غۇلجا شەھەر <<سىتالىن>> ئوتتۇرا مەكتىپى 1949- يىلى 10- ئايدا قۇرۇلغان، غۇلجا شەھەر سىتالىن كوچا 51- نومۇرلۇق قورۇغا جايلاشقان. 1949- يىلى 10- ئايدىن 1958- يىلىغىچە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىلىدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان، بۇ مەزگىلدە بارلىق دەرسلىكلەر سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كىرگۈزۈلگەن ، دەرسلەر پۈتۈنلەي روسچە ئۆتۈلگەن، بارلىق ئوقۇ - ئوقۇتۇش خىزمەتلىرى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى مائارىپىنىڭ قېلىپى بويىچە ئېلىپ بېرىلغان. 1962- يىلى مەكتەپنى يەرلىك ھۆكۈمەت ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن ، باشقا مەكتەپلەر ئاساسىدا قايتا تەشكىللەش ئارقىلىق ھازىرقى غۇلجا شەھەر 7- ئوتتۇرا مەكتەپ قۇرۇپ چىقىلغان. نۆۋەتتە بۇ مەكتەپ ئىلى ئوبلاستى تەۋەسىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدىغان تولۇق مەكتەپ ھېساپلىنىدۇ. غۇلجا شەھەر 7- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئۇيغۇر مائارىپ ئىشلىرىدا باشلامچىلىق رول ئوينىيالىشىنىڭ مۇھىم بىر سەۋەبى مېنىڭچە 7 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ دەسلەپكى قۇرغۇچىلىرى ئىلى يېقىنقى زامان مائارىپىنىڭ جەۋھەرلىرىدىن كەلگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان، مىللى ئىنقىلاپ ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرى غۇلجىدا قۇرۇلغان ئىلى ئوغۇللار گىمنازىيىسى (ھازىرقى غۇلجا 8- ئوتتۇرا مەكتەپ)، ئىلى قىزلار گىمنازىيىسى ( ئەسلىدىكى غۇلجا 6- ئوتتۇرا ھازىرقى ئورنىدا توك تەمىنلەش شىركىتى بار ) ئىلى ھۈنەر - كەسپ مەكتىپى ( ئەسلىدىكى غۇلجا 3- ئوتتۇرا مەكتەپ ، ھازىرقى ئورنىدا غۇلجا تېخنىكا تەربىيەلەش مەركىزى بار ) قاتارلىق مەرىپەت ئوچاقلىرىدا مەرىپەت يالقۇنلىرى يالقۇنلىغان، ئۇلارنىڭ نۇرى ئىلىنى مەركەز قىلغان ھالدا پۈتكۈل شىنجاڭنى نۇرلاندۇرغان ئىدى. يۇقۇرىقى مەكتەپلەر مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ ئالدى - كەينىدىكى بىر قانچە قېتىملىق ئۆزگەرتىشلەر جەريانىدا خېلى كۆپ ساندىكى ئوقۇتقۇچىلىرى غۇلجا شەھەر 7- ئوتتۇرا مەكتەپنى تەسىس قىلىشتىكى ئاساسى كۈچكە ئايلانغان. غۇلجا شەھەر 7- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى پۇتۈن ئاپتۇنۇم رايونىمىزغا، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارالغان، ئۇلار ئۆز ئانا مەكتىپىدىن پەخىرلىنىدۇ، جۇملىدىن مەنمۇ شۇ . بۇ يىل 9- ئايدا ئانا مەكتىپىمىزنىڭ 60 يىللىق مەرىكىسى ئۆتكۈزىلىدۇ، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەكتىپىمگە تېخىمۇ شانلىق نەتىجىلەرنىڭ نېسپ بولۇشىنى تىلەيمەن! ![]() 1963- يىلدىكى غۇلجا شەھەر 7- ئوتتۇرا مەكتەپ، كەينىدە كۆرۈنۈپ تۇرغىنى 1949- يىلدىكى روس پاسۇندا سېلىنغان ئىككى قەۋەتلىك ئوقۇتۇش بىناسى، بىنا ئالدىدىكى ھەيكەل سىتالىننىڭ ھەيكىلى، بۇ مەكتەپنى تا ھازىرغىچە بەزىلەر سىتالىن مەكتەپ ئاتايدۇ. بۇ بىنا بىلەن ھەيكەل 1995- يىللىرى ئەتراپىدا مەكتەپ قۇرۇلۇشىنى ئۆزگەرتىش جەريانىدا چېقىۋېتىلدى. ![]() (تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |