سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

دەششەت سالام خەت!

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-03-27 19:43مەنبە:ئالمىزار تورى يازغۇچى:ئالمىزار زىيارەت سانى: قېتىم

بىر توردىشىمنىڭ قىز دوستىغا يازغان يازغان سالام خېتىنىڭ مەزمۇنى مۇنداق


قاراسۇ دەرياسىنىڭ لاتقىسىدەك ۋەيرانە يۈرۈكۈمدىن
چاغاندا ئېتىلغان پوجاڭزىدەك سالام


ھۆرمەتلىك: كۆزى قارا، ئېغىزى دورداي جانانىم: ناز

ياخشىمۇسىز؟ كۈنلىرىڭىز ئاران مېڭىۋاتقان تېراكتۇدەك ياخشى كېتىۋاتامدۇ؟ ئىسلىۋەتكەن دوقمۇشتەك سۆرۈن تەلەتىڭىز قەدىر ئەھۋالمۇ؟ يىرتىلىپ كەتكەن كالاچتەك كۈلۈپ يۈرەمسىز ياكى يىغىدىن ماڭقىلىرىڭىز چۇۋۇلۇپ كەتسە ئانىسىنى ئىمىۋاتقان موزايدەك يالاپ يۈرەمسىز؟بىزدىن ئەھۋال سورىسىڭىز، بىزمۇ بىكارچىلىقتا ئالدىراش يۈرۈيمىز.
مەكسەتكە كەلسەك: بەئەينى پايتىمىدەك سۆرىلىپ، ئىتقا چاپلاشقان سالجىدەك چاپلىشىۋالغان ھېلىقى مەرەزنى باياتىن ئەسكى چاپاننى چۆرىگەندەك چۆرىۋتكەنىدىم، ئەمدى زېرىكىپ سىزگە خەت يىزىۋاتىمەن. دىسەم- دىمىسەم، سىز ئۇنىڭدىن بەش تاپان ئاشسىڭىز ئاشىسىزكىن ھەرگىز ئارقىدا قالمايسىز . سىزبەلكىم يۇندىسىنى ئىت،تۈتۈنىنى بۇلۇت كۆرمەيدىغان بىر پىخسىققۇ دەيمەن. سىزنى ھەردائىم تەسەۋۋۇر قىلسام، كۆزىڭىز ئەلەس، يۈزىڭىز چوقۇر،ئوڭ پۇتىڭىز توكۇر،بۇرنىڭىز پۇچۇق، ئىڭىكىڭىز سوقا، تەقى-تۇرقىڭىز بەئەينى بۇقا ، ئىككى مۈرىڭىز بېشىڭىزدىن ئىگىز،كالپۇكىڭىز سىرتقا چىقىپ تۇرغان ھوڭگۇل چىشلىرىڭىز بەئەينى بىگىز، يۈزىڭىز يايپاڭ،قۇلىقىڭىز سالپاڭ،ئۆزىڭىز ئۆتۈپ كەتكەن ھورۇن ھەم گالۋاڭ.كۆزىڭىزدىن ياش،ئېغىزىڭىزدىن شۆلگەي كەم بولمايدىغان ، بۇنى ئاز دەپ گەپ قىلغاندا كېكەچلەيدىغان، ئامىرىكا، ئەنگىلىيە ، ياۋرۇپانىڭ داڭلىق پوشكىلىنىڭ قېتىقا يۆگەپ چوڭ يولغا تاشلاپ قويسا، كوچىدىكى لالما ئىتمۇ پۇراپ قويمايدىغان،مۇبارەك تېنىڭىز ھىدرو - سۇلفىتتىنمۇ ئۆتە پۇرايدىغان قىياپىتىڭىز ئىسسىق تېنىمدىن مۇزدەڭ تەرلەرنى ئاققۇزۇپ، پاھ دېگەن ھالدا ئاھ دەپ كۆيدۈرىدۇ. ئوتىڭىزدا گۈلخان ، دەردىڭىزدە دەريا بولۇپ،كېچىلىرى سىز بىلەن سامان يولىدا يۈرۈپ چۈشەيدىغان بولۇپ قالدىم.سىزگە كۆيۈش ئەھدىمدۇر، سىزنى سۆيۈش پەخرىمدۇ. سىز بىلەن دىدارلىشىپ مەخپى بىرگە ئۆتۈش ئارمىنىمدۇ.ئەگەر قوشۇلسىڭىز،جالدۇر-جۇلدۇر ئاشخانامنى تەڭ ئاچاتتۇق.قەلەندەرلەر تاۋىقىدا بىرگە تاماق يەيتۇق . ئېشىپ قالغان تاماقلارنى بېرىپ بولسىمۇ ، سىزگە ياخشى قارايتىم. كۆمۈر تارتالمىغان پويىزدەك ئاۋازىڭىز بىلەن خېرىدار چاقىرىپ بەرسىڭىز ،سۆيۈنچە ئۈچۈن گىلدىڭ باشلار دېسكو خانى سىغا ئاپىرىپ، تېكىدەك سەكرىتىپ، بەش مىنۇت ئوينىتىپ كېلەتتىم. قايتىپ كەلگەندىن كىيىن، ئۈزۈپ تاشلاپ گاڭپەن قىلىپ بېرەتتىم. سىزنى رازى قىلاتتىم. بولامدۇ قانداق؟ئويلىشىپ باقامسىز؟
جاۋابىڭىزنى تىرنىقىمنى چىشلەپ ، قوللىرىمنى غاجاپ تۆت-بەش كۆزۈم بىلەن كۈتىمەن. نا ئۈمىتتە قويمىغايسىز.
سىزگە يوشۇرۇن كۆيۈپ يۈرگۈچى: .......................................؟

(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)
ياخشى باھا
(11)
25%
دەسسەش
(33)
75%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !