سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

نەس باسقان كۈن!(ئايسىز~كېچە

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-05-16 17:52مەنبە: يازغۇچى:ئايسىز~كېچە زىيارەت سانى: قېتىم

(ھېكايە)

ئەركىن سابىر

1

— يا ئاللا، خىزمەتنى سىزلا ئىشلىسىڭىز بولغۇدەك، شۇنچىلىك ئاكتىپلىق قىلغىنىڭىزغا يا ئىدارىڭىز يانچۇقلىرىڭىزنى پۇلغا توشقۇزۇۋەتمىدى، يەنە شۇ ئاتام ئېيتقان بايىقى!

ئىشىكتىن كىرىپ بولغۇچە ئايالىم مەستۇرەنىڭ كوتۇلدىشى يەنە باشلاندى.

— نېمە بولدۇڭ! – دېدىم مەن پەرۋاسىزلا، – سوغۇقىڭ ئېشىپ قالغاندەك يەنە سۆزلەپلا قاپسەنغۇ؟

— نېمانچە كەچ قالدىڭىز، سىزنى ساقلاپ كۆزۈم تېشىلەي دېدى، يان تېلېفونىڭىزمۇ ئېتىك.

— ئىدارىدە يىغىن ئېچىلغان، ئەمدى تۈگىدى.

— يىغىن، يىغىن، سىزگىلا ئاچىدىغۇ شۇ يىغىننى! ئۇنىڭدىن كۆرە ئىدارىدىكى نايناق خوتۇنلار بىلەن شى – شى، خا – خا قىلىشىپ ئولتۇرۇپ، كۈننىڭ كەچ بولۇپ كەتكىنىنى تۇيماي قاپتىمەن دەڭا!

— يوق ئىشلاردىن گۇمان قىلىپ، تۇمشۇقلىرىڭ ئۆردەكنىڭكىدەك سوزۇلۇپ كېتىپتىكەن – دە! نېمە ئىش بولغانتى زادى مېنى بۇنچە ساقلاپ كەتكۈدەك!

— نېمە ئىش بولاتتى، ئاۋۇ ئايجاھان چاي قىپتىكەن، كەلمەي قالما، دەپ تېلېفون قىپتۇ.

— قاچان چايغا بارىمەن دېسەڭ، ياق دېگەنتىم. مېنى ساقلاپ ئولتۇرماي، بېرىۋەرسەڭ بولمامدۇ، بۇ يەردە كېسىلىپ ئولتۇرغىچە. 

— ئېرىڭنىمۇ بىللە ئېلىپ كەل، دەپ تۇرۇۋالدى.

— توۋا، ما گەپنى! ئەمدى خوتۇنلارنىڭ چېيىغا ئەرلەرمۇ قىستۇرۇلىدىغان بوپتىما؟ مەن بارمايمەن!

مەن شۇنداق دەپ پېشىمنى قاقتىم. ھېرىپ – ئېچىپ كەلگەندە نېمە ئىش بۇ دەيتتىم ئىچىمدە. ئۇنىڭ ئۈستىگە زۇكامنىڭ تەسىرىدىنمىكىن بېشىم چىڭقىلىپ ئاغرىپ، ئۆزۈمنىڭمۇ مىجەزىم يوق ئىدى.

— سىزچۇ، ئادەم ئەتكەنگە تەزىم ئېتىشنى بىلىڭ، – دېدى مەستۇرە يەنە قايناپ.

— ھەي، تەزىم ئەتتىم، دەپ خوتۇنلارنىڭ چېيىدا نېمە بار ماڭا؟

— يالغۇز بىزلا ئەمەس، ھەممەيلەننى ئەر – ئايال چاقىرىپتۇ.

— خەق بارسا بارمامدۇ! ئۇ چايغا مېنىڭ بېرىشىم شۇنچە زۆرۈرما؟!

— راستىمنى دېسەم بۇ چايغا مېنىڭمۇ بارغۇم يوق. لېكىن ئايجاھاننىڭ بىر چاغدا بىزگە 300 سوم پۇلى ئۆتۈپ قالغان، شۇ گەپنى ئىت يىلىدىن ئېشەك يىلىغىچە تەگەپ مېنىمۇ تويغۇزدى. ئاخىر چىدىماي، بىرەر ئىش قىلارمىكىن دېسەم، جىملا يۈردۈڭ، ئاڭلىسام يۇرتتىكى تاغاڭ تۈگەپ كېتىپتۇ، شۇڭا ئۆيۈڭگە بېرىپ قاراڭنى ئۇشتۇپ قوياي، – دېسەم، ئۇ: ئۆيۈمگە كەلسەڭ بىر سېنىلا كۈتەمتىم، يېقىندا چاي قىلىمەن، شۇ چاغدا خەۋەر قىلاي، دېدى. مانا ئەمدى خەۋەر قىپتۇ، بارمىسام يەنە ئۇچرىشىپ قالساق قىرچە – يانچە تېگىپ گەپتە سوقۇۋالىدۇ.

— يا ئاللا، سىلەر خوتۇنلارنىڭ بىر – بىرىڭلارنى چىشلىشىدىغان ئىشى قاچانمۇ تۈگە؟! – دېدىم مەن غۇدۇڭشۇپ.

— نېمە ئامال، بىز خەق شۇنداقكەنمىز! تېز كىيىمىڭىزنى ئالماشتۇرۇڭ.

مەستۇرە ماڭا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئۆزى ياسانغىلى نېرىقى ئۆيگە كىرىپ كەتتى.

2

ئايجاھاننىڭ ئۆيىگە ئىككى ئاپتوبۇس ئالمىشىپ بېرىشقا توغرا كەلدى. لېكىن مەھەللىسىنى تاپالماي يولدىن ئازغىشىپ باشقا كوچىغا كىرىپ قاپتىمىز.

— مۇشۇنداقراق ئۆي ئىدى، – دەيتتى مەستۇرە ھېلى ئۇ، ھېلى بۇ دەرۋازىنى كۆرسىتىپ، ھارغاندا قۇرۇق يول مېڭىش تېخىمۇ ئەرۋايىمنى ئۇچۇردى.

— ھەي، ئۇ دوستۇڭنىڭ ئۆيىنى زادى بىلەمسەن، بىلمەمسەن؟ – دېدىم تېرىكىپ.

— بىر يىلنىڭ ئالدىدا كەچتە بىر كەلگەن، ئېنىق ئېسىمدە قالماپتۇ، – دېدى مەستۇرە تىلىنى چايناپ.

— ئەمىسە ئۇنىڭغا تېلېفون قىل.

— نومۇرى يادىمدا يوق، ئۆيدىكى تېلېفون دەپتىرىدە بار ئىدى.

— يان تېلېفونىڭغا كىرگۈزۈۋالمىغانمۇ؟

— ئادەتتە ئانچە ئارىلىشىپ كەتمىگەندىكىن كىرگۈزۈۋالماپتىكەنمەن.

— ئەستاغپۇرۇللا!

مەن تېخىمۇ تېرىكىشكە باشلىدىم.

— نېمىگە جىلى بولىسىز، مېنىمۇ ئازدۇرۇپ! – دېدى مەستۇرە مەندىنمۇ بەك ۋارقىراپ، – خەپ، بۈگۈن داستىخىنىنى قايتۇرۇۋېتىپ، ئىككىنچى باردى – كەلدى قىلىشمايمەن ئۇنىڭ بىلەن.

— ئارىلاشمايمەن دېگەن دوستلىرىڭ ساماندەكقۇ سېنىڭ، – دېدىم مەن، – ساپلا چاقىرسا ئېتى يوق، تۇتسا سېپىق يوق.

— يا ئاللا، مەندىنمۇ ئۆتە كوت – كوت بولۇپ كېتىۋاتىسىزغۇ، ئەمدى!

مەستۇرە شۇنداق دەپ يامانلاپ ئارقىغا ماڭدى.

—ياندىڭغۇ، نەگە بارىسەن؟ – سورىدىم مەن.

— ۋاي تاڭەي! – دېدى ئۇ. مەن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدىم. قۇياشنىڭ قىزىلى يۈتكىلى خېلى بولغانىدى، گۇگۇم پەردە يېيىشقا باشلىغان كوچىدا غازاڭلار شىرىلداپ ئۇچۇپ يۈرەتتى. كەچكۈزنىڭ سوغۇقى بەدەننى ئوبدانلا قورۇيتتى. بېشىم باشقىدىنلا زىڭىلداپ ئاغرىشقا باشلىدى. ئۇيان – بۇيان ئۆتۈۋاتقان ئاپتوموبىللارنىڭ شاۋقۇنىمۇ جېنىمغا تېگەتتى، دىماغقا ئاچچىق ئىسلار ئۇرۇلاتتى.

— ھەي، مۇشۇنداق مېڭىپ زادى نەگە بارىمىز؟ – دېدىم مەن ئاخىر مەستۇرەگە.

— يەنە بىر كوچىغا كىرىپ باقايلى.

مەستۇرە غۇدۇڭشىغاندەك جاۋاب بەردى.

— ئۇ كوچىدىمۇ بولمىسا، يەنە بىر كوچىغا كىرىمىز دېگىن، شۇنداق قىلىپ كېچىچە كوچا ئايلىنىپ يۈرەيلى!

— بولدى قىلىڭا.

بۇ مەستۇرەنىڭ قۇلىقىغا گەپ ياقمىغاندا دەيدىغان ئەڭ كەسكىن گېپى ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ھەر ئىككىمىز ئۈن – تىنسىز ماڭدۇق. نېرىقى كوچىغا كىرىپ خېلى بىر يەرگىچە ماڭغاندىن كېيىنلا ئاندىن مەستۇرەنىڭ تىلى قايتا گەپكە كەلدى:

— مۇشۇ قورۇ شۇ، – دېدى ئۇ كەسكىن تەلەپپۇزدا.

بۇ ئۈچلا بىنا بار كىچىككىنە قورۇ ئىكەن. مەستۇرە بىر بىنانىڭ ئالدىدا توختىدى.

— مۇشۇ ئىشىك بولغىيمىدى، ئا ئىشىك بولغىيمىدى؟ – دېدى يەنە دىلىغۇل بولۇپ. بىرەرسىدىن سورايلى دېسەك، قېرىشقاندەك قورۇدا ھېچكىم كۆرۈنمەيتتى. قورۇ ئىچىدە چىراغ بولمىغاچقا ئەتراپ قاراڭغۇ ئىدى. ئاتام زامانىدىكى قورۇ بولسا كېرەك، يەر ئېگىز – پەس، بىنالار كونا كۆرۈنەتتى. بۇنداق ھالەت ئادەمگە بەكلا كۆڭۈلسىز تۇيغۇ بېرەتتى.

— بۇ يەردە تۇرۇۋېرىمىزمۇ؟ – دېدىم مەن تاقەتسىزلىنىپ.

— قانداق قىلىمىز، ياكى بولمىسا بىرەرسىنىڭ ئىشىكىنى چېكىپ سوراپ باقامسىز؟

— شۇنداق قىلمايمۇ نېمە ئامال.

مەن شۇنداق دېدىم – دە، بىر ئىشىكتىن كىرىپ، بىرىنچى قەۋەتتىكى بىر ئۆينى تەۋەككۈللا چەكتىم. ئۆي ئىچىدە بىر ئەر كىشى كىمگىدۇر ۋارقىراۋاتقان ئىكەن، ئۇ ئىشىكنى ئېچىپ مېنى كۆرۈپلا:

— كەلدىڭمۇ لاتا! – دەپ گەجگەمدىن سۆرىگىنىچە ئۆيگە ئەكىركەتتى. ئۆي ئىچكىرى – تاشقىرى بولۇپ، ئىچكەركى ئۆيدە بىر ئايال يىغلاپ ئولتۇراتتى.

— قولىڭىزنى تارتىڭ، نېمە قىلىۋاتىسىز، – دېدىم مەن ئاچچىقىمدا.

ۋاھ، گېپىڭ چوڭغۇ، بۈگۈن ئىككىڭنىڭ غېزىڭنى غاز، ئۆردىكىڭنى ئۆردەك قىلىمەن!

— ئىككىڭ دېگەن نېمە گەپ ئۇ، – دەپ سورىدىم مەن ھېچنېمىنى چۈشىنەلمەي. لېكىن جاۋاب ئورنىغا جالاققىدە تەگكەن مۇشت بىلەن ئوڭدامغا ئۇچۇپ كەتتىم، بۇرنۇمدىن شۇئان ئوقتەك قان كەتتى. ئۆي ئىگىسى گەۋدىلىك بولۇپ، ئاۋازىمۇ ئېيىقنىڭ ئاۋازىدەك كۈچلۈك ئىدى.

— ئېيتە لاتا، ماۋۇ خوتۇن ساڭا ‹‹ئېرىم ئۆيدە يوق، كەچتە كېلىڭ›› دېگەنمىدى؟ – دېدى ئۇ ۋارقىراپ. مەن شۇنىڭدىن كېيىنلا ھەممىنى چۈشەندىم ۋە:

— مەن بىرسىنىڭ ئۆيىنى ئىزدەپ كەلگەن، – دېدىم.

— شۇنداقمۇ، يەنە بىر مۇشت يېسەڭ ئاندىن راست گەپ قىلغۇدەكسەن.

ئۆي ئىگىسى شۇنداق دەپ يەنە مۇشت كۆتۈردى، ئاڭغىچە ھېلىقى ئايال يۈگۈرۈپ كېلىپ ئەرنىڭ قولىغا ئېسىلدى:

— ئۇنداق قىلماڭ، سايىتجان...

— ئۆتەپ بارە نېرى، بۇزۇق! – دېدى سايىتجان شىردەك ھۆركىرەپ. ئۇ مەست بولۇپ، كۆزلىرىگە قان تولغان ئىدى. ئۇ ئايالىنى بۇلۇڭغا ئىتتىرىۋېتىپ ماڭا يەنە مۇشت ئاتتى، لېكىن مەن چاققانلىق قىلغاچقا، ئۇنىڭ ئاتقان مۇشتى بېرىپ تامغا تەگدى.

— ۋاي قولۇم، ۋاي قولۇم، – دەپ ۋارقىرىدى ئۇ ئاغرىققا چىدىماي. شۇ پۇرسەتتە مەن قېچىپ چىقىپ كەتمەكچى بولدۇم، ئەمما سايىتجان ئىشىككە كەپلىشىپ مېنى توسۇۋالدى، ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان گەپلەرگە چىداپ بولمايتتى. ئاۋازى ئاۋازىمنى بېسىپ كەتكەچكە، چۈشەندۈرۈشلىرىم قۇلىقىغا كىرمەيتتى. شۇ ئارىدا تاشقارقى ئىشىك جالاقلاپ ئېچىلىپ ئۆيگە تۆت ساقچى كىرىپ كەلدى. ئۇلار ۋارقىراپ ھەممىمىزنى جىم قىلغاندىن كېيىن:

— ھەممىڭ مېڭىش، گېپىڭ بولسا ساقچىخانىغا بارغاندا دېيىش! – دەپ ھەممىمىزگە تەڭ بۇيرۇق قىلدى. ساقچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلارغا ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى قوشنىلىرى ‹‹بۇ ئۆيدە ئائىلە زوراۋانلىقى يۈز بەردى›› دەپ خەۋەر قىلغانىكەن. لېكىن بۇ ئىشقا مېنىڭ چېتىلىپ قالغىنىم قىزىق بولدى.

— ئەستا، ما نەسلىكنى، – دېدىم ئاچچىقىمدا، ئاڭغىچە ئىشىك ئالدىغا بىر مۇنچە ئادەم ئولاشتى. قىيا – چىيا، ۋاراڭ – چۇرۇڭ ئاۋازلار پۈتۈن بىنادىكىلەرنىڭ ئارامىنى بۇزغان بولسا كېرەك.

— مىرزات، ھەي مىرزات، نېمىش بولدى. بۇرنىڭىز قاناپ كېتىپتىغۇ؟ – دېدى مەستۇرە شۇ چاغدىلا كىشىلەر ئارىسىدا پەيدا بولۇپ. ئۇنىڭ ئاۋازى يىغلامسىرىغاندەك تىترەپ چىقتى.

— سىز كىم؟ – سورىدى ساقچىلاردىن بىرى ئۇنىڭدىن.

— مەن... مەن ئۇنىڭ ئايالى، – دېدى مەستۇرە مېنى كۆرسىتىپ. ئۇ قورقۇپ كەتكەن بولسا كېرەك. تىلى كالۋالىشىپ ئاران سۆزلەيتتى، – بىز... بىز بىرەيلەننىڭ ئۆيى... ئۆيىنى ئىزدەپ كەلگەن.

— ئاباياتىن نەدە ئىدىڭىز؟

— قورۇ قاراڭغۇ ئىكەن، چىراغ ... چىراغ بار يەرگە بېرىۋالغانتىم!

— بۇ قانداق گەپ ئەمىسە؟

ساقچىلار شۇنداق دەپ ئىتتىكلا سايىتجانغا تىكىلدى. شۇ ئارىدا مەن ھەممە ئىشنى چۈشەندۈردۈم:

— ئايجاھاننىڭ ئۆيىنى مۇشۇ بىنادىمىكىن دەپ سوراپ كىرگەنىدىم، – دېدىم گەپنىڭ ئاخىرىدا.

— ئايجاھاننىڭ ئۆيىنى دەمسىز؟ – دېدى ئىشىك ئالدىغا توپلاشقانلاردىن بىرەيلەن، – ئۇ خوتۇننىڭ ئۆيى ئاۋۇ بىنادا، چەتتىكى زالنىڭ 3 – قەۋىتىدە.

— يا ئاللا، تازىمۇ ئىزدەتتى بىزنى، – دېدىم مەن.

ساقچىلار بىزنى قويۇپ بەردى، ئاڭغىچە ئەتراپ تېخىمۇ قاپقاراڭغۇ بولۇپ كەتكەنىدى. ۋاقىت بۇ چاغ بولغاندا ئۇ ئايجاھاننىڭ چېيىمۇ تۈگىگەندۇ دەپ ئويلىدىم مەن. بايىقى ھارام تاياقتىن تېخىچىلا غەزىپىم ئۆرلەپ تۇراتتى. شۇڭا مەستۇرەگە تاپا قىلىپ:

— ھېلىغۇ ئايجاھاننىڭ چېيىكەن، پۇل تارقىتىدىغان چاي بولسىمۇ، بولدى قوي! – دېدىم. مەستۇرە يىغلاشقا باشلىدى. ئۇنىڭ نېمىگە يىغلاۋاتقانلىقىنى بىلەلمىدىم. ئەمما تۇرۇپلا ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىپ قالدى. بوپتۇلا بۇمۇ بىرەر كۆڭۈل ئاغرىقى بولمىسا ھارغان چاغدا جاپا تارتىپ بۇ چايغا كېلىپ يۈرمەستى، دېدىم.

3

ئايجاھاننىڭ ئۆيىنىڭ دېرىزىسى قاپقاراڭغۇ كۆرۈنەتتى. لېكىن مەستۇرە ‹‹ئۆيىدە ئادەم بولسا چىرىغى يورۇق بولاتتى›› دېگىنىمگە ئۇنىمىدى. ئاخىر 3 – قەۋەتكە چىقىپ ئىشىكنى چېكىپ باقتۇق.

— ئاڭلىماي قېلىۋاتامدىكىن، – دېدى مەستۇرە.

— ئاڭلىمىسا مانا،– دېدىم – دە، ئىشىكنى گۇم – گۇم قىلىپ بىر نەچچىنى ئۇردۇم، شۇ ئارىدا ياندىكى ئىشىك ئېچىلىپ بىر ئايال بېشىنى چىقاردى – دە:

— يا ئاللا، ئادەمنى ئارام تاپقۇزمايدىغان نېمانداق خەق بۇ! – دەپ كوتۇلداپ كەتتى، ھېلى بىرسى كېلىپ ئۇرغان، ھېلى يەنە بىرسى كەلگەن...

ھېلىقى ئايال خۇددى شۇ گەپنى دەۋالغىلى بېشىنى چىقارغاندەك، گېپىنى تۈگىتىپلا ئىشىكنى جالاققىدە يېپىپ كىرىپ كەتتى.

— ساراڭ خەق يىغىلغان قورۇمۇ بۇ! – دېدىم مەستۇرەگە.

— بۇ ئايجاھانمۇ قىزىقكەن، – دېدى مەستۇرە، چاينى ئۆيدە قىلىمەن دەۋاتقان. قارىغاندا رېستورانغا ئۆزگەرتكەن ئوخشىمامدۇ؟

— شۇنداق بولسا تېلېفون قىلار بولغىيتتى؟

— ۋاي تاڭ، ئۇنىڭمۇ كاللىسىنىڭ ئوبدانلا دەردى بار!

بىز ئارقىمىزغا ياندۇق. ھارغىنلىق، خاپىلىق ئىچ – ئىچىمىزدىن ئەلەم قوزغايتتى. كەچكۈز كېچىسىدىكى سوغۇق شامالمۇ يۈز – قوللىرىمىزنى چىمداشقا باشلىدى. ماغدۇر قاچقان پۇتلارمۇ كالامپايلىشاتتى.

— تاكسى بىلەنلا كېتەيلىچۇ، – دېدى مەستۇرە ئارانلا، – ئاپتوبۇس بېكىتىگە بارغۇدەك، ئۇ يەردە ئاپتوبۇس ساقلىغۇدەك ھالىم قالمىدى.

— مەيلى، – دېدىم مەن. دېمىسىمۇ بۇ كوچىدىن چىقىپ نېرىقى كوچىغا بارغىچىمۇ ئارىلىق خېلىلا بار ئىدى.

4

— ۋەي ئايجاھانمۇ؟ توۋا، بۇ قانداق قىلغىنىڭ سېنىڭ، چاينى نەدە قىلدىڭ، زادى!

مەستۇرە ئۆيگە كېلىپلا دەپتەرنى ۋاراقلاپ، ئايجاھاننىڭ تېلېفون نومۇرىنى تاپتى – دە، تېلېفون بەردى.

— نېمە دېدىڭ؟ – دېدى ئۇ بىردىنلا ئاۋازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، – ھەي شۇنداقمۇ مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلامسەن؟ ياكى بىزنى قىلىدىغان ئىشى، بارىدىغان يېرى يوق، دەپ قالدىڭمۇ؟ قويە بولدى، ئارىلاشقۇچىلىكىڭ يوق بىر نېمىكەنسەن!

ئۇ گېپىنى تۈگىتىپ تۇرۇپكىنى جالاققىدە قويۇۋەتتى.

— نېمە دەيدۇ؟ – دېدىم مەن مەستۇرەنىڭ ئۆڭگەن چىرايىغا قاراپ.

— بۈگۈن چاي ئۆتكۈزمەپتۇ.

— ئۇنداق بولسا تېلېفون قىلىۋەتسە بولمامدۇ، ئادەمنى ئەخمەق قىلغاندەك ئىش قىلغۇچە!

— مەنمۇ شۇنى دېدىم، نەدىن دەيدۇ تۇغقانلىرى كېلىپ قاپتىمىش، شۇلار بىلەن بىر يەرگە بېرىپتىمىش.

— شۇڭا ھېلىقى قوشنىسى ‹‹ئادەمنى ئارام تاپقۇزماي›› دەپ بىكار كوتۇلدىماپتىكەن، – دە، – دېدىم مەن.

مەستۇرە لام – جىم دېمىدى. بۇ كۈنى بىز خۇددى بىر – بىرىمىزگە ماي تارتىشىپ قالغاندەك ئۈن – تىنسىزلا يېتىپ قالدۇق. ئەتىسى ئويغانسام، مەستۇرە يانفونىنى ‹‹تىرت، تىرت›› قىلىپ ئولتۇرۇپتۇ.

— نېمە قىلىۋاتىسەن، سەھەردە تۇرۇۋېلىپ؟ – دېدىم مەن ئۇنىڭغا.

— ھەممە خوتۇنلارنىڭ تېلېفون نومۇرىنى ئۆچۈرۈۋاتىمەن، – دېدى ئۇ، – ئادەمنى ئەخمەق قىلىدىغان نېمىسىگە ئەمدى ئاۋارە قىلىشمىسۇن!

— ئەخمەق، سەن ئۆچۈرگەن بىلەن، ئۇلار ئۆچۈرمىسە ئوخشاشلا ئاۋارە قىلمامدۇ؟!

— ۋايجانەي، بۇ تېلېفوندىنمۇ جاق تويدى كىشى!

ئۇ شۇنداق دەپ يان تېلېفونىنى ياستۇق ئۈستىگە تاشلىدى. ئۇنىڭ چىرايىدىن كېچىچە تۈزۈك ئۇخلىمىغانلىقى چىقىپ تۇراتتى.

(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)
ياخشى باھا
(2)
100%
دەسسەش
(0)
0%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !