![]() شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11– نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2– يىغىنىغا قاتناشقان ئۈرۈمچى ۋەكىللەر ئۆمىكى ھۆكۈمەتنىڭ ۋە ئىككى مەھكىمىنىڭ خىزمەت دوكلاتىغا قاراپ چىقتى. ۋەكىل ئارزىگۈل رەھىم تەكلپ بېرىپ مۇنۇلارنى دېدى: ‹‹ئالدىنقى مەزگىللەردە ، خىزمەت سەۋەبىدىن جەنۇبىي شىنجاڭغا باردىم. بىر ‹‹قوش تىل›› مەكتىپىگە بىرسىنى ئىزلىمەكچى بولۇپ بارغانىدىم. بىر نەچچە بالا تۇغان يەرگە بېرىپ خەنزۇچە ‹خەنزۇ ئوقۇتقۇچۇڭلار قېنى؟› دەپ سورىغىنىمدا ، ئۇلار قويۇق سىچۈەن تەلەپپۇزىدا ‹قايسى ئوقۇتقۇچى ؟› دەپ قايتۇردى. ئاڭلاپ ھەيران قالدىم. كېيىن ئۇقسام ئۇلارغا بىر سىچۈەنلىك ئوقۇتقۇچى دەرسكە كىرىدىكەن. بىر نەچچە يىللىق تىرىشىش نەتىجىسىدە، بىز ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. ئەلۋەتتە، قوش تىلغا ئىگە ئىختىساس ئىگىلىرىنى تېخىمۇ كۆپ يېتشتۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن بىز بىر جەڭگىۋار ، سەۋىيىلىك ‹‹قوش تىل››ئوقۇتقىچىلار قوشۇنىغا ئىگە بولۇشىمىز كېرەك. يۇقىرىقىدەك ئەھۋال ۋە باشقىچە ئەھۋاللار نۆۋەتتىكى ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىدا ھەقىقەتەن مەۋجۈت. بولۇپمۇ، ئورتاق تەلەپپۇزدا سۆزلىشىش تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭدىكى ‹‹قوش تىل›› سىنىپلىرىدا خەنزۇچە يەرلىك شىۋىدە سۆزلىشىدىغان بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچىلارنىڭ بارلىققا كېلىشىنى ئەلۋەتتە ھەممىمىز خالىمايمىز. شۇڭا مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ ‹‹قوش تىل ›› ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى تەربىيىلەش ۋە تاللاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. (تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |