ئىپىك نەسىر ئاكا، بۈگۈن سەن بىلەن شۇنداق ئۇزۇن مۇڭداشتىم، كۈچەپ سۆزلىشىڭ بىلەن سېنىڭ نەقەدەر خاپا بولغانلىقىڭ غورۇرىڭنىڭ قانچىلىك دەپسەندە بولغانلىقىنى بىلمەك تەس بولسىمۇ، بىراق جىممىدە تۇرۇپ بەردىم، پۈتۈن دىققىتىم بىلەن سېنىڭ گەپلىرىڭگە سۈكۈتلا قىلدىم، ئەمما يۈرۈگۈم ياش تۆكىۋاتىدۇ، سەن ئۈچۈنلا ياش تۆكىۋاتىدۇ، سېنى يولدىشىم دەپ يۈرگىچىنىڭ تاشلاپ چىقىپ كېتىشى ساڭا قىلىنغان خىيانەت دەپ ئەبسۇزلىنىۋاتىمەن، سەندەك بىر كۈيۈمچان، مېھرىبان ، قىرىنداش دىسە ھىچنەرسىسىنى ئايىمايدىغان ئادەمنىڭ مانا مۇشۇنداق بىر ئايالغا ئۇچراپ قالغانلىقىڭدىن يۈرۈكۈم ئاغرىۋاتىدۇ. ئاكام ئەڭ جىق جاپا تاتقان ۋە بىزگە دادامنىڭ ئورنىدا دادا بولغان ئىدى، ئەبسۇس كۆرىدىغان كۈنى مۇشۇمۇ دەپ ياش تۆكىۋاتىمەن. ئەسلى بۇنداق ئەبسۇسلانماسلىقىم، ساڭا تەسەللى ئورنىدا بىر ئېغىز بولسىمۇ گەپ قىلىشم كىرەكتۇ. ئەمما، سەن سۆزلەپ ھاردىڭ بولغاي تېلفوننى قويۇۋەتتىڭ، خوش دىگەن بىر ئېغىز سۆز بىلەن سۈكۈتتە تۇرغان قەلبىم خارلىنىۋاتقان سەن ئۈچۈن تەۋرەندى. ھېلىمۇ جاھان تەرەققىي قىلىپ تېلفون دىگەن نەرسە چىقىپتىكەن. بولمىسا ئاشۇ ئاچچىقلىرىڭنى كىمگىمۇ دەپ بېرەرسەنكىنتاڭ، ئاشۇ ئەلەملىرىڭنى كىمگە شىۋىرلاپ بىرەرسىنكىن تاڭ، بۇرۇنقىدەك خەت يازىدىغان ئىش بولسا 15 كۈنگە سوزۇلغان خەت تىگىشلەردە سەن قانداق بولۇپ كېتەرسەنكىنتاڭ. قەلبىم سەن ئۈچۈن تەۋرەنمەكتە، ساڭا ئەمەس بۇ دۇنيانىڭ ھەجەپمۇ تەتۈرلىكىگە ھەيران قىلىۋاتىمەن. ئوماق بالىلىرىنى تاشلاپلا چىقىپ كەتكەن يەڭگەم ئۈچۈن ئەبسۇزلىنىۋاتىمەن. تۈرلۈك سەۋەب بولسىمۇ، ئەمما ئاشۇ ئوماق بالىسىنى تاشلىغان ئايال ئۈچۈن ئۆزەمنىڭ بىر ئايال بولغانلىقىدىن ئەبسۇزلىنىۋاتىمەن. سەن بىزگە دادا بولدۇڭ، سەن بىز يۆلىنىدىغان تاغ بولدۇڭ، ئەمما بىز سېنى گۈللەر چىچەك ئاچقان بۈكباراقسان باغ دەپ بىلسەك يەڭگەم سېنى خالىسا چەيلەدىغان شاخ قىلدى. |