‹‹ دوست يىغلىتىپ ئېيتار ، دۈشمەن كۈلدۈرۈپ ›› پېشقەدەم شائىر مۇھەممەد رېھىمنىڭ ‹‹تىللىسا›› ناملىق غەزىلىدە: خۇش بولارمەن كۆرسىتىپ ئەيىبىمنى ھەر كىم تىللىسا، مەيلى دوست – يار، مەيلى پۇقرا، مەيلى ھاكىم تىللىسا. بولمىغاچ ئادەم ئەيىب، نۇقسانۇ ئىللەتتىن يىراق، رەنجىمەس دانا كىشى ھەتتا مۇلازىم تىللىسا. بۇ ھاياتلىقتا ئۇنىڭدىن ھېچ كىشى خالىي ئەمەس، يامىنى شۇ ھەممىدىن ئۆلگەندە خەلقىم تىللىسا. دەپ يېزىپ، ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىغانىدى. شېئىردىكى ‹‹خۇش بولارمەن كۆرسىتىپ ئەيىبىمنى ھەر كىم تىللىسا›› دېگەن جاراڭلىق سادا شائىرنىڭ ئالىيجاناب پەزىلىتىنى نامايان قىلغانىدى. شائىر تولۇپ – تاشقان ھاياجان بىلەن ئۆزىگە – ئۆزى جەڭ ئېلان قىلىپ، باشقىلارنىڭ ئۆزىگە ئەينەك بولۇشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلغان. رېئال تۇرمۇشىمىزدا ‹‹ئەيىب – نۇقسانلىرىمنى كۆرسىتىپ بەرسەڭ، ماڭا ئەينەك بولساڭ، ئالەمچە خۇش بولاتتىم›› دەپ مەيدىسىگە ئۇرالايدىغانلاردىن قانچىلىكى باردۇ؟ بۇ ھەممىمىز ئويلىنىشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسىلە. خۇددى شائىر مۇھەممەد رېھىم: ‹‹بۇ ھاياتلىقتا ئۇنىڭدىن ھېچ كىشى خالىي ئەمەس›› دەپ ئېيتقىنىدەك، ھاياتلىقتا ئادەملەر ياكى ئۇنداق، ياكى مۇنداق كەمچىلىك، ئەيىب – نۇقسانلاردىن خالىي بولالمايدۇ، نۇقسانسىز، ئەيىبسىز ئادەممۇ بولمايدۇ. ئەمما ئەيىب – نۇقسانلىرىنى تۈزەتمەيدىغان ياكى تۈزىتىشكە تىرىشمايدىغان ئادەملەر ناھايىتى كۆپ. كۈندىلىك تۇرمۇش، خىزمەتتە بىراۋنىڭ يېتەرسىزلىكى ياكى ئەيىب – نۇقسانلىرىنى سەمىمىي كۆرسىتىپ بەرسىڭىز، خۇش بولۇپ تۈزىتىدىغانلاردىن خاپا بولۇپ تەتۈر قارايدىغانلار كۆپ بولۇشى مۇمكىن. نېمىشقا دېگەندە، بەزى ئادەملەر ماختىنىشقىلا كۆنگەن بولۇپ، تەنقىد – تەربىيەنى كۆتۈرەلمەيدۇ، تەكلىپ – پىكىرلەرگە قۇلاق سالمايدۇ. چۈنكى، ماختىنىش ئارقىلىق روھىي قانائەت ھاسىل قىلىش ياكى ئىلھام – مەدەت ئېلىش ئىنساننىڭ تۇغما تەبىئىتى. ئادەم ئۆمۈر بويى مۇكەممەللىكنى قوغلاشسىمۇ، ئاقىۋەتتە، يەنىلا ئۇنىڭغا ئېرىشەلمەي دۇنيادىن ئۆتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، يېتەرسىزلىك، ئەيىب – نۇقسانلىرىڭىزنى كۆرسىتىپ بەرگەن، سەمىمىي تەكلىپ – پىكىرلەرنى بەرگەن كىشى دۈشمىنىڭىز ئەمەس، بەلكى دوستىڭىز، سىردىشىڭىز ھېسابلىنىدۇ. باشقىلارنىڭ ئەيىب – نۇقسانلىرىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىشى ئۇلارنىڭ بىزنى كەمسىتكىنى، غۇرۇرىمىزنى يەرگە ئۇرغىنى ئەمەس، بەلكى چىن قەلبىدىن بىزگە ياردەم قىلغىنىدۇر. چۈنكى ئۆزىمىزدىكى يېتەرسىزلىك ۋە ئەيىب – نۇقسانلاردىن غالىب كېلەلىسەكلا، مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئالتۇن دەرۋازىسىغا ئاچقۇچ سالالايمىز. ئالدىمىزدا ماختاۋەرگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ دوستىمىز بولۇشى ناتايىن. بىزدە ‹‹دوست يىغلىتىپ ئېيتار، دۈشمەن كۈلدۈرۈپ›› دەيدىغان ھېكمەت بار. بىزگە ھەقىقىي كۆيۈنىدىغان، قايغۇ ۋە شادلىقىمىزغا ئورتاقلىشالايدىغان كىشىلەرلا، ئەيىب – نۇقسانلىرىمىزنى يۈزىمىزگە سالالايدۇ ۋە تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويالايدۇ. باشقىلارنىڭ سەمىمىي تەكلىپ – پىكىرلىرىگە قۇلاق سېلىش، مىجەزىمىز، پىسخىكىمىز، خاراكتېرىمىزدىكى ئاجىزلىقلارنى، ئەيىب – نۇقسانلارنى تۈگىتىشكە ۋە تۈزىتىشكە ماھىر بولالىساقلا، كېلەچەك بىزگە كۈلۈپ باقىدۇ، مۇۋەپپەقىيەت كەڭ قۇچىقىنى ئاچىدۇ. (تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |