19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئارلىقتا، ئىلىنىڭ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتى بىلەن بولغان باردى - كەلدىسىنىڭ كإپىيىشى ھەمدە سودىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، غولجا شەھىرىنىڭ نوپوسى كإپىيىپ، دائىرىسى كېڭىيىپ، يېڭى -يېڭى مەھەللىلەر بارلىققا كەلدى ۋە كېڭىيىشكە باشلىدى. ئەنە شۇ ئاھالىلەر رايونىنىڭ بىرى غولجا بايانداي يولىنىڭ (ھازىرقى ئازاد يولى) ساي بويىدىن موسا بايۇفلار تېرە زاۋۇتىغىچە بولغان ئارلىقتىكى يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە جايلاشقان مەھەللە ئىدى. بۇمەھەللىنىڭ ساي بويىدىن ھازىرقى غولجا قاتناش بىكىتىگىچە بولغان ئارلىقىدا ئاھالىلەر بىر قەدەر زىچراق ئولتوراقلاشقان ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە تىجارەتچىلەر، ھإنەرۋەنلەر، ھارۋىكەشلەر، دېھقانلار كإپ ساننى ئىگەللەيتى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك موسۇلمان ئاھالىلەر بولغاچقا، مەھەللىدە ئالدى بىلەن مەسچىتكە ئېھتىياج توغۇلدى. 1895- يىلى ھۈسەيىن باي، كەنجە قوم، ياقۇپ ئاخون قاتارلىق يورت چوڭلىرىنىڭ تەشەببوسى ، كەنجە قومنىڭ باشلامچىلىقىدا ھازىرقى 2- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئالدىغا تاختايلىق قىلىپ بىر مەسچىت سېلىندى. 1903- يىلى يۇرت جامائىتى بو مەسچىتنىڭ ئارقا تەرىپىگە ئاستى تاختايلىق ، ئالدى تەرىپى ئەينەك دېرىزىلىك قىلىپ ئىككى سىنىپ سالدى ۋە شۇ يىلى 50 نەپەر ئوقوغۇچى قوبول قىلىنىپ ئوقوش باشلاندى. سىنىپلار ساۋاتسىزلار سىنىپى ۋە چالا ساۋاتلار سىنىپلىرىغا بإلۈندى. چالا ساۋاتلىقلار شو چاغدىكى موللاملارنىڭ ئإيىدە ئاز - تولا ساۋادىنى چىقارغانلار ئىدى. بو مەكتەپتە دىن دەرىسى ئاساس، پەن دەرىسلىرى قوشومچە ئإتۈلدى. پەيزاۋات ناھىيىسىدىن چىققان شاكىر ئاخون خەلپەتلىك قىلدى، ئۇنىڭ قىينى ئىنىسى ئابدۇللا تالىپ ياردەمچى خەلپەت، كەنجە قوم مۈتىۋەللى ئىدى. 1910- يىلىغىچە بو يەردە نورغون كىشىلەر تەربىيىلەندى. 1910- يىلى شاكېر ئاخون ۋاپات بولوپ، مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇشى بىر مەزگىل توختاپ قالدى. 1911- يىلى، كەنجى قوم روسىيىنىڭ ئوچا شەھىرىدىن سۈيدۈڭگە كېلىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان رەپىق ئەپەندى بىلەن ئايالى شەپىقە (تاتار) خانىمنى بۇ مەكتەپكە ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلدى. ئۇلار كەلگەندىن كېيىن، مەكتەپكە بىر سىنىپ ئوغول، بىر سىنىپ قىز ئوقۇغۇچىلار قوبول قىلىنىپ ئانا تىل، ھېساب، تارىخ ۋە دىن دەرىسلىرى تەسىس قىلىندى. قىزلارغا شەپىقە خانىم دەرس ئإتتى. ئەينى يىللاردا مۇتىخان، پاشايىم، زەينەپ ئابدىۋا، سولتانخانلار ئاشو مەكتەپتە ئوقوغان. شۇندىن ئىتىبارەن، بۇ مەكتەپ پەن دەرىسلىرىنى ئاساس، دىن دەرىسلىرىنى قوشومچە ئۆتىدىغان يېڭىچە مەكتەپكە ئايلاندى. كېيىنچە <<ئۈچ دەرۋازا مەكتەپ>> دېگەن نام بىلەن تونولۇشقا باشلىدى. |