تارىختا ئىلى ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلار بەكمۇ ئازادە شارائىتتا ياشىغان . ئىلىنىڭ ئالاھىدە جۇغراپىيەلىك ئورنى ، ئۇلارنىڭ تەبىئى بايلىقى ، كان ، ئورمان بايلىقى ، يايلاق ، سۇ ، مال -چارۋا ، بىنەم ئالاھىدىلىكلىرى بۇ ۋادىنىڭ ئادەملىرىنى تولۇق يېتىلدۇرگەن . تەبىئى بايلىقلار ئۇلارنىڭ مىجەزىنى ئەتراپلىق تاۋلىغان .شۇڭا ئۇلار ئەۋلاتتىن -ئەۋلاتقىچە مەيدىسىنى كېرىپ ياشاپ ئۆەىنىپ قالغان . مۇشۇنداق ئالاھىدىلىك ، ئەۋزەللىك بىلەن بىنەملەرنى بىر يىل تېرىپ قويسا نەچچە يىل يەيدىغان ، مال -چارۋىلىرىنى دالاغا قويۇۋىتىپ ھەپتە ئىزدىمەيدىغان ئەمەليىتى بۇگۇنكى كۈندە ئۇلارغا << پوچى >> دېگەن ئاتالغۇنى ھەدىيە قىلغان . توق ياشاپ يېتىلگەن بۇ خەلق چوڭ-چوڭ سۆزلەشكە ئادەتلىنىپ قالغان . |