غۇلجىدىكى يېڭىچە مائارىپ ھەرىكىتىنىڭ ئاكتىپ پائالىيەتچىسى، مەرىپەتپەرۋەر زات ھۈسەيىن بەگ يونوسوف 1920- يىلى غولجىدىكى ئويغىتىۋاتقان يېڭىچە مائارىپقا مەدەت بېرىش ئۈچۈن كۈرەدىكى مىخ مەتبەئەسىنى غولجا شەھىرىگە كۆچۈرۈپ كېلىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن يېڭىچە مەكتەپلەرنى قوللاش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىگە ئاتلاندى . بۇ مەكتەپلەر ئۈچۈن دەرىسلىك كىتاب- دەپتەرلەرنى بىسىش بىلەن بىرگە، ئۆز مەھەللىسىدىكى <<ئۈچ دەرۋازا مەكتەپ>> نىڭ ئوقۇ - ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا كإڭۈل بإلدى ۋە ياردەم قىلدى . -1924 يىلى ھۈسەيىن بەگ ۋە مەمتىلى ئاخونلارنىڭ تەشەببوسى بىلەن مەكتەپ ئىشلىرىنى باشقورىدىغان بىر ئاتىلار كومىتېتى تەسىس قىلىندى . مەمتىلى ئاخون ئاتىلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، ھۈسەيىن بەگ يۈنۈسوف، مىرزاھىت باي قاتارلىق يۇرت چوڭلىرى ھەيئەت ئەزالىرى بولدى. ئۇ چاغلاردا ئاتىلار كومىتېتى ھازىرقى مەكتەپ ئىشلار ھەيئىتىدەك مەكتەپنىڭ ئوقۇ - ئوقۇتۇش ئىشلىرىدىن تارتىپ، مەكتەپ خىراجىتى، ئوقۇتقۇچىلا ئىش ھەققى ، ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلاش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە مەسئول ئىدى. ئاتىلار كومىتېتى تەركىبىدىكىلەر ئىچىدە يېڭىچە مەكتەپ ئۈچۈن ھىچنەرسىسىنى ئايىمايدىغان مەرىپەتپەرۋەرلەر، ئوقۇتقۇچى يېتىشمىسە سىنىپلارغا كىرىپ مەلۇم پەندىن دەرىس ئإتەلەيدىغان زىيالىلار، مەكتەپنىڭ تەشۋىقات، سانائى - نەفىسە قاتارلىق پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرىدىغان پائالىيەتچىلەر ئىدى . ئۇلار ھەر قانداق ئىشقا ئۆزلىرى ئۈلگە بولۇپ، جامائەتچىلىكنىڭ ئالدىدا ماڭاتتى . 1927-1926 - يىللىرى ، مەكتەپ ئورنى كۈندىن - كۈنگە ئىشىۋاتقان ئوقۇتۇش ئىھتىياجىنى قاندۇرالمىغانلىقتىن، ئاتىلار كومىتىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى مىرزاھىت باي مەكتەپكە تام قوشنا بولغان مەمۇر ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ بىر يېرىم مو كېلىدىغان قورۇسىنى سېتىۋىلىپ، مەكتەپ دائېرسىنى كېڭەيتىشكە ياردەم قىلدى . 1928-1929- يىللىرى مەكتەپ قىياپىتىدە زور ئۆزگۈرۈش بولغان يىللار بولدى . بۇ يىللاردا تإۋەندىكى گەۋدىلىك بەش ئىش قىلىندى . 1. 1928- يىلى ھۈسەيىن بەگ يۈنۈسوف ئۆزى مەبلەغ چىقىرىپ مەكتەپنىڭ شىمال تەرىپىگە ئاستى - ئۈستى تاختايلىق، زاللىق قىلىپ بەش سىنىپ ، بىر ئىشخانا سالدۇردى . بۇ سىنىپلار يورۇق ، ئازادە بولۇپ ، ھازىرقى زامان ئوقۇتۇش تەلىپىگە ئۈ يغۇن كېلەتتى (بۇ سىنىپلار 1955- يىلىغىچە مەكتەپنىڭ ئاساسىي ئوقۇتۇش ئورنى بولۇپ كەلدى . ) 1929 - يىلى ئۈچ دەرۋازا مەكتەپنىڭ (شإبە مەكتەپلىرى بىلەن قوشقاندا) سىنىپ سانى 12 گە، ئوقۇغۇچىلار سانى 340 نەپەرگە يەتتى . شەھەر ۋە يېزىلاردىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار موشۇ مەكتەپكە كېلىپ ئوقۇيدىغان بولدى . 1934-1935- يىللىرى مەكتەپتىكى سىنىپ سانى يەنىلا 12 بولسىمۇ ئوقۇغۇچىلار سانى كۆپىيىپ 485 نەپەرگە يەتتى . بۇنىڭ ئىچىدە ئوغول ئوقۇغۇچىلار 300 نەپەر، قىز ئوقۇغۇچىلار 185 نەپەر ئىدى . ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان ئابدۇكېرىم ئابباسوف ۋە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ قەھرىمان قىزى، شەپقەت ھەمشىرىسى رىزۋانگۈلمۇ 1934-1935- يىللىرى مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇغان. مەرۇپ سەئېدىنىڭ بىۋاستە تەربىيىسىنى ئالغان ئوقۇغۇچىلاردىن يەنە ئاتاقلىق سۇ ئىنژېنىرى ئەنۋەر ئەزىزى بىلەن چارۋا ئىنژېنىرى ئابدۇراخمان ھەسەنوفلارمۇ بار . غولجا يېڭىچە مائارىپ ھەركىتىنىڭ ئاكتىپ پائالىيەتچىسى، ئۈمىد مەكتەپنىڭ قورۇلۇشى، تەرەققىياتى، مۇكەممەللىشىش ۋە مۇنتىزىملىشىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان ھۈسەيىن بەگ يۈنۈسوف 1935- يىلى 5- ئايدا ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاۋام قورۇلتىيىغا قاتنىشىپ، قايتىش سەپىرىدە ماشىنا ۋەقەسىگە ئۇچراپ قازا قىلغان .(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |