-
2010-09-22
شېئىر:خىيال ئۈنچىلىرى - [يازمىلىرىم]
خىيال ئۈنچىلىرى
كاكۇك بىلەن زەينەپ قەدىناس،
گەر تېپىشسا مەڭگۈ ئايرىلماس.
زەينەپ كاككۇك دەپ نالە قىلسىمۇ،
بۇ دۇنيادىن ھەرگىز تاپالماس.
&&&&&&&&&
ھازىر بارمىدۇ ھەقىقى ئاشىق؟
كۆڭۈل ئەمەس ئېغىزدا باردۇر.
ئازاپ تارتقان مەشۇقى ئۈچۈن،
غېرىپ كەبى ئاشىقلار ئازدۇر.
&&&&&&&&&&
كۆزۈڭ تۇرۇپ ئەتمىسەڭ پەرىق،
قارغۇ بولۇپ ياشىغان تۈزۈك.
ئەلنىڭ ئوغلى، قېرىنداش تۇرۇپ،
بولسا تۇزكور،ئۆلگەن تۈزۈك.
&&&&&&&&&&
2010-يىل 10-مارت
مەنبە:ئەلفىرات
收藏到:Del.icio.us
<< ئىلى خەلقىنىڭ يەتتە سۇغا كۆچۇپ چىقىشى | باش بەت | نىلقا قوزغىلىڭى ـــــــ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ رەسمىي پارتىلغانلىقى >>
ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.