غېرىپسىندىم كەتتىڭ يارمىنى تاشلاپ تەنھالىقتا، چىداي دەپمۇ چىدالماي ،غېرىپسىندىم. بىلەمسەن كۆڭۇلنىڭ نازۇكلىغىنى، زىل تارىدەك ئۇزۇلگەچ، غېرىپسىندىم. ئامالسىز كەتتىڭ سەن،ئەمما يۇرەكتىن، سۇيىسەن مىنى، شۇندىمۇ غېرىپسىندىم. ئازدىڭ سەن بىر نۆۋەت،ئازمىغىن ئەمدى، بىلگەندۇ ئۇنى دىسەممۇ، غېرىپسىندىم. مەندىن ئارتۇقمىدى ئۆزگىنىڭ كۆڭلى، ئۆكۇنۇپ بىچچارىدەك، غېرىپسىندىم. كۆڭلۇڭنى ئۆزگىدەك ئالالمەسمەنمۇ؟، شور پىشانە يىگانىدەك، غېرىپسىندىم. توغرا چۇشەن دەمسەن؟ بۇ قىلغىنىڭنى، چۇشەنگىم بار،بىراق يەنە غېرىپسىندىم. ئادىتىڭ ئەمەستۇ ؟سۆيگۇڭنى خارلاش، گۇمانىم بار،تۇرۇپ يەنە غېرىپسىندىم. بىر دەملىك يەڭگىللىك، تەنتەكلىگىڭ، زىدە قىلغاچ يۇرۇگۇمنى ،غېرىپسىندىم. توۋا دىدىم، قالدىم يەنە ئامالسىز، قەدىرلىگەچ سۆيگۇنۇمنى، غېرىپسىندىم. يۇرەك-چىن سۇيگۇنىڭ ۋولقانىدۇر، شۇ ئوتقا سۇ چاچقاندەك، غېرىپسىندىم. ئەجىبا، قىممىتىم شۇنچىلىكمۇ؟ دەپ، قىممىتى يوق تاشلاندۇقتەك، غېرىپسىندىم. تاتقانمەن كۆپ يالغۇزلۇقنىڭ ئازابىنى، يەنە يالغۇز قالدىممۇ دەپ،غېرىپسىندىم. پۇشايمان قىلىپ يالۋۇرۇپ نەچچە رەت، "كەچۇر مىنى"دىسەڭمۇ، غېرىپسىندىم. قالدۇرما ئەمدىسەن ھەرگىزمۇ يالغۇز، "ئىبىرەت قىل" دىسەممۇ، غېرىپسىندىم. دىلىم رەنجىدى،ئەمما يۇرۇگۇم ئەمەس، "كەچۇردۇم يار"دىسەممۇ ،غېرىپسىندىم. يېزىش ئۇچۇن يالغۇزلۇقنىڭ دەردىنى، قولغا قەلەم ئالساممۇ، غېرىپسىندىم "تەنھالىق پىشانەمگە پۇتۇلگەن "دەپ، تەغدىرگە تەن بەرسەممۇ، غېرىپسىندىم. مەنبە:يازمامدىن(يانبۇلاق) 2009-2-30 (تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |