتلەر ئالمىنى سىغىمى 14 مىڭ مىللىي ئامپېرلىق باتارېيە بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. نۆۋەتتە iPad 2نىڭ باتارېيىسى 10 سائەت ئىشلىتىشكە يېتىدۇ.

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش