سىغىنىشنىڭ تەمىنى بىلەمسەن؟قەلبىم ئۆيىدە قۇرۇپ كەتكەن ئوت-چۆپلەر ئۆسۈپ كەتكەندەكلا،ھەربىر شامال چىقسا"شىلدىر-شىلدىر" قىلىپ ئىسمىڭنى يادلايدۇ. سىغىنىشنىڭ تەمىنى بىلەمسەن؟يانفۇن قولۇمدا،تونۇش بولغان ئەرەپ رەقەملىرىنى تالاي قىتىملاپ باسىمەنيۇ،ئۇلاش كۇنۇپكىسىنى بىسىشقا مەڭگۈ جۈرئىتىم يوق. مەپتۇن بولۇشنىڭ قانداقلىقىنى بىلەمسەن؟بىر تىكىلىپ قاراش،بىر كۈلۈمسىرەش ئۈچۈن بارلىقىڭنى بىغىشلاشقا رازىسەن... مەپتۇن بولۇشنىڭ قانداقلىقىنى بىلەمسەن؟بارلىقىڭدىن ۋاز كىچىپ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن مىڭىشقا رازىسەن،ئالدىڭدىكى يول ساڭا ناتونۇش بولسىمۇ،يەنىلا جاسارەتكە تولغان بولىسەن....
مەنبە:ئىنتىرنىت تورى (تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |