بىر يىگىت بىر قىزنى ھەقىقى ياخشى كۇرۇپ قالغاندا بىر يىگىت بىر قىزنى ھەقىقى ياخشى كۈرۈپ قالغاندا ،يىگىت قىزنىڭ ئاۋازىغا ئىنتايىن سەزگۇر بولىدۇ. ئارلىق شۇنچە يىراق بولسىمۇ يەنىلا قىزنىڭ نىمە دەۋاتقانلىغىنى بىلەلەيدۇ . بىر يىگىت بىر قىزنى ھەقىقى ياخشى كۈرۈپ قالغاندا ،ئۆزىنىڭ ھەممە قىممەتلىك نەرسىلىرنى ئۇنىڭ ساقلاپ بىرىشگە تاپشۇرۇپ بەرگۇسى كىلىدۇ ،ۋە كۇن ئۆتكەنسىرى نەرسىلىرنى بىر -بىرلەپ قىزنىڭ ساقلاپ بىرىشى ئۈچۇن بىرىۋىتىدۇ ،ئەڭ ئاخىردا ئۆزىنىڭ بارلىق مۇھىم نەرسىلرى قىزنىڭ قۇلىدا بولىدۇ ، بىر يىگىت بىر قىزنى ھەقىقى ياخشى كۈرۈپ قالغاندا،قۇلىغا قەلەم ئېلىپ نۇرغۇن نەرسىلەرنى يازىدۇ، ھەمدە يالغۇز قالغاندا قايتا- قايتا ئۇقۇيدۇ، بىر يىگىت بىر قىزنى ھەقىقى ياخشى كۈرۈپ قالغاندا،ھەرقانداق بىر يىگىت ، قىزغا يېقىنلاشقاندا يىگىتنىڭ يۈرىكى ئاچچىقتا ئاغرىپ كىتىدۇ، بۇ قانداقتۇر بىر كۈنلەمچىلىك ۋە ياكى ئىچى تارلىق بولماستىن،بەلكى ھەقىقى ياخشى كۆرگەنلىكنىڭ شەرتسىز رىپلىكىسى ،ھەرقانچە كۆڭلى- كۆكسى كەڭ ،مەرت يىگىت بولسىمۇ تەبىئىلا شۇنداق بولىدۇ . بىر يىگىت بىر قىزنى ھەقىقى ياخشى كۈرۈپ قالغاندا، ھەر بىر تال قىسقا ئۇچۇرنى يوللىۋەتكەندىن كىيىن قىزنىڭ جاۋابىنى كۈتىدۇ ،ھىچبولمىسا بىر ok دىگەن جاۋاپنىڭ بولسىمۇ كىلىشىنى كۈتىدۇ ،ئەگەر جاۋاپ كەلمىسە ئۇيقۇسى قاچىدۇ . يىراقتىن قىزغا قاراپ تۇرىدۇ ، ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرۋالغاندىن كىيىن ئاندىن قىزنىڭ يېنىغا بارىدۇ . بىر يىگىت بىر قىزنى ھەقىقى ياخشى كۈرۈپ قالغاندا، ئەگەر قىزنىڭ كۆڭلى بىئارام بۇلۇپ قالغان بولسا ،قىزنىڭ ئورنىغا ياش تۈكۈپ بەرگۈسى ،ھەتتا قىزنىڭ ئۆزىنى قاتتىق تىللىۋېلىپ قىزنىڭ بىئارامچىلىقنى پەسەيتكۈسى كېلىدۇ . ئشىنىشىمىز كېرەككى ،بىر قىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرگەن يىگىتنىڭ مۇھەببىتى ھامان ھەممىنى بېسىپ چۇشىدۇ ، دىمەكچىمەنكى ،بىر قىزنى بىر قانچە يىگىىت تەڭلا ياخشى كۈرۇپ قالغاندا ،ھەقىقى مۇھەببەتلىك يىگىت ئاخىرقى ھىساپتا قىزنى يېنىغا تارتىپ كېلەلەيدۇ . ھەقىقى مۇھەببەت ،ئۇ بىر ئادەمنىڭ يۇشۇرۇن كۈچىنى قىزىپ چىقىرالايدىغان ئاجايىپ سىھىرلىك نەرسە . توغرا ،بۇدۇنيادا پەقەت بىرلا ئادەملا سىزنى ئاجايىپ يۈكسەكلىك بىلەن ياخشى كۆرىدۇ ، ھەتتا سىزنىڭ ئازاپلار ئىز سالغان ،قۇرۇق باسقان چېھرىڭىزنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ ، ئۇ كىشى دەل سىز قەدىرلىشىڭىزگە ئەرزىيدىغان ھەقىقى مۇھەببەت ئېگىسىدۇر. مەنبە : كومپىيۇتېرىمدىكى ساقلانما |