ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت) >
  • 2010-09-22

    نىلقا قوزغىلىڭى ـــــــ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ رەسمىي پارتىلغانلىقى - [ئىلى دىيارىدا]

    نىلقا قوزغىلىڭى ـــــــ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ رەسمىي پارتىلغانلىقى(2)

    شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ، پارتىزانلار ئۈچ يولغا بۆلۈنۈپ ، نىلقا ناھىيە بازىرىغا يۈرۈش قىلدى . 10-ئاينىڭ 6-كۈنى سەھەردە ، ئەكبەرنىڭ باش قوماندانلىقىدا ،سېيىت باشچىلىقىدىكى 1- چوڭ ئەترەت شەرق تەرەپتىن ،غېنى ، ئوسمان باشچىلىقىدىكى 2-چوڭ ئەترەت جەنۇب تەرەپتىن ، بايچۇرىن ،شوتۇپ ئېۋان باشچىلىقىدىكى 3- چوڭ ئەترەت غەرب تەرەپتىن ناھىيە بازىرىغا شىددەتلىك ھۇجۇم قوزغىدى .ناھىيە بازىرىنىڭ ئىچى - سىرتىدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىمۇ ئۆزلۈكىدىن پارتىزانلارغا ماسلاشتى . كەسكىن جەڭ قىلىش نەتىجىسىدە ، ناھىيە بازىرىنى ساقلاۋاتقان گومىنداڭ ھەربىي - ساقچىلىرىدىن 200نەچچە ئادەم يوقىتىلدى ، 7-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ناھىيە بازىرى ئىشغال قىلىندى ، ئىلى ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاۋ جۇڭمىڭ قاتارلىقلار ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىندى ،چوبان قەبىلىسىدىن بولغان ئوسمان نىلقا ناھىيىسىنىڭ ۋاقىتلىق مەسئۇلى بولۇپ تەيىنلەندى .
    10-
    ئاينىڭ 9- كۈنى ، ئۇلاستاي پارتىزانلىرى نىلقا ناھىيىسىدە ئىككىنچى قېتىم تەرتىپكە سېلىندى . ئەكبەر بىلەن سېيىت ئاساسلىقى قازاقلاردىن تەركىب تاپقان 1- چوڭ ئەترەتنىڭ باشلىقى ۋە مۇئاۋىن باشلىقى بولدى ؛ غېنى ئاساسلىقى ئۇيغۇرلاردىن تەركىب تاپقان 2- چوڭ ئەترەتنىڭ باشلىقى بولدى ؛شۇتۇپ ئېۋان ئاساسلىقى رۇسلاردىن تەركىب تاپقان 3- چوڭ ئەترەتنىڭ باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئالدى . پارتىزانلارنىڭ ئومۇنىي ئادەم سانى تەخمىنەن 800نەچچە كىشىگە يەتتى . شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ،بۇ ئەترەت رەسمىي رەۋىشتە نىلقا پارتىزانلىرى دەپ ئاتالدى . نىلقا پارتىزانلىرى مازار جىلغىسى ،سوپتاي ،قاراسۇ قاتارلىق جايلاردا كۆپ قېتىم گومىنداڭ قوشۇنلىرىنىڭ ھۇجۇمىنى چېكىندۈردى . پارتىزانلارنىڭ كۈچى تېز زورىيىپ ، تەسىرى تېز سۈرئەتتە كۈنەس ،توققۇزتارا ،تېكەس ،غۇلجا قاتارلىق جايلارغىچە كېڭەيدى . غۇلجا ئازادلىق تەشكىلاتىمۇ ھەركىتىنى تېزلەتتى ، غۇلجىدا قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە تەييارلىق كۆردى .
    نىلقا قوزغىلىڭى پارتىلغاندىن كېيىن ، گومىنداڭنىڭ شىنجاڭدىكى ئارمىيە ،ھۆكۈمەت دائىرلىرى قاتتىق ساراسىمىگە چۈشتى . 1944-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى ۋۇجۇڭشىن ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىپ ، شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسلىكىنى قولىغا ئالدى . 10- ئاينىڭ 6-كۈنى ،ھەرقايسى نازارەت ،كوممۇتېتلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنى چاقىرىپ ،جايلاردىكى خەلق قوزغىلاڭچى كۈچلىرىگە « قورشاپ يوقىتىش بىلەن تەسەللى بېرىشنى تەڭ ئېلىپ بېرىش » فاڭجىنىنى قوللىنىش ،ھەربىي ئىشلار جەھەتتە جايلاردىكى ھۆكۈمەتلەر ۋىلايەت ،ناھىيىلەردە « قوغدىنىش ئەترىتى» قۇرۇپ ،ھەربىي قىسىملار ۋە ساقچىلارنىڭ باستۇرۇش ھەركىتىگە يېقىندىن ماسلىشىشنى بەلگىلىدى. سىياسىي جەھەتتە، شېڭ شىسەي تەرىپىدىن قامالغان ھەر مىللەتتىن بولغان ئابرويلۇق زاتلاردىن 270كىشىنى قويۇپ بېرىش ، كېيىن يەنە نەچچە يۈز ئادەمنى ئارقا -ئارقىدىن قويۇپ بېرىشنى قارار قىلدى . قاماقتا تۇرۇۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىللىككە ئىگە زاتلىرى ، مەسىلەن ، بۇرھان شاھىدى ،ئالتايدىن ئەلەن ۋاڭ ، شىبەدىن گۇاڭ لۇ قاتارلىقلارنى ۋۇجۇڭشىن ئىسمىنى ئاتاپ قويۇپ بەردى ، ئۇلار بىلەن شەخسەن ئۆزى دىدار كۆرۈشۈپ ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى مۇھىم ۋەزىپىگە قويدى ، بەزىلىرىنى پۇل بېرىپ يۇرتىغا ئاپىرىپ قويدى .
    نىلقا ناھىيە بازىرىنى پارتىزانلار ئىشغال قىلغاندىن كېيىن ، گومىنداڭ دائىرلىرى ئىلى ۋىلايىتىنىڭ ۋەزىيەت تەرەققىياتىنىڭ كۇنسايىن كەسكىنلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ،10-ئاينىڭ 9-كۈنى زاپاس 7- شىنىڭ مۇئاۋىن شىجاڭى دۇدېفۇ غۇلجىدىن ئايرۇپىلان بىلەن ئۈرۈمچىگە كېلىپ ، جۇ شاۋلياڭ ( بۇ چاغدا گومىنداڭ ھۆكۈمىتى 8-ئۇرۇش رايۇنىنىڭ قوماندانى ئىدى) غا ئىلىنىڭ ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى ھەمدە ئەسكەر كۆپەيتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى . 10- ئاينىڭ 12- كۈنى، جۇشاۋلياڭ زاپاس 7-شى 19- تۈەنىنىڭ تۈەنجاڭى پېڭ جۈنيېغا ئەسكەر تارتىپ ئىلىغا ياردەم بېرىش ھەمدە ئىلى ۋىلايىتىدە ( جىڭ ، بورتالا ،ئارشاڭ ناھىيىلىرىدىن باشقا )تۇرۇشلۇق گومىنداڭ قوشۇنى ۋە ئامانلىق ساقلاش قىسىملىرىغا بىر تۇتاش قوماندانلىق قىلىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى .پېڭ جۈنيې قوشۇن تارتىپ ، ئاپتوموبىل بىلەن 10-ئاينىڭ 16- كۈنى كەچتە غۇلجىغا يېتىپ كەلدى . 10-ئاينىڭ 18- كۈنى ، جۇشاۋلياڭ پىلانىنى ئۆزگەرتىپ ،زاپاس 7- شىنىڭ سەنمۇجاڭى ساۋ رىلىڭنى ۋاقتىنچە ئىلى ۋىلايىتىنىڭ مۇۋەققەت تىنچىتىش قوماندانلىقىغا بەلگىلەپ ،ئىلىدا تۇرۇشلۇق قوشۇنلار ۋە ئامانلىق ساقلاش قىسىملىرىغا بىر تۇتاش قوماندانلىق قىلىپ ، نىلقا پارتىزانلىرىغا ھەربىي ھۇجۇم قوزغاشقا ئەۋەتتى .
    گومىنداڭ ھۆكۈمىتى پۈتۈن شىنجاڭغا ، بولۇپمۇ ئىلى ۋىلايىتىگە سىياسى جەھەتتىن تەسەللى بېرىش ئىشىنى تېزلەتتى . 10-ئاينىڭ 21- كۈنى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئەۋەتكەن ئۆلكىلىك خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ نازىرى دېڭ شياڭخەي باشچىلىقىدىكى گۇاڭ لۇ ،ساراچۇن قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان « ئىلى جارچى -سىلاۋچىلىق ئۆمىكى » غۇلجىغا يېتىپ كېلىپ ،ھاكىمبەگ غوجا قاتارلىق ھەر مىللەتتىن بولغان ئابرويلۇق زاتلار ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنى زىيارەت قەلدى ھەمدە ھەر مىللەت مۆتىۋەرلىرى قاتناشقان سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ : « نىلقا ۋەقەسى شېڭ شىسەي قالدۇرۇپ كەتكەن جاراھەت ،بىز ئۇنى داۋالىماقچى» ( « شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا دائىر چوڭ ئىشلار خاتىرىسى »،شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى 1995-يىلى 8-ئاي .ئۇيغۇرچە 1- نەشىرى) دەپ خۇپسەنلىك قىلدى ھەمدە « مەھبۇسلار» نى قويۇپ بېرىش ، ئۆلگەنلەرنىڭ جەسىتىنى ۋە مۇسادىرە قىلىنغان مال -مۈلۈكلەرنى قايتۇرۇپ بېرىشكە ۋەدە بېرىپ ،خالقنىڭ قارشلىق كۆرسۈتىش غەزىپىنى بېسىشقا ئورۇندى .
    گومىنداڭنىڭ شىنجاڭدىكى ئارمىيە ،ھۆكۈمەت دائىرلىرى قوللانغان بۇ تەدبىرلەر ھەرمىللەت خەلقىنىڭ بارغانسېرى ئۇلغۇيۋاتقان ئىنقىلابىي كۈرەش ئوتىنى ئۆچۈرەلمىدى ھەم ئۆچۈرەلىشىمۇ مۈمكىن ئەمەس ئىدى .
    10--ئاينىڭ 19- كۈنى ،ساۋرىلىڭ ئايرۇپىلان بىلەن غۇلجىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن ، « نىلقا ئەتراپىدىكى باندىتلارنى تازىلاش پىلانى» غا تۈزىتىش كىرگۈزدى .ئۇنىڭ كونكىرېت ئورۇنلاشتۇرۇشى مۇنداق :(1) زاپاس 7- شى 19- تۈەنىنىڭ 1- يىڭى مازاردىن يولغا چىقىپ قاراسۇ ئارقىلىق نىلقىغا ئۇدۇلدىن ھۇجۇم قىلىش ؛(2) 19-تۈەننىڭ 2- يىڭى توققۇزتارادىن يولغا چىقىپ نىلقىغا ياندىن ھۇجۇم قىلىش ؛(3) 19- تۈەننىڭ 2-لىيەنى ۋە 128-شى 383-تۈەننىڭ 3- يىڭى ياماتۇدىن يولغا چىقىپ بالاشىق داۋىنى ئارقىلىق نىلقىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە ھۇجۇم قىلىش ؛(4) 19-تۈەننىڭ 6- لىيەنى كۈنەستىن يولغا چىقىپ نىلقىغا كەينى تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىش ؛(5)زاپاس 7- شى 21-تۈەنىنىڭ 3- يىڭى ئاچالدىن يولغا چىقىپ ، سۇپتاي ئارقىلىق نىلقىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن ھۇجۇم قىلىش .
    ساۋ رىلىڭ يەنە كۇچادا تۇرۇشلۇق ئاتلىق ئەسكەرلەر 4- تۈەنىگە مۇزات داۋىنىدىن ئېشىپ تېكەس ناھىيىسىگە كېلىپ ، جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ « قورشاپ يوقىتىش» قا ئۆتۈش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى . بۇ ئۇرۇنلاشتۇرۇش 11- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى . كەسكىن ئېلىشىش ئارقىلىق ، زاپاس 7- شى 19 -تۈەنىنىڭ 2- يىڭى 11- ئاينىڭ 2- كۈنى نىلقا ناھىيە بازىرىنى ئىشغال قىلدى .ئارقىدىنلا ، پارتىزانلار قاراسۇدا دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىنى توسۇش جېڭىدە ، ئەكبەر ئېغىر يارىلىنىپ ،11- ئاينىڭ10- كۈنى قۇربان بولدى .11- ئاينىڭ 3- كۈنى پارتىزانلار جالىنغۇلدا ئۇلاستايغا ھۇجۇم قىلىشقا كەلگەن گومىنداڭ ئارمىيىسى بىلەن كەسكىن جەڭ قىلدى ، قايتۇرما زەربىگە ئۇچرىغان گومىنداڭ قوشۇنى قاراسۇ ئارقىلىق مازار جىلغىسىغا چېكىندى . نىلقا پارتىزانلىرىنىڭ ئاساسلىق كۈچىمۇ پۈتۈنلەي ئۇلاستاي تاغلىق رايۇنىغا قايتىپ كەلدى . بۇ چاغدا نىلقا ئەتراپىدا پارتىزانلار تەرىپىدىن ئىسكەنجىگە ئېلىنغان گومىنداڭ قوشۇنلىرىنىڭ ئادەم سانى 1600 گە يېقىنلىشىپ قالغانىدى ، ئەمما گومىنداڭنىڭ غۇلجىدا قالدۇرۇلغان ھەربىي -ساقچىلىرى 1000 غا يەتمەيتتى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر نەچچە مۇھىم تايانچ بازىلار بۆلۈۋېتىلگەنىدى . زاپاس 7- شى 19-تۈەن 1- يىڭىنىڭ 1-لىيەنى ۋالىي مەھكىمىسىنى ؛ 19-تۈەننىڭ 1- يىڭى (1-لىيىەن بىلەن 2- لىيەن كەم ) ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنى ؛دۇبەن مەھكىمىسىنىڭ يېڭى ئەسكەرلەر بىلەن تولۇقلانغان مۇستەقىل يىڭى بىلەن ئالاھىدە ۋەزىپە ئۆتەش تۈەنىدىكى قىسمەن ئوفىتسېر -ئەسكەرلەر سانائەت شىركىتى ۋە ھەربىي قوماندانلىق شىتابى ، ھاۋا ئارمىيە جاۋداۋدۈيى قاتارلىق جايلارنى ساقلاشقا قويۇلغانىدى .بۇ يەردە تۇرۇشلۇق گومىنداڭ قوشۇنلىرىنىڭ ئەسكىرىي كۈچى ئاجىز ،قورال-ياراغلىرى بىر قەدەر ناچار بولغانلىقى ئىنقىلابىي ئاممىنىڭ قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرىشى ئۈچۈن ئىنتايىن ياخشى پۇرسەت بولدى . سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى مۇشۇ ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ ، ئىچكى -تاشقى جەھەتتىن ماسلىشىپ ، غۇلجا شەھرىنى ئىگەللەشكە قولايلىق بولۇش ئۈچۈن ، بىر تەرەپتىن «غۇلجا ئازادلىق تەشكىلاتى » ئارقىلىق غۇلجا شەھرى ئىچىدە قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە جىددى تەييارلىق كۆرسە ،يەنە بىر تەرەپتىن ،11-ئاينىڭ 4- كۈنى ئۇلاستاي تاغلىق رايۇنىغا ئادەم ئەۋەتىپ نىلقا پارتىزانلىرىنىڭ مازار جىلغىسى ئەتراپىدا گومىنداڭ قوشۇنلىرى بىلەن جەڭ قىلىش پىلانىنى ئۆزگەرتىپ ، باشقا يول بىلەن غۇلجىغا ھۇجۇم قوزغىشىنى تەلەپ قىلدى.

    مەنبە :« شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي تارىخى»

     


    收藏到:Del.icio.us




ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.