تېپشماقلار دۇنياسى قۇرۇلغىلى
تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق.
  • دادىسى بالىسىنى ئەدەپلىك چوڭ قىلىش ئۇچۇن دائىم ئۇنىڭغا ياخشى تەربىيىلەرنى قىلىدىكەن.تاماق يېيىشنىڭ ئالدىدا ۋە كىينىدە قولىنى يۇيۇش، كوچا ئابتۇبۇسلىرىدا چوڭلارغا ئورۇن بىرىش ....قاتارلىق . بالىمۇ دادىسىنىڭ تەربىيىسىدە شۇنداق ئەدەپلىك چوڭ بوپتۇ . بىر كۇنى ئۇ بالا دادىسى بىلەن بىر كوچا ئاپتۇبۇسىغا چىققاندا  بىر ئايالغا ئورۇن بوشۇتۇپ بىرىپتۇ. لىكىن دادىسى بۇنى كۆرۇپ ئۇ بالىنى بىر شاپىلاق ئۇرۇپتۇ..!

    سۇئال: دادىنىڭ بالىسىنى ئۇرۇشىنىڭ سەۋەبى نېمە؟


    تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق.
  • بەش ئەسكەر ئات چاپتۇرۇپتۇ چاڭ چىقارماي،
    بىر قاسساپ قوي ئۆلتۈرۈپتۇ قان چىقارماي.
    بىر پادىشاھ يۇرت سوراپتۇ ئۈن چىقارماي،
    بىر قىز دەپتۇ كىم مېنى ئالالايدۇ بىر پۇڭ چىقارماي.
        بۇنىڭ جاۋابى تۆت دەيدۇ،لېكىن پەقەت تاپالمىدىم،ياردەم قىلساڭلار!سۆيۈملۈك تورداشلىرىم!

    تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق.
  • بىر ئىكىسپىدىتسىيىچى تۇرغان جايىدىن جەنۇپقا قاراپ بىر مىل يول يۇرۇپتۇ ، ئاندىن شەرىققە قايرىلىپ بىر ھازا ماڭغاندىن كىيىن يەنە شىمالغا بۇرۇلۇپ بىر مىل يول يۇرۇپتۇ ،نەتىجىدە ئۇ ئۆزى سەپەرنى باشلىغان جايغا بىرىپ قاپتۇ ، ھەم بۇ يەردە بىر ئېيىق بىلەن دوقۇرشۇپتۇ .

          سۇئال :ئىكىسپىدىتسىيىچى ئۇچراتقان ئېيىقنىڭ رەڭگى قانداق ؟


    تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق.
  • قانچە كۇندە كىسىپ بولىدۇ؟


          (1)     ئون مىتېر رەخىتنى كۇنىگە بىر مېتىردىن كېسىپ چېقىرۋەتسە ، قانچە كۇندە كېسىپ تۇگەتكىلى بولىدۇ ؟


    قانچە مۇشۇك لازىم


        (2) ئەگەر ئۇچ مۇشۇك ئۇچ كۇندە ئۇچ چاشقان تۇتالىسا ، 100 كۇندە 100 چاشقان تۇتۇش ئۈچۈن قانچە مۈشۈك لازىم بولىدۇ ؟


    تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق.


  •           بىر تەخسىدە بەش ئالما بار . ئۇنى بەش بالىغا بىردىن بۆلۇپ بىرىش

    كىرەك . لېكىن بىر ئالمىنى تەخسىدىن ئايرىماسلىق ھەمدە ئالمىنى ئوتتۇردىن كەسمەسلىك لازىم بولسا ، بۇ ئالمىلارنى قانداق تەخسىم قىلىش كىرەك ؟


    تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق.
  • 1- مايمۇن ساناش

            مەلۇم بىر ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى بەش تۆمۈر قەپەزدە جەمئى 15 مايمۇن بار بولۇپ ، ھەر بىر قەپەزدىكى مايمۇنلارنىڭ سانى ئوخشىمايدۇ . سىز ھەر بىر قەپەزدە قانچىدىن مايمۇن بارلىقىنى تاپالامسىز؟

     

    بۇ سۆز توغرىمۇ ؟


          بىر كىشى : مەندە 100 ئالما بار ئىدى ، ئالمىلارنى سانىنى ئوخشاش قىلماي 15 سېۋەتكە قاچىلىدىم ، - دەيدۇ . بۇ سۆز توغرىمۇ ؟ نېمە ئۈچۈن ؟


    تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق.