ئا يال كىشى دېگەن ئاچچىق-چۈچۈك لەمپۇڭ،راڭپىزا،سوزىمىيەن،مالاچۈئەر...دېگەندەك بىر نەرسىلەرگە ئەجەپمۇ ئامراق كېلىدۇ...ئالدىنقى جۈمە كۈنى ئايالىم بىلەن، قومۇلدىكى پۈتكۈل ئۇيغۇر خوتۇن- قىزلىرى،ھەمدە يىگىت-ئەرلىرى چىۋىندەك ئولۇشۇپ كېتىدىغان مىڭيۆ<< مالاچۈئەر>>خانىسغا كەلدۇق...ھاۋا ئىسسىق بولغاچقا بۇ ئۇيغۇر بازىرىنى قۇرۇتتەك لۆمۈلدەپ يۈرۈشكەن ،كشىلەر تولىمۇ ئاۋاتلاشتۇرىۋەتكەن ئىدى...كاۋاپچىلارنىڭ << تېخى يۈزى ئېچىلمىغان،سۈننەت قىلمىغان پاخلانلىرى >> كاۋاپقا ئۆزگىرەپ كىملەرنىڭدۇر كانەيلىرىدىن بارار جايىغا كىرىپ كېتىۋاتقان، ھاراق-شاراپلار بىكارنىڭ نەرقىدە ئىچىلىۋاتقان...كۆرۈنۈشلەر مىڭەمنى قۇچىۋەتتى... |