شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ خەۋىرى.يېقىندا ئېلان قىلىنغان ‹‹ دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مۇددەتلىك مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىيات پىلانى تېزىسى (2010 – يىلىدىن 2020 – يىلىغىچە) ئاشكارا پىكىر ئېلىش نۇسخىسىغا ئاساسەن، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا نۇقتىلىق مەكتەپ ۋە نۇقتىلىق سىنىپ تەسىس قىلىشقا بولمايدۇ. پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: تەكشى تەرەققىي قىلىش مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىسى. مەجبۇرىيەت مائارىپى دائىرىسىدىكى مەكتەپلەرنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ،ئوقۇتقۇچى، ئۈسكۈنە، كىتاب، مەكتەپ بىناسى قاتارلىق بايلىقلارنى تەكشى تەقسىملەش كېرەك. پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا: مەكتەپلەرئارا پەرقنى ھەقىقىي كىچىكلىتىپ، مەكتەپ تاللاش مەسىلىسىنى تىرىشىپ ھەل قىلىش؛ ئاجىز مەكتەپلەرنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش ناھىيە (رايون) ئىچىدە ئوقۇتقۇچى،مەكتەپ مۇدىرلىرىنى ئالماشتۇرۇش تۈزۈمىنىى يولغا قويۇش؛ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سانىنى رايون ئىچىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە مۇۋاپىق تەقسىملەش چارىسىنى يولغا قويۇش؛ ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ يېقىن ئەتراپتىكى ھۆكۈمەت مەكتەپلىرىدە ئوقۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا، پۇقراۋى مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۇلارغا تاللاش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. (تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |