سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

ئۇتۇقلۇق ئوقۇتقۇچىنىڭ 15 ئالاھىدىلىكى

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-04-23 00:24مەنبە: يازغۇچى:نۇرلان زىيارەت سانى: قېتىم

 

ئۇتۇقلۇق ئوقۇتقۇچىنىڭ 15 ئالاھىدىلىكى

1.تولۇپ تاشقان قىزغىنلىقى بولۇش.ئوقۇتقۇچىنىڭ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىقى بولسا،ئۆگۈنىشنى قىزىقىش كەيپىياتىغا تولدۇرالايدۇ.

2.كەسىپ بىلىملىرىگە پىششىق بولۇش.ئوقۇتقۇچى ئۆز كەسپىدە تەرەققىي قىلىشقا قاتتىق كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك.مەيلى ئەمدىلا مۇنبەرگە چىققان يېڭى ئوقۇتقۇچى ياكى كۆپ يىلئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللانغان ئوقۇتقۇچى بولۇڭ ،ئۆگەنگەن كەسپىڭىزنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىگە يىتىشىپ مېڭىڭ.»

3.ئوقۇتۇشنى ياخشى تەشكىللەش.ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇشنى ئۈنۈملۈك تەشكىللىشى ئوقۇغۇچىلارنى تېخىمۇ كۆپ ئۈنۈملۈك  ئۈگۈنۈش ۋاقتىغا ئىگە قىلىدۇ.

4.ئوقۇتۇشتا جانلىق بولۇش .ئۇتۇق قازانغان ئوقۇتقۇچى ئوقۇتۇشقا پۈتۈن ھىسسياتى بىلەن بېرىلىدۇ؛دەرىسخانىدا مەلۇم موقۇم ئورۇندا تۇرىۋالماي سىنىپنى ھەر بىر بۇلۇڭىغىچە جانلاندۇرالايدۇ.

5.ياخشى پوزىتسىيە بولۇش.ئوقۇغۇچىلار پائال يۇقۇرى ئۆرلەيدىغان ئوقۇتقۇچىغا مۇھتاج،شۇڭا ئوقۇغۇچىللىرىڭىزغا سۆزلەيدىغان مەزمۇنغا ، ئۇلارغا سۆزلىگەن چاغدىكى تەلەپپۇزىڭىزغا كۆڭۈل بۆلۈڭ.

6.دەرىسخانىنى ئۇتۇقلۇق باشقۇرۇش.ئىنتىزاملىق،تەرتىپلىك سىنىپ موھىتى ئوغۇچىلارنىڭ ئوقۇشنى مۇۋەپەققىيەتلىك تاماملىشىنىڭ ئاساسى كاپالىتى.

7.ئوقۇتۇش جەريانىنى پىلانلاش.ئوقۇتقۇچى ئوقۇتۇش جەريانىنى ئوقۇش باشلانغاندىلا ئوبدان پىلانلاپ ،تۈرلۈك ئوقۇتۇش پائالىيەتلىرىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك.

8.كىشىلىك مۇناسىۋەت ماھارىتى بولۇش.تەربىيە ئادامگە مۇناسىۋەتلىك ئىش بولۇپ،ياخشى كىشىلىك مۇناسىۋەت ئىنتايىن موھىم.

9.ئېنىق ئىپادىلەش قابىلىيىتى بولۇش.نۇرغۇن ئوقۇغۇچى ئۆزلىرىنىڭ ئۆەۈنۈش مەزمۇنىئۆگۈنۈش مەخسىدىنى بىلەلمەيدۇ،ئۇلار ئوقۇتقۇچىنىڭ ئېنىق ئىپادىلىشى چۈشۈنۈشلىك سۆزلىشى،ئوقۇتۇش مەزمۇنىدىن ئۆلگە كۆرسىتىشى،ئۆگۈنىش مەخسىدىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بېرىشىگە مۇھتاج.

10.ئۈنۈملۈك سۇئال سوراش.سۇئال سوراش(بارلىق ئوقۇغۇچىلاردىن ياكى ئايرىم ئوقۇغۇچىلاردىن سۇئال سوراش) بىر خىل كۈچلۈك ئوقۇتۇش قورالى بولۇپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادىي تەپەككۇرىنى ئۈنۈملۈك يىتىلدۈرەلەيدۇ.ئوقۇغۇچىلاردىن سۇئال سورىغاندا ،ئۇلاردىن دەرھال جاۋاپ بېرىشنى تەلەپ قىلماسلىق كېرەك.

11.ئەھۋالغا يارىشا ئوقۇتۇش.ئوقۇتۇش دۇچ كېلىدىغان ئەڭ چوڭ خىرىسنىڭ بىرى ئوقۇغۇچىلار ئارسىدا زور پەرىقنىڭ مەۋجۇت بولۇشى،ئوقۇتقۇچى ئوقۇتۇشنى ئاڭلاش،كۆرۈش سەزگۈسى ۋە قول سېلىپ ئىشلەش ماھارىتىنى ئۈنۋېرسال تەدبىقلاش ئارقىلىق تەشكىللىشى ھەمدە ئۇلارغا ئايرىم كونسۇلتاتسىيە قىلىپ بېرىشى كەرەك.

12.سىنىپقا مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى بەخىش ئېتىش.ئۇتۇق قازىنىش نىسبىتى ئىنتايىن موھىم.ئوقۇغۇچىلار ئىزچىل جاپالىق ئۆگۈنىش بىلەن شۇغۇللانسا،ئوڭۇشسىزلىق تۇيغۇسى ئاسانلا پەيدا بولۇپ،ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى تۆۋەلەپ كېتىدۇ.

13.چوڭ ئۈمىد كۈتۈش.ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلاردىن چوڭ ئۈمىد كۈتۈشى،شۇ ئارقىلىق ئۇلارنى ئۈمىدلەندۈرۈشى كېرەك.

14.كۆڭۈللۈك كەيپىيات يارتىش.ئوقۇتۇقۇچى سىھرىي كۈچكە ئىگە ئۆگۈنۈش موھىتىنى ئەمەس ،بەلكى كۆڭۈللۈك ئۆگۈنۈش موھىتىنى يارتىشى كېرەك.كۆڭۈللۈك ئۆگۈنۈش موھىتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇتۇقلۇق ئۆگۈنىشىىنىڭ يېقىلغۇسى.

15.ئېلاستىكىلىق ئوقۇتۇش.ئوقۇتۇش ئېلاستىكىلىقنى تەلەپ قىلىدۇ.قاتمال ئوقۇتۇش پىلانى بويىچە ئىش كۆرمەي،بەلكى كونكىرىت ئەھۋالغا ئاساسەن ئوقۇتۇشنى تەڭشىيەلەيدىغان بولۇشىڭىز،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى سەزگۈرلۈك بىلەن ھېس قىلىپ،ئادەت ۋە قائىدىنى ئۆزلۈكسىز ئۆزگەرتىپ،ئۇلارغا ياردەم بېرىشىڭىز كېرەك.

مەنبە : شىنجاڭ مارىپى ژۇرنىلى

 

(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)
ياخشى باھا
(2)
100%
دەسسەش
(0)
0%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !