دادىسى يېزىق ئۈستىلى يېنىدا،بىر ئايلىق ھېسابات تالونىنى قول-قولىغا تەگمەي رەتلەۋاتاتتى ،دەل شۇ چاغدا ئوغلى ئۆيگە ئىتتىك كىرگىنىچە ھاياجانلىنىپ سۆزلەپلا كەتتى :<<دادا،بۈگۈن سىزنىڭ 55ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىڭىز ،شۇڭا سىزنى 55قېتىم سۆيۈپ قوياي،بىر سۆيۈشۈم بىر يىلغا ھېساپ بولسۇن .>>بالا شۇنداق دېگىنىچە ،دادىسىنى سۆيمەكچى بولغاندا ،دادىسىنىڭ سوغۇق رەت قىلىشىغا ئۇچىردى . |