نورۇز ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟
نورۇز بايرىمى قويۇق مىللىي سەنئەت تۇسىگە ئىگە بايرام بولۇپ ئۇيغۇرلار قەدىمدىن تارتىپلا بۇ بايرامنى ناھايىتى داغدۇغۇلۇق ئۆتكۇزۇپ كەلگەن.
نورۇز نىڭ لۇغەت مەنىسى <يېڭى كۇن>، <باش باھار> دېمەكتۇر.
< نورۇز> دېھقانلار كالىندارى بويىچە 1- ئاينىڭ نامىنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ قەدىمقى ئەنئەنىۋى بايرىمى شەمسىيە كالىندارى بويىچە يىل ئاخىرلىشىپ، يېڭى يىل كىرگەن كۇنى ئۆتكۇزۇلدۇ. كېچە بىلەن كۇندۇز ۋاقىت ئېتىبارى بىلەن تەڭشىلدىغان مىلادىيە كالىندارى بويىچە 3- ئاينىڭ 21-، 23- كۇنلىرىگە توغرا كېلىدۇ.
نورۇز قوشىقى:
نورۇز كەلدى جاھانغا، جاھان بولۇر ئەرزانلىق،
ياغدىلەر باھار يامغۇرى، بۇغدايلار بولۇر دانلىق.
ئاچ- ئورۇق ھەم كەمبەغەل بارچىسى بولۇر نانلىق،
نانغا تويۇپ ھەر گاداي ئۆيىدە قىلۇر خانلىق،
توخۇلار تۇخۇم باسىپ، چۆجىلەر كۇنىدۇر بۇ كۇن،
كەلدى نورۇز يىل باشى،كەتتى كۆڭۇلنىڭ چىركىنى،
نورۇز دىبان كىلۇرلەر، خاتۇنلەرنىڭ تۇركىنى.
گۇللەر قىسىپ قىز- ئوغۇل ئەگرى قويار بۆكىنى،
<مېلىس> قىلىپ ئوينىشار ئاچۇر كۆڭۇل مۇلكىنى،
قايغۇ مېھنەتلەر كېتىپ، يايراشۇر كۇندۇز بۇ كۇن
مېلىس- قومۇل رايونىدا مايسا مەشرىپى دەپ ئاتىلىدۇ.
يوقۇرقى بىيىتتا كونا يىلنى ئۇزۇتۇپ، ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىش، يېڭى يىلنى قۇتلۇقلاپ، ئۇنىڭ ئاساسلىق بولىشىنى تىلەشتىن ئىبارەت مەزمۇن ئەكىس ئەتكەن.
ئەڭ قەدىمكى نورۇز مۇراسىملىرىنىڭ 11- ئەسىرگىچە يېتىپ كەلگەن شەكىللىرى توغرىسىدا ئەرەب ئالىمى ئەل خىسراۋنىڭ تۆۋەندىكى مەلۇماتلىرى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن نورۇز بايرىمى پائالىيەتلىرىنى سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىشتا زور ياردەم بېرىدۇ:
... نورۇزدا، يىگىرمە بەش كۇن ئالدىن سارايدا خىشتىن 12 بۆلەك سۇپا ئېتىز ياسىلىدۇ. ئۇلاردىن بىرىگە بۇغداي تېرىلىدۇ باشقىلار غا رەت بويىچە ئارپا، شال، ماش، قۇناق،لويلا، نوقۇت، كۇنجۇت... تېرىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ھوسۇلىنى يىغىشتا ناخشا ئېيتىلىدۇ. ساز چېلىنىدۇ ۋە ئۇسۇل ئوينىلىنىدۇ . دان يىغىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنى ئېتىز، مەيدانلارغا چېچىۋېتىدۇ. ئەگەر بۇ ئۇرۇق ياخشى ئۇنسە بۇ يىلقى ئېكىنلارنىڭ ئۆسۇشى ياخشى بولىدۇ دەپ قارىلىدۇ.....
ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا < نورۇز بايرىمى>نىڭ بىر قەدەر ئومۇملاشقان قائىدىلىرى مۇنداق :
نورۇز كىرىشى بىلەن كىشىلەر يېڭى يىل شەرىپىگە شاد- خۇراملىق ئەكىس ئەتكەن تۇرلۇك شېئىر - قوشاق< نورۇزنامە> لەرنى يېزىپ تەييارلايدۇ، نورۇز كۇنى چىرايلىق كىيىنىپ ھاۋالىق جايلارغا، باغلارغا، ئاۋات بازارلارغا، دەريا بويلىرىغا بېرىپ قىززىقارلىق، يەرلىك مىللىي ئويۇنلار ئوينىلىدۇ. قوشاقچىلار شېئىر ۋە قوشاق توقىشىدۇ. نەغمە- ناۋا ، چېلىشلار قىزىپ كېتىدۇ. چاقپېلەك ئۇستىدىكى قىز- يىگىتلەر خوشاللىقتىن بۇلۇت ئۇستىدە قاڭقىيدۇ....قىسقىسى ھەر بىر كىشى ئۆزىگە خاس ماھارىتىنى جارى قىلدۇرۇپ چەكسىز شاد- خوراملىق ئىچىدە بايرام تەنتەنىسى قىلىدۇ.
< نورۇزلۇق> ئاخىرلاشقاندا جامائەتتىن يىغىش قىلىپ چوڭ داش قازان ئېسىلىدۇ. بەزى ئائىللەر چامىسىنىڭ يېتىشىچە< نورۇز ئېشى> تەييارلاپ( نورۇز ئېشى كۆپىنچە بۇغداي، قوناق، ئارپا يامىسى، نوقۇت،كۆك ماش، قاق، جىگدە، چامغۇر، سامساق، گۆش، قوينىڭ كاللا- پاقالچىغى قاتارلىقلار ئارلاشتۇرلۇپ پىشۇرغان كۆجە ياكى ئۇماچ بولىدۇ)مۇراسىم مەيدانىغا ئېلىپ بارىدۇ. ئاندىن كۆپچىلىك دەرقەمدە ئولتۇرۇپ ئىچىدۇ.
--------------------------------------
( مەدەنىيەت ئىزلىرىدىن تۇغۇلغان ھېسلار) ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى.