1936- يىلى ئۈمىد مەكتەپتە ھۈسەيىن بەگ ۋاپاتىنىڭ بىر يىللىقىنى خاتېرلەش پائالىيتى ئإتكۈزۈلدى ۋە بۇ پائالىيەتكە ئۈلگۈرتۈپ <<ھۈسەيىنىيە>> ناملىق بىر كىتاپ نەشىر قىلىندى . بۇ كىتابتا ھۈسەيىن بەگنىڭ مەرىپەت يولىدا ئىزدەنگەن ئىش ئىزلىرىغا يۈكسەك باھا بىرىلدى . بۇ پائالىيەتتە ھەسىنىم پالتىجايىف، نەسۇرۇللا بايلارنىڭ تەكلىپى بويىچە ھۈسەيىن بەگنىڭ <<ئۈمىد>> مەكتەپكە سىڭدۈرگەن غايەت زور تإھپىسنى خاتىرلەش يۈزسىدىن مەكتەپ نامى <<ھۈسەينىيە>> گە ئۆزگەرتىلدى. 1936- يىلى مەرۇپ سەئىدى شىنجاڭ گېزىتىگە يۆتكىلىپ كەتكەندىن كېيىن، ئوسمان يۇنۇس مەكتەپ مۇدىرى، ئابدۇرېھىم ئەيسا ئىلمىي مۇدىر بولدى. 1937-1936 - يىللىرى ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى خەلقتىن ئىئانە توپلاپ، ئالتە ئوقۇتۇش سىنىپى سېلىپ مەكتەپ دائېرسىنى كىڭەيىتتى . بۇ يىللاردا مەكتەپتىكى سىنىپ سانى 16 گە، ئوقۇغۇچى سانى 650 نەپەرگە يەتتى . مەكتەپ دۆلەت باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈۋىلىنىپ ‹‹ ئىلى ۋىلايەتلىك 5- مەكتەپ›› دەپ نام بىرىلدى . لېكىن خەلق ئىچىدە يەنېلا ‹‹ ئۈمىد مەكتەپ›› ياكى ‹‹ ھۈسەينىيە 5- مەكتەپ›› دېگەن ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەلدى . 1939-1940 - يىللىرى ئابدۇرېھىم ئەيسا بۇ مەكتەپكە مۇدىر بولدى . 1940- 1941- يىللىرى مەكتەپكە خۇدا بەردى تالىپ مودىر، دامۇللا رازىيىف ئىلمىي مودىر بولدى . 1941- 1944- يىلىغىچە كېۋىر نىياز مودىر بولدى . بۇ يىللاردا مەكتەپنىڭ ئىككى شۆبىسى قوشۇلۇپ كۆلىمى كېڭەيدى، ئوقۇغۇچىلار سانىمۇ كۆپەيدى . ئوقۇتقۇچىلاردىن زاكىر ناسىر، ماناپ قادىر، ئالىم ئەيسا، ئەزىم ئەيسا، ۋىلەم ئۆمەرجان، ئايۇپ ئەپەندى، تىيىپچان ھادى، ھەلىمە، ھاشىر ۋاھىدى، ئابدۇرازاق، ئەمەت ئەمىردىن، خەمىت كەنجى، ئابدۇكېرىم، ھۈسەيىن قاراباشوف، مالىك(قازاق)، مەھەممەتجان، جالالىدىن نىياز، سەلىمە تۇرسۇن، ئابدۇرىشىت، خەدىچە، مەرپوغە (تاتار) ، خەمىت ئابباس، مەدەنەر، ھەجەربۈۋى توختى، جاڭخوڭۋۇ (خەنزۇ) ، نوردۇن ئەپەندى، رىھىماخون خەلپەت، پەرىدە (قول ئىشى ئوقۇتقۇچىسى)، ئابدۇغەنى (مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى)، نىزام، مەرغوپ ئىسھاقوف ( تەرتىپ مودىرلىرى)، غوپوراخون (خوجىلىق مودىرى)، لار بار ئىدى . 1943-1942- يىللىرى زۇنۇن قادىر 1- شۆبە مەكتەپنىڭ مودىرى بولدى . 1944- يىلى سىنىپ سانى 17 گە يىتىپ، بىر سىنپقا 30 دىن ئوقۇغۇچى ئورۇنلاشتۇرۇلدى . ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى غەلبە قىلىپ، شىنجاڭ تىنىچلىق بىلەن ئازاد بولغانغا قەدەر بەش يىل ۋاقىت ئۆتتى. بۇ ناھايتى قىسقا ۋاقىت بولسىمۇ، ئەمما موشۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مائارىپ ساھەسىدە نورغۇن ئىشلار ئىشلەندى . 1944- يىلى 11- ئايدا، غۇلجا شەھىرىدە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى پارتىلاپ ئوقۇش توختىدى . 1945- يىلى 9- ئايدا غۇلجىدىكى ھەممە مەكتەپلەردە ئومۇميۈزلۈك ئوقۇش باشلاندى . 1945-1950- يىلىغىچە بۇ مەكتەپتە ئابدۇسالام ئەسقىرى مەكتەپ مودىرى، مەۋلان قاراباشوف ئىلمىي مودىر بولدى. 1945- يىلى مەكتەپ نامى قايتا ئۈمىد مەكتەپكە ئإزگەرتىلدى . 1948-1949- ئوقۇش يىللىرى مەكتەپتىكى سىنىپ سانى 26 گە، ئوقۇغۇچى سانى 900 گە يەتتى. ئۈمىد مەكتەپ ئەنە شۇ سان ۋە ساپا جەھەتتىكى نەتىجىلىرى بىلەن شەھەر بويىچە ئەڭ ئالدىنقى مەكتەپلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى . 1957- يىلى <<ئۈمىد مەكتەپ>> دىگەن نام <<ئىلى ۋىلايەت ئۇيغۇر 1- تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ>> گە ئۆزگەرتىلدى .(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |