سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

سىز ئانىڭىزنى چۈشىنەمسىز ؟

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-04-21 15:05مەنبە: يازغۇچى:almizar زىيارەت سانى: قېتىم

ئانىڭىزنى چۈشىنەمسىز

پەرزەنىت ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز بەدەل تۆلىگۈچى،ئۆمۈر بويى پەرزەنتى ئۈچۈن،بارلىقىنى كۆيدۈرۈپ تۈگەتكۈچى ئانىمۇ،ئۆزىگە خاس ئارزۇ- ئۈمىد،تەلەپ- ئىھتىياجلارغا ئىگە بىر ئادەم.ئۇنىڭ ئانىلىق سۈپىتىنى قايرىپ،ئانىلىق توسالغۇلىرىدىن ھالقىپ،قەلبى قايناق ھىس-تۇيغۇلارغا چۆمۈلگەن،ئاجايىپ سەزگۈر مەۋجۇتلۇق ئىكەنلىكىنى ئىتىراپ قىلغىنىمىزدا،ئاندىن ئۇنى چۈشىنىشنىڭ، قەلبىنى،نۇرغۇن پەرەنجىلەر ئىسكەنجىسىدىن تىڭلاشنىڭ مۇقەددىمىسىگە يول ئالغان بولىمىز. ئاندىن ئۇنىڭ ئۆزىگە مەنسۇپ بولمىغان جىنىس تىپىغا ئايرىلىش گۇناھى ئۈستىگە ئالغان،قەرىزدارلىق مەجبۇرىيەتلىكلىرى ئىچىدىكى ھارغىن مەۋجۇتلىقىغا تۇنجى قىتىم تىكىلگەن بولىمىز.
شۇندىلا چوقۇم شۇنداق بولۇشى كىرەكتەك ھىس قىلغان،ئانىغا تىڭىپ قويغان،ئانىغا يۈكلەپ قويۇلغان بوپىلىرىمىزنىڭ شۇنچە كۆپلۈكىنى،ئۇنىڭغا شۇ قەدەر رەھىمسىزلىك قىلغىنىمىزنى ھىس قىلىمىز. بۇ خىل پەرۋاسىز پوزىتسىيىمىزدە ئىپادىلەنگىنى، ئانىنى زىيادە ئىزچىل بەدەل تۆلەشنىڭ ئىلاھى سىماسى ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى، ئانىغا بولغان يۆلىنىۋىلىش ۋە ئۇنىڭمۇ، ئۆزىمىزگە ئوخشاش ئىنسان ۋە بالا ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇش پاجىئەسى يوشۇرۇنغان، ئۇمۇ تەسەللىگە ، رىغبەتكە ، پەپىلەشكە، بالىلارغا خاس تۇيغۇلارغا ئىگە. ئۇ، غايىپتىكى پەرىشتە ئەمەس. رېئاللىقىمىزدىكى كونكىرىت ئادەم بولغاچقا، ئۇنىڭغا روھىي، جىسمانىي جەھەتتىن ھارىدىغانلىقىنى، ئاچىدىغانلىقىنى، ئاغرىپ قالىدىغانلىقىنى، نەزەرىمىزدىن ساقىت قىلماسلىقىمىز كىرەك ئىدى. ئۇنىڭ كۆڭۈل بۆلۈش، ئۇنى چۈشىنىش، ئۇنىڭغا رىغبەت ئاتا قىلىش،پەرۋىش قىلىپ تۇرىشىمىز يوق دىيەرلىك تۇرۇپ، ئۇنىڭ "ئانا "بولۇپ قالغان گۇناھىغا يۈكلىگەنلىرىمىز تولىمۇ كۆپ ۋە ئېغىر! بىچارە ئانىنىڭ ۋىجىككىنە گەۋدىسى، ئاجىز تىنى ۋە تولىمۇ نازۇك روھىغا ئارتىپ قويغانلىرىمىز ئازمۇ؟ مۈدۈرۈپ- چوقۇرۇپ،ئۇھسىراپ، ھالسىراپ، پەرزەنىتلىرىنىڭ يىغا ئاۋازى قۇلاق تۈۋىدە ياڭراۋاتقان تۇيغۇدىن ئۆزىگە كۈچ مادار يىغىپ، ئاخىرقى نۇقتىغىچە تىرىشىۋاتقان، سەنتۈرۈلەي-سەنتۈرۈلەي دەپ ئاران –ئاران قەدەم ئېلىۋاتقىنى بىزنىڭ ئانىمىز ئەمەسمۇ؟! بۇ ئۇچىغا چىققان شەخسىيەتچىلىك ۋە رەھىمسىزلىكنىڭ ئىپادىسى. ئانىمىزنىڭ ئانا ئۇقۇمىدىن تاشقىرى بارلىق ياشاش، بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقلىرىدىكى،تېگىشلىك نىسىۋىلىرىگە نىسبەتەن پەرۋاسىز مەسئۇلىيەتسىزلىك ئەمەسمۇ؟ ئانىنىڭ ئۆزى ئۈچۈنمۇ سوقىدىغان ئويلۇق يۈرىكى،قايناق تۇيغۇلىرى يوقمۇ؟ ئانىنىڭمۇ ئىزدىنىش ،ئىجادىيەت،ئۆگىنىش تەشنالىقى،ئىنتىلىشى يوقمۇ؟ ئانىنىڭمۇ ئەر ۋە پەرزەنتى مونۇپۇل قىلىۋالمىغان ۋاقتى ۋە شۇ ۋاقىتتىكى ئۆزىگە خاس پائالىيەت ۋاقتى يوقمۇ؟. شۇلارنىڭ قايسىبىرىدە ئانا، ئۆزىنىڭ ئانىلىق مەسئۇليىتى، مەجبۇرىيىتى،ئانىلىق گۇناھىنىڭ بوغۇشىدىن،مەھبۇسلىقتىن ئازات بولالىدى؟! ئاشۇنداق زەنجىرسىمانلىقنىڭ ھەممىسىدە پەقەتلا "ئانا" سۈپىتى بىلەن ئىزچىل بەدەل تۆلەشنىڭ سىنىقىدا، ھەر قاچان تەييار تۇرغان ھېرىپ- چارچىغىلىمۇ پۇرسەت، ۋاقىت يوق ئانىنىڭ پەرزەنىتلىرى،ئانىمىز ياشىنىپ قالدى. بىز ئانا بولدۇق، ئانىمىزنى ئىشلىتىپ بولدۇق، بىز ئەمدى قۇچىقىمىزدىكى بالىمىز ئۈچۈن پايپىتەك بولۇشنىڭ،ھارغىلى رۇخسەت يوق تەييارلىق باسقۇچىدا.
ئانىمىز مومايغا ئايلىنىۋاتىدۇ... بەللىرى مۈكچەيگەن،كۆزلىرى خىرەلەشكەن، پۇت- قوللىرى تىترەپ ئاران- ئاران تۇرۇۋاتقان،كۆزلىرىدىن تولىمۇ بىچارىلەرچە ئىلتىجا ۋە مۇھتاجلىق چىقىپ تۇرىدىغان،ھەر بىر ئۇھسىنىشلىرى نەچچە مىڭلىغان ئارزۇ- ئۈمىدلەرنىڭ ئارمانلىق جەسەتلىرىنى قالدۇرۇپ كىتىۋاتقان موماي- بىزنىڭ، بىزدەك تۇيغۇلارغا شاھىد بولۇپ،پەرۋىسىز، تاماسىز بەدەل تۆلەشنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتكەن ھەسرەتلىك ئانىمىز. ھىسسىياتچان ۋە ئەقىلنىڭ ئاجايىپ زور ۋە تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز بوشلۇقلىرىدا تىڭىرقاپ، يېتىم قىلىپ ،يەنە بىز ئۈچۈن ئۈمىدلىنىپ ياشاپ، تىرىشىپ- تىرمىشىپ كەلگەن ئانىمىزنىڭ تىراتىگىيە ئىچىدىكى ئوبرازى!.
بىز شۇنداق ئويلايمىز ،ئانا بولغاندىنكىن پەرزەنىت ئۈچۈن ياشىشى كىرەك. بارلىق ئانىلار شۇنداق قىلىدۇ،شۇنداق ياشاپ كەلگەن.ئانا ئۈچۈن پەرزەنتىنىڭ بەختىدىن،خۇشاللىقىدىن ئارتۇق خۇشاللىق بولمايدۇ.پەرزەنتىنى تەربىيلەپ،قاتارغا قوشسىلا،ئۇنىڭدىن ئارتۇق بەخىت ۋە مۇكاپات بولمايدۇ. دۇرۇس، بۇلارنى بىز ئانىمىزنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغان،ھەرىكىتىدىن كۆرگەن،ئانىمىزنىڭ ۋۇجۇدىدىن بىزنىڭ تەپەككۇرىمىزغا شۇلار تارىغان.چۈنكى بىزنىڭ مەۋجۇتلىقىمىز،ئانىنىڭ ئاستا- ئاستا ئۈزلۈكسىز تۈردە تۈگىمەس بەدىلى ۋە پەرزەنتى ئۈچۈن ھەممە نېمىسىنى يوقىتىشى!...ئەجەبا ئىچىمىز ئاچچىق بولمايدىكەن ھە! ئانىمىزمۇ نورمالنى تۇيغۇغا ئىگە.روھى ۋە جىسمى چەكسىز تۈگىمەس كۈچ- قۇۋۋەت مەنبەسى ئەمەس، بىزدەكلا ئادەم ئىكەنلىكىنى،ئۇنىڭمۇ بىز ئىنتىلگەن نەرسىلەرگە ئىنتىلىپ،بىز بەھىرلەنگەن تەرەپلەردىن ئورتاق بەھىرلىنىش تەقەززاسى ۋە تەلىپىنىڭ بارلىقىنى،ئۇنىڭغا يىتەرلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە مادارغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن،ئەتراپتىكىلەرنىڭ ئۇنىڭغا ماددى ۋە مەنىۋى مەبلەغ سىلىپ تۇرۇشنىڭ زۆرۈرلىكىنى چۈشىنىشىمىز كىرەك ئىدى.
بىز ئۇنىڭ جىمى تەئەللۇقاتىنى، جىمى ۋاقتىنى،زېھنى- كۈچىنى،ئەقىل –ئىدرىكىنى،ياشلىقىنى،ئۆمرىنى، ئارزۇ-ئۈمىد، تىلەكلىرىنى،ھەممە –ھەممىنى ئىگەللىۋالدۇق.چۈنكى ئۇ "ئانا"بولغانىكەن چوقۇم شۇنداق قىلىشى كىرەك!ئۆزىنىڭ "ئانا" بولغانلىقىنى ھەقىقى ھىس قىلغان ئانا، شۇ كۈندىن باشلاپ، ئۆزىنىڭ پەرزەنتى ئۈچۈن ياشايدىغانلىقىنى،ھەر بىر ھەرىكەت ، گەپ- سۆز، ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ پەرزەنىت ئۈچۈن قۇربانلىق بولىدىغانلىقىنى،ھاياتلىقىدىكى بىردىنبىر ياشىشى، ئارزۇ-ئۈمىد، ئىنتىلىشلىرىنىڭ پەقەت ۋە پەقەت بىر مەركەزگىلا-بالىغا مەركەزلىشىپ،پائالىيەت قىلىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ،ئۇنىڭ ۋەزنىنى ھىس قىلىپ،تېتىپ باققان. ئەنە شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنىڭ مەنىۋى ھاياتىدا،ئىجدىمائىي ھاياتىدا بالا مەركەز قارىش گەۋدىلىنىپ،دۇنيادا بالا بىلەن ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇق مۇناسىۋىتىلا، ئۇنىڭ ھاياتىغا تەبىر بەرگەن،بىزگە بارلىقىنى ئاتاپ،ھەممە نەرسىنى يوقۇتۇپ،پەقەت ۋە پەقەت كۆزلىرىلا مۆلدۈرلەپ تۇرغان ئانىغا پەرۋىشىمىز نىمە؟ خالىغان تاماقنى يىيەلمەيدىغان، بىر پىيالە سىڭىشلىك تاماقنى ناھايىتى قىيىندا ئاران- ئاران يىيەلەيدىغان ھالى قالغان ئانىمىزغا،بىرەر يىرىم قاچا تامىقىمىزنى مەھبۇسقا، قۇلغا، تىلەمچىگە سۇنۇپ بەرگەندەك،ئاچ قالغان ئادەمگە خەيىرخاھلىق قىلىپ سۇنۇپ بەرگەندەكلا سۇنۇپ بىرىپلا،باللىرىمىزنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئىلىشىنىمۇ بىرگە سۇنۇپ بىرىش بولدى! ئەڭ ئاخىرقى ئۆمرىدە بولسىمۇ خاتىرجەم كۈتۈلۈشكە، كۆڭلى قايسى ئىشنى تارتىپ،نىمىدە خۇش بولسا شۇنى قىلىش ھوقۇقىغا،شارائىت،پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن ئانىلىرىمىز، ئۆز ئۆيىدە بولسىمۇ،جېدەل- ماجرا،غەۋغاسىز،يەنە مىھمان كۈتۈش، بالا بېقىش ئالۋىڭىدىن قۇتۇلۇپ،خاتىرجەم ھالدا ياشاشقا ئىرىشەلمىدى!.باللىرىمىزنىڭ قىيا- چىيالىرىنى بىزمۇ ئاڭلاپ زىرىكىپ،تېرىكىپ،بىراقلا قۇتۇلۇشنىڭ يولى بولغان-چوڭ ئۆيگە تاشلاپ قويۇپ،يەنىلا ئانىلىرىمىزنىڭ روھىنى، تۇرمۇشىنى قاقتى-سوقتى قىلىشقا ئادەتلىنىپ كەتتۇق!.بۇنىڭدىن قىلچە خىجىلچىلىق ھىس قىلىش يوق،ئەكسىچە ئانىمىزنىڭ باللىرىمىزنى بىزدىن ياخشى باقىدىغانلىقىنى ئويلاپ ناھايىتى خۇشال،غەلۋىرىدىن ئاجرىغىنىمىزدىن سۆيۈنۈپ،خاتىرجەم ھالدا ئۆز ئىشىمىز بىلەن مەشغۇل!. ئانىمىزنىڭ نىمىگە مۇھتاجلىقى، رايى،ئانىلىق گۇناھى باسۇرۇپ قويغان تۇيغۇلىرى، ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى تىڭلاپ بىقىش،چۈشىنىش ئىستىكى بىزدە يوق. قېرىغاندا نىمە ئىش قىلاتتى، ئاغرىپ قالمىسا،نەۋرىلىرنى بىقىپ ئولتۇرۇشتىن ئارتۇق خۇشاللىق بولامدۇ ئۇلارغا!؟ دەيمىز،ئەزەلدىن داۋاملىشىپ،قەلبىمىزگە ئورناپ كەتكەن چۈشەنچىمىز، قاتماللىقىمىز،پەرۋاسىزلىقىمىز بويىچە.شۇڭىمۇ ئانىلىرىمىز ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن ئاندىن "رەھمەتلىك" بولىدۇ،ئاندىن ئۇ ھەققىدە باشقىدىن ئويلۇنۇپ ئاچچىق يۈتىمىز،بىر ئۆمۈر پۇشايماندا ئۆتىمىز.
ئانىلاردا پەقەت پەرزەنىتلىرىدىن، نەۋرىلىرىدىنلا تەسەللى تاپىدىغان روھلا ئەمەس،يەنە نۇرغۇن ئارزۇ- تەلەپ،ئىنتىلىش روھىنىڭ مەۋجۇت بولىدىغانلىقىنى،ھەممىنى پەرزەنتى ئۈچۈن دەپنە قىلىۋىتىدىغانلىقىنى،ئەڭ ئېچىنارلىقى بىزدە ئانىمىز چوقۇم شۇنداق قىلىش كىرەك دەيدىغان،قاششاقلىشىپ كەتكەن،شەخسىيەتچىل تۇيغۇ تۈپەيلىدىن ئانىمىزغا مەنىۋى ياقتىن،روھى جەريانلىرىنىڭ مۇرەككەپ، زىددىيەتلىك تۈگۈنلىرىدىن پەرۋاسىزلىق بىلەن يانداپ ئۆتۈپ كەتكەنلىكىمىزنى ھىس قىلىشتۇر.
ئەمەلىيەتتە ئانىنىڭ قەلبىنى بىر ئىنسانلىق ۋەئاندىن ئانىلىق نۇقتىسىدىن چۈشەنسەك،ئانىنىڭ ۋۇجۇدىغا،روھىغا كۆمۈلۈپ كەتكەن تىلسىماتلارنى تىڭلىيالىساق،قازالىساق،دۇنيانى تىترەتكۈەك كەچۈرگۈسىزلىك ئىچىدە،پەرۋرسىزلىقىمىزنى كاچاتلاپ،ھوشىمىزنى يوقىتىپ قويىمىز!.ئەڭ ئاخىرقى ئەقىل ھوش،ئەڭ ئاخىرقى ۋاقىت ۋە ئەڭ ئاخىرقى ئاۋازنى يىغىپ،ئاپپاق لىباسقا ئورۇنۇپ،جەيناماز ئۈستىدە ئاللاھقا تائەت- ئىبادەت قىلىپ،يەنە بىز ئۈچۈن ئىلتىجا قىلىپ ئولتۇرغان،بۇ ئۇلۇغ مەۋجۇتلۇقنىڭ،رېئاللىقتىكى سىماسى ئالدىدا،ياپراقتەك تىترەپ،سىماپتەك ئىرىپ،بىر تامچە- تامچىدىن لىغىرلاپ تۇرۇپ،ئۇنىڭغا ئۆمۈر بويى سەجدە قىلساقمۇ،ئۇنىڭ ئاشۇ مىننەتسىز ئالىيجاناپ پەزىلىتىدىن ئازراق بولسىمۇ رەڭ،ئۈن-سىن ئالساق،تىلىسەك،قالغان ئۆمرىمىزنى مۇشۇنىڭغىلا سەرىپ قىلساقمۇ،يەنىلا ئۇنىڭ يوقاتقانلىرىنى قايتۇرۇپ بىرەلمەيمىز. دۇئاغا كۆتۈرگەن ئىككى ئاجىز قوللارنىڭ تىترىشىدىكى ئۇلۇغلىقىنى،پاسسىپ روھىمىز بايقىيالمايدۇ. چۈنكى بىزدە يەنىلا "ئانا بولغاندىنكىن شۇنداق بولىدۇ_دە"دەيدىغان قاراش،ۋۇجۇد- ۋۇجۇدلىرىمىزنىڭ مۇتەئەسسپ،ئاسارە ئەتىقىلىرىدە غالىبلىق ئورۇنغا ئۆتكەن!!
تۇرمۇشتىكى ئۇنداق ياكى مۇنداق ئوڭۇشسىزلىقلار تۈپەيلى،پەرزەنتىنى بىر ئۆمۈر ئۆزى ھەم ئانا ھەم دادا بولۇپ بىقىپ،تەربىيلەپ قاتارغا قوشقان ئۇلۇغ ئانىلارنىڭ كەچمىشلىرىگە،قەلبىگە قانداق ئاچچىق قىسمەتلەر جاراھەت سالغاندۇ تىخى؟!. "تۇل خوتۇن" لۇق ئاتىقىغا يۈكلەنگەن ئىقتىسادىي،ئىجدىمائىي،ماددى ۋە مەنىۋى بىسىملار قانچىلىك زور بولغاندۇ؟ ئېرى يوق ئايالنى داۋاملىق گۇناھلىق،يامان ئىشلارنى قىلىپلا يۈرۈيدىغاندەك تەسەۋۋۇر قىلىدىغان،ئىنسان قېلىپىدىن چىققان نومۇسسىز گۇمانخۇرلۇق ۋە شەپقەتسىزلىكىمىز بىلەن ئاشۇ قەلبى لەختە- لەختە بولۇپ كەتكەن قەيسەر ئىچكۈيەرلىرىمىزنى قانچىلىك چەتكە قاققاندىمىز؟ھەم ئانا ھەم دادا،ھەم ئەر ھەم ئايالنىڭ رولىنى ئۆتەپ،يەككە ئاجىز گەۋدىسىگە ئاجايىپ ئاجايىپ ئېغىر يۈكىنى يۈكلەپ، يۈلىگىلى، ياردەم بەرگىلى، رىغبەت بەرگىلى، ئۇسسىغىنىدا بىرەر يېرىم پىيالە ئۇسسۇزلۇق سۇنغىلى ھېچنىمىسى يوق بۇ جان كۆيەرلەرگە بولغان شەپقەتسىزلىكىمىز ئۈچۈن قانچىلىك گۇناھنى،زەئىپ، چۈشكۈن، رەزىل روھىمىزغا يۈكلىگەندىمىز؟ ئىچى قوتۇرلۇق ،نادانلىق، مەقسەت- نىشانسىز،نىمە ئۈچۈن شۇنداق قىلغىنىمىزنىمۇ بۈلمەيدىغان دۆتلىكىمىز بىلەن،ئۇلارغا قىلغان دەككە- دەشنام،كۆرەلمەسلىكىمىزگە ئورىنىۋالغىلى،زىيادە پەسكەش، يارىماس،مەردانىلىكتىن،ئەقىللىقتىن زەررىچە يوق،ئەڭ چۈپۈرەندە نامەرتلىك ئىكەنلىكىنى ھىس قىلماي، ئۆزىنى دەڭسەپ باقماي،چىرىندىلەر،كۈيىلەرسىمان ياشاۋاتقانلار يەنە ئادەملەر – ھە!؟
ئاشۇ ئاجىزە يالغۇز ئانىنىڭ پەرزەنتىنى ئويلاپ،ئۆزىنىڭ تۇرمۇش، ئىستىقبال،ماددى مەنىۋى ياقتىن،ئەقىل ۋە ھىسسىيات جەھەتتىن، ئىجتىمائىيلىقنىڭ، ئادەملەرنىڭ ئەڭ زور بىسىملىرىغا، يەكلەش ۋە چەكلەشلىرىگە بەرداشلىق بىرىپ، يەنە چىداپ يۈرگىنى، يەنە پەرزەنتىنى ياراملىق تەربىيلەشكە ئىنتىلگىنى، يەنە تىرىشىپ- تىرمىشىپ،تۈرلۈك دۇچ كىلىشلەردىكى قاتاردىن چۈشۈپ قالماي، ئۆزىنى –ئۆزى ئاۋۇندۇرۇپ يۈرگىنى، ئادەمنى سۆيۈندۈرگىدەك، قايىل قىلغۇدەك ئىش ئىدى. ئۇلارنىڭ خاتىرە مۇنارىنى تىكلەپ،مەدھىيلەر ياڭراتقۇدەك ئىش ئىدى. چۈنكى، ئۇلارنى بۇ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىغا توشۇپ كەتكەن ئادەملەر ئارىسىدا، ئانىلىق گۇناھى، ئاياللىق گۇناھى پەقەت خاتىرجەم، تىنىچ ياشىغىلى قويمايدۇ. نادان،نومۇسسىز ئادەملەرنىڭ، يىرگەنگىنىمىزدىن تىلغا ئالغۇمىزمۇ كەلمەيدىغان، ئەيىپ –نۇقسان ئىزدەپ قىلىشقان كوت- كوتلىرى ئۇلارنىڭ يۈرىكىنى تىنىمسىز غاجايدۇ!
مۇشۇ تاپ سىلەرگە پۈتكۈل قايىللىقىم، ھۆرمىتىم ۋە سۆيۈنۈشلىرىم بىلەن ئاچچىق رېئاللىقىڭلاردىن ۋۇجۇد- ۋۇجۇدلىرىمنىڭ ئۆكسۈشلىرى، ھۈجەيرە-ھۈجەيرەمنىڭ پارتلاپ كەتكۈدەك چىڭقىلىشلىرى ئىچىدە، پارە –پارە بولۇپ، تامچىلاپ تۇرۇپ سىلەرگە سەجدە قىلىپ، روھىمنى يۇيۇپ، روھىڭلاردىن ئوزۇق ئىلىپ، ئۆزۈمنى پاكىزلاپ چىقىمەن ئۇلۇغ ئانىلار! ھېچنەرسە بەس- تەڭلىك تالىشالمىغۇدەك قەددىڭلارغا ئاياللىق،ئانىلىق، ئۆزلۈك تۇيغۇم بىلەن تىكىلىپ،ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ يۈكسەك، ئەڭ ئالىيجاناپ باغاشلىشى بىلەن سىلەرنى،سىلەر ئۈچۈن چاراسلاپ يىنىۋاتقان ۋۇجۇدۇم بىلەن باغرىمغا بىسىشتىن، بىردەمگىنە سىلەرگە سىڭىپ كىتىشىتىن ئۆزۈمگە ئازراق ئاراملىق، تەسەللى تىپىۋالاي!!.... يۈرىكىمنىڭ پارتلاپ كەتمەسلىكىگە پەرۋىشكار مەدەتلىرىڭلارنى بەرگەيسىلەر! قەلبىڭلاردىن پاناھلىق تىلەپ، ئۇنىڭدىن ئازاق ئوزۇق. روھ، ئۇلۇغلۇق تىلىشىمگە رۇخسەت قىلغايسىلەر!!.....
سىلەرنىڭ قەلبىڭلار گۈزەللىكنىڭ، ئۇلۇغلۇقنىڭ مودىل- ئەۋرىشكىلىرى بىلەن تولۇپ كەتكەن. ئۇنى ئۆمۈر بويى ئارخىئولوگىيىلىك قېدىرىپ،ئۇنىڭدىن ئاۋامنى بەھرىمەن قىلىش قۇدرىتى ۋە پۇرسىتىگە ئىرىشىشى يەنىلا نۇرغۇن توسالغۇلار قورشاۋىدىكى،بىئاماللىق پوزىتسىيىدە بولسىمۇ، ئازراق ئىنتىلىپ، قەلبىمگە، تۇيغۇلىرىمغا تەسەللى ئىزدىمەكچىمەن. يۈكسەك ئالىيجاناپلىقىڭلار ماڭا ئىلھام، مەدەت ئاتا قىلغاي، دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مۆجىزات – ئانىلار!!

 

(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)
ياخشى باھا
(5)
100%
دەسسەش
(0)
0%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !