يەنە يىللىق خىزمەت باھالاش ۋاقتى باشلاندى. كاتەكلەر ئىچىدىكى بىر كاتەكنىڭ خوجىسى بولغان خوراز تەۋەلىكىدىكى مۇئاۋىن ۋەزىپىدىكى خورازلاردىن تەشكىللەنگەن «مىكيانلارنى يىللىق باھالاش رەھبەرلىك گورۇپپىسى»نى قۇرۇپ چىقتى. رەھبەرلىك گورۇپپىنىڭ باشلىقلىقىنى خوجىدار خوراز، مۇئاۋىن باشلىقلىقىنى مۇئاۋىن خوجىدار خوراز ۋە سىياسى ئىشلارغا مەسئۇل خوراز ئۈستىگە ئالدى. ئەزالىرى بولسا مۇئاۋىن خوجىدارنىڭ مۇئاۋىن خوجىدار خورازلىرى ئۈستىگە ئېلىشتى. ( چۈنكى بۇ كاتەكتە بارى يوقى ئۈچ مىكيان، ئوخشاشمىغان ۋەزىپىدىكى رەھبەر خورازدىن ئالتە يەتتىسى بار ئىدى) يىللىق باھالاشقا رەھبەرلىك قىلىش گورۇپپىسىدىكىلەر يىغىن ئاچتى، يىغىنغا خوجىدار خوراز رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇنداق پىكىرگە كىلىشتى. |