1. ئوقۇتۇشتىكى بىر مىنۇتنى تەشكىللەش. ياخشى باشلىنىش يېرىم مۇۋەپپەقىيەت دېمەكتۇر . ئوقۇتقۇچىنىڭ دەسنى رەسمي باشلاشتىن ئاۋۋالقى بىر مىنۇتنى چىڭ تۇتۇشى شۇ سائەتلىك دەرسنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا ئاساس سالىدۇ. دەرس ئارلىقىدىكى تەنەپپۇس ۋاقتىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھېسياتى ئۇرغۇپ ، ئويۇن - تاماشىغا بېرىلىپ كەتكەن ، دېققىتى تەنەپپۇستىكى پائالىيەتلەرگە مەركەزلەشكەن ھالەتتە بولىدۇ، بۇ چاغدا دەرسخانىغا كىرىپلا رەسمي دەرسنى باشلاش ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىك تەرەققىيات قانۇنىيتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ ، چۈنكى ئوقۇغۇچىلار بىر خىل ھالەتتىن يەنە بىر خىل ھالەتكە ئۆتۈشتە بەلگىلىك ۋاقىتقا مۇھتاج . شۇڭا ، ئوقۇتقۇچى بىر مىنۇت ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئويۇن - تاماشىغا مايىل كەيپىياتىنى تېزلىكتە ئاكتىپ ئۆگىنىش كەيپىياتىغا بۇراشقا يىتەكلىشى ، يەنى بۇ بىر مىنۇت ئىچىدە ئوقۇتقۇچى مۇنبەرگە چىقىپ ، ئۆتكۈر نەزىرى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ روھىي ھالىتىنى كۆزىتۋېتىپ ، ئۇلارنىڭ دېققىتىنى ئۆتمەكچى بولغان دەرسكە ئومۇميۈزلۈك مەركەزلەشتۈرۈشى كېرەك . 2. بىر مىنۇت ئەستايدىل ئويلىنىش. نۆۋەتتىكى دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ، دائىم مۇنداق بىر ئەھۋالنى ئۇچرىتىمىز ، ئوقۇتقۇچى بىر سۇئالنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلار بەس - بەستە قول كۆتۈرۈپ جاۋاب بېرىشكە ئالدىرايدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئوقۇتۇش ئۈنۈملۈك بولغاندەك تۇيۇلىدۇ، بۇنىڭ ئەكسىچە ، ئوقۇغۇچىلار دەرھال جاۋاب بېرەلمەي جىم تۇرۇپ قالسا ، بۇنداق ئوقۇتۇش مەغلۇپ بولغاندەك بولۇپ تۇيۇلىدۇ. ئەمەلىيەتتە ، ئوقۇتقۇچى سۇئالنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ ئويلانمايلا بىۋاستە جاۋاب بېرىشى بۇ سۇئالنىڭ يۈزە چىقىرىلغان ئىكەنلىكىنى ، چوڭقۇر قاتلاملىق ، ئادەمنى ئويغا سالىدىغان سۇئال ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ، بۇنداق ئۆگىنىشنىڭ ئۈنۈمى ھەقىقەتەن تۆۋەن بولىدۇ. شۇڭا ، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى پىكىر قىلىشقا جەلىپ قىلدىغان سۇئاللارنى ئوتتۇرىغا قويغاندا ، چۈشەنچە بېرىشكە ۋە يېتەكلەشكە ئالدىراپ كەتمەي ، ئوقۇغۇچىلارنى « بىر مىنۇت ئەستايىدىل ئويلاندۇرۇش » ى كېرەك . ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ گاڭگىرىغان ، شۈبىھلەنگەن ۋاقتىنىڭ ئۇلارنىڭ تەپەككۇرىنىڭ « قاناتلىنىۋاتقان » ۋاقتى ئىكەنلىكىنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇپ ، ئۇلارنى چوڭقۇر پىكىر قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇشى كېرەك . 3. بىر مىنۇت كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاش . « دەرسنى ئەستايىدىل ئاڭلاڭلار » دېگەن بۇ گەپنى ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئاتا - ئانىلار ئاغىزىدىن چۈشۈرمەيدۇ . بۇ گەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشگە ھەمراھ بولىدۇ. ئەمما، بىز كۆپ ھاللاردا دەرسخانا ئوقۇتۇشىنىڭ ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچى ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق پائالىيتى ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدىغانلىقىغا سەل قارايمىز. دەرسخانا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس مەزمۇنىنى سېستىمىلىق يەتكۈزىدىغان سورۇنى بولۇپلا قالماي ، يەنە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادىي پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدىغان ئورنى ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ، ئوقۇغۇچىلار دەرسخانىدا ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسنى ئەستايدىل ئاڭلاپلا قالماي ، ساۋاقداشلىرىنىڭ پىكىرلىرىنىمۇ ئاڭلاشقا ماھىر بولۇشى كېرەك . ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز پىكىرلىرىنى ئاكتىپلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇشقا ، مۇھاكىمىگە قاتناشتۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇشى كېرەك ، ئەڭ مۇھىمى ئوقۇغۇچىلار « بىر مىنۇت كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاش » نى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك . 4. بىر مىنۇت ئۆز - ئۆزىگە خوجا بولۇش يېڭى دەرس ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە تەرەققىياتقا ئىگە بولۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ھەقىقي تەرەققىياتى شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆز تىرىشچانلىقىغا باغلىق ، بولۇپمۇ شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ مۇستەقىل ، ئۆز - ئۆزىگە خوجا ھالدا ئۆگىنىشىگە باغلىق . شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار « بىر مىنۇت ئۆز - ئۆزىگە خوجا بولۇش » نى ئاكتىپ تەشەببۇس قىلىشى ، ئوقۇغۇچىلارنى ئەركىن - ئازادە بولۇپ ، ئۆز مۇستەقىللىقىنى جارى قىلدۇرىدىغان شارائىت بىلەن تەمىن ئېىتىش كېرەك . ھازىرقى دەرسخانا ئوقۇتۇشى ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئەمما ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىش ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ مۇستەقىل پىكىر قىلىش ئاساسىغا قۇرۇلۇشى كېرەك . ھازىر ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىش جەريانىدا ناھايتى كۆپ ساندىكىلەر تاماشىبىنغا ئايلىنىپ قالدى ، ئاز ساندىكىلىرىلا ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىشنىڭ مېغىزىنى چاقتى . ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىشتە ھەر بىر ئوقۇغۇچىدىكى مۇستەقىللىق بىلەن ھەمكارلىقنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈش كېرەك . ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىشتە ھەر بىر ئوقۇغۇچىنى بىر مىنۇت مۇستەقىل ئۆگىنىشكە سېلىپ ، مەسىلىلەرنى مۇستەقىل ھەل قىلغۇزۇش كېرەك . بۇ ۋاقىتتا ئوقۇغۇچىلارغا بەك كۆپ كۆرسەتمە بەرمەسلىك ، ھەر بىر ئوقۇغۇچى تىرشچانلىقى ئارقىلىق ئۆز ۋەزىپىسىنى ئورۇندىشى كېرەك . 5. بىر مىنۇت تەجىرىبە - ساۋاقلارنى ئەسلەش. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش پائالىيتى تەجىرىبە - ساۋاقلارنى يەكۈنلەشكە مۇھتاج . نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلار ھەمكارلىشىپ ئوقۇتۇشنى قانات يايدۇرغاندا ئىشنى دەبدەبىلىك باشلاپ ، ئاخىرىنى ياخشى چىقارمايدۇ . مېنىڭ قارشىمچە ، ئوقۇغۇچىلارنى كەسكىن ، جىددىي پائالىيەتلەرگە تەشكىللىگەندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلارنى پائالىيەتنىڭ جەريانى، مەزمۇنى ، ئۈنۈمى ھەققىدە بىر مىنۇت ئويلاندۇرۇشنىڭ قىلچە زىينى يوق . ئوقۇغۇچىلار ئەسلىگەنلىرىنى ئاغزاكى بايان قىلسىمۇ ، ئومۇملاشتۇرۇپ بايان قىلسىمۇ بولىدۇ، كىچىك گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرىسمۇ ياكى ئۆز خاتالىقلىرى ئۈستىدە ئويلانسىمۇ بولىدۇ. ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلەش گەرچە بىر مىنۇت بولسىمۇ ، ئەمما بۇ بىر مىنۇت ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلار ئۆگىنىش مەزمۇنىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا چوڭقۇر چۈشنىۋالىدۇ، ئۆگىنىش پائالىيتىنىڭ ئۇسۇل - چارىلىرىنى يەنىمۇ ياخشىلايدۇ، ئۈنۈملۈك ئۆگىنىشنى ھەقىقي ئىشقا ئاشۇرالايدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پائالىيتى « تۈنۈگۈن ئېيتقان ھېكايە »دەك تەكرارلىنىپ ، ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە تېز ئالغا ئىلگىرلەشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. دەرس ئاخىرلاشقاندا « بىر مىنۇت قايتا ئويلاندۇرۇش » ئوقۇغۇچىلارنىڭ سېستىمىلىق ، مۇكەممەل بىلىم ئىگىلىشىگە تېخىمۇ پايدىلىق . « مائارىپ » ژورنىلىدىن. (تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |