ئوغلاق تارتىشىش ۋە ئات بەيگىسى ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدىكى ئۇيغۇر ، قازاق ، قىرغىز ، تاجىك قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە تۈرلىرىنىڭ بىرى ، ئۇزاق تارىخى تەرەققىيات داۋامىدا ئۈزلۈكسىز غولداپ ، كىشىلەرنىڭ ئىككى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدا موھىم رول ئويناپ كەلدى . ئوغلاق تارتىشىش ۋە ئات بەيگىسى ئاساسلىقى قىش پەسلى ، ئەتىياز پەسلى ، نورۇز ، توي –تۆكۈن ، ھېيت – بايرام ۋە خاسىيەتلىك قۇتلۇق كۈن بەزمىلىرى ، خۇشال يىغىلىشلارغا مەركەزلەشكەن . ئىلگىرى بىر قىسىم جايلاردىكى يۇرت كاتتىلىرى داڭلىق ئوغلاق تارتىش ماھىرلىرىنى تاللاپ ، ئات ئۈستى ئويۇنىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈش ئۈچۈن ، ئوغلاق ئورنىغا موزاي تارتىشقا سالغان ئىكەن . ئوغلاق تارتىشىش باشلىنىشتىن بۇرۇن ، ئويۇنغا ئاتالغان موزاي ياكى ئوغلاق بوغۇزلۇنۇپ ، باش ۋە پاقالچىقى ئېلىۋىتىلىدۇ . ئۈچىيى بوغۇپ قويۇلىدۇ . موزاي ياكى ئوغلاق تەييارلانغاندىن كېيىن ، ئالاھىدە راسلانغان مەيدانغا تاشلىنىدۇ ، ئاندىن A _Bئىككى گۇرۇپپا بويىچە بەيگىگە چۈشكەن چەۋەندازلار ئات بىلەن كېلىپ يەردىكى ئوغلاقنى تالىشىدۇ . كىم ئاۋۋال كەلسە شۇ ئولجىنى يەردىن ئېلىپ تېقىمىغا بېسىۋېلىپ قاچىدۇ ، قارشى تەرەپ گۇرۇپپا ماھىرلىرى ئۇلارنى ئارقىسىدىن قوغلايدۇ . ئېلىپ قاچقۇچى تەرەپنىڭ ماھىرلىرىمۇ سەپتىن ئايرىلماي قولىدىكى ئولجىنى تارتقۇزۇپ قويماسلىققا جان – جەھلى بىلەن تىرىشىدۇ ، قارشى تەرەپنىڭ ماھىرلىرى ئېلىپ قاچقۇچى تەرەپ ماھىرلىرىدىن ئوغلاقنى كۈچىنىڭ بارىچە تالىشىدۇ ، بۇ خىل كۆرۈنۈش قايناق بىر جەڭ مەيدانىغا ئوخشايدۇ . تاماشىبىنلار ۋارقىراپ – جارقىراپ ئويۇن مەيدانىنىڭ كەيپىياتىنى جانلاندۇرىۋېتىدۇ . ئوغلاق تارتىشىش ماھىرلىرىنىڭ بىر قىسمى ئوغلاقنى ئېلىپ قېچىش يولىنى توسۇپ تۇرىدۇ ، كۈچلۈكلىرى ئوغلاقنى تارتىۋالغاندىن كېيىن قوغدىغۇچىلارنىڭ ماسلىشىشى ئارقىسىدا مەنزىلگە قاراپ چاپىدۇ – دە ، بەلگىلەنگەن ئۆي ياكى پەللىگە تاشلايدۇ . ئوغلاق تارتىشىش ۋە ئات بەيگىسى ھەر قايسى جايلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى بويىچە چوڭ ۋە كىچىك كۆلەمدە ئۆتكۈزۈلىدۇ ، ئاممىۋى تەشكىلات ۋە بىر قىسىم ئالدىن بېيىغان كىشىلەر ئاممىۋى تەنتەربىينى جانلاندۇرۇش مەقسىتىدە مەبلەغ چىقىرىشنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ ، ئۆز دائىرىسى ۋە قوشنا ناھىيە ، يېزا(بازار)لاردىكى ئوغلاق تارتىشىش ، ئات بەيگىسى ماھىرلىرىنى تەكلىپ بىلەن يىغىپ ، دوستلۇق – ئىتتىپاقلىق ئاساسى مەزمۇن قىلىنغان ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە بۇ ئويۇننى ئوينايدۇ . مەخسۇس رىپىر بېكىتىپ پائالىيەتنىڭ قائىدىلىك ، تەرتىپلىك ئۆتكۈزۈلۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ . پائالىيەت ئاخىرىدا نەتىجىگە ئېرىشكەن ئوغلاق تارتىشىش ، ئات بەيگىسى ماھىرلىرىنى تارتۇقلايدۇ . بەيگىدە ئۈزۈپ چىققان ئاتلارغا قىزىل لېنتا ئېسىپ ، چەۋەندازلار ۋە ئاتلارنىڭ غەيرىتىگە ئىلھام بېرىدۇ . يوپۇرغا ناھىيسىدە 1949 – يىلى يېڭىشەھەر ، پەيزىۋات ، يېڭىسار ، مارالبېشى قاتارلىق ناھىيىلەر ئارا چوڭ كۆلەمدىكى چوڭ كۆلەمدىكى ئوغلاق تارتىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈپ ، ئوغلاق ئورنىغا موزاي ئوينالغان ، شۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە نۇر سىدىق ئىسىملىك داڭلىق ئوغلاقچى موزاينى چەبدەسلىك بىلەن ياغاچ چاققا تاشلاپ ئەتراپتىكىلەرنى تاڭ قالدۇرغان (تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |