dunyablog.com
  • 2011年06月20日

    ئاۋازلىق ئەسەر

    ھازىر ئاۋازلىق ئەسەر دەپ ئىزدىسىە مىنىڭ بىلوگىم بېشىدا چىقىدىغان بوپ قاپتۇ ،قىزىق ئىش قۇ بۇ ؟

  • ئاتىلارatilar

  • ئانا تىل ana til

  • تور رومانى



  • بىر پارچە خىشنىڭ سىرى

  • يىغلىغۇم كىلىۋاتىدۇ

  • 2011年06月10日

    تۈرمىدىكى ناماز

     
    ئى رەببىم! مېنىڭ ھېچ بىر گۇناھىم يوقلىقىنى پەقەتلا سەن بىلىسەن، مېنى بۇ تۈرمىدىن پەقەتلا سەن قۇتقۇزىسەن، دەپ دۇئا قىلدى. ۋالىي ئۇخلاۋاتقاندا چۈشىدە ناھايىتى كۈچتۈڭگۈر ئادەمدىن تۆت كىشى كېلىپ، ۋالىينىڭ تەختىنى دۈم قىلىپ ئۆرۈشكە باشلىغاندا ۋالىي چۈچۈپ ئويقۇسىدىن ئويغاندى. دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ تاھارەت ئېلىپ ئىككى رەكەت ناماز ئوقىدى. قايتا ئۇخلاشقا ياتقاندا يەنە چۈشىدە ھېلىقى تۆت كىشىنىڭ تەختىنى ئۆرىۋەتمەكچى بولىۋاتقانلىقىنى كۆردى ۋە ئويغۇنۇپ كەتتى. شۇ چاغدا ئۆزىنى بىر مەزلۇمنىڭ ئاھى تۇتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتتى ۋە ھامان تۈرمىنىڭ باشلىقىنى چاقىرتىپ : بۇ كېچە تۈرمىدە مەزلۇم بىر سولۇنۇپ قالغاندەكمۇ قانداق؟ دېدى. تۈرمە باشلىقى: مەن بۇنى بىلمەيمەن، ۋالىيلىرى! لېكىن، بىر كىشىنىڭ ناماز قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇ كۆپلەپ دۇئا قىلىپ ياش تۈكىۋاتىدۇ، دېدى. ۋالىي: 3
     
    تىزدىن ئۇ ئادەمنى ئېلىپ كېلىڭلار، دەپ بۇيرىدى. تۈمۈرچىنى ۋالىينىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. ۋالىي ئۇ كىشىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن مۇنداق دېدى:
    مەن سىزدىن كەچۈرۈم سورايمەن، رازى بولۇپ كېتىڭ ۋە بۇ مىڭ دەرھەم كۈمۈش تەڭگىنى ھەدىيە ئورنىدا قوبۇل قىلىڭ، ھەرقانداق بىر ھاجىتىڭىز بولسا ماڭا كېلىڭ، دېدى. بۇ سۆزگە تۈمۈرچى جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېدى: مەن سىزدىن رازى بولۇپ كەتتىم ۋە ھەدىيەرىڭىزنىمۇ قوبۇل قىلدىم، لېكىن بىرەر ئىش ياكى بىر ھاجىتىم ئۈچۈن سىلىنىڭ ئالدىلىرىغا كېلەلمەيمەن. نېمىشقا كېلەلمەيسىز؟
    چۈنكى، ماڭا ئوخشاش بىر پېقىر كىشى ئۈچۈن سېنىڭدەك بىر پادىشاھنىڭ تەختىنى بىرقانچە قېتىم دۈم كۆمتۈرگەن ئىگەمنى تاشلاپ تېلەكلىرىمنى باشقىسىغا دېيىش قۇللۇققا يارىشامدۇ؟ نامازدىن كېيىن قىلغان دۇئالىرىم مېنى نۇرغۇنلىغان مۈشكۈلىكلەردىن قۇتقازدى، نۇرغۇن ئارزۇ ئارمانلىرىمغا يەتكۈزدى. شۇنداق ئېكەن مەن قانداقمۇ باشقىسىدىن پاناھلىق تىلەيمەن؟ پەرۋەردىگارىم چېكى بولمىغان رەھمەت غەزىنىسىنىڭ ئىشىكىنى، ئىھسان داستىخىنىنى ھەممىگە تەڭ ئاچقان تۇرسا مەن باشقىلارغا قانداقمۇ يالۋۇرۇپ باراي؟ ئۇ كىمنىڭ تىلىگىنى بەرمەي قويدى؟ ئۇنىڭ ئالدىغا كەلگەن كىمدىن يۈز ئۆرىدى؟ ئۇنىڭدىن سوراشنى بىلمىسەڭ ئالالمايسەن، ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا ئەدەپ بىلەن چىقمىساڭ ئۇنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشەلمەيسەن
     

  •      پاكىزلىق،ئىقتىسادچانلىق،ئىناق-ئىجىللىق،تىرىشچانلىق،ھەمكارلىق،باشقىلارنى ھۇرمەت قىلىش،سەمىمىيلىك(راسچىللىق)،ئىشەنچ  مۇلايىملىق دىگەنلەر ئەسلى ئۇيغۇر تەرىپىدىن ئەڭ قەدىرلەنگەن ئىسىل خىسلەتلەر ئىدىم شۇنداق ئەمەسمۇ!!! مانا بۇ خىسلەتلەر ئەسلى مۇسۇلمانلاردا بولۇشقا تېگىشلىك خىسلەرلەر ئىدى!ھە!
        ئاخىرىدا سىز تەپەككۇر قىلىپ بېقىڭ :مۇسۇلمانلىق ئۆلچىمىگە   ئەڭ لايىق ئادەم شاڭگاڭلىق(ئوۋمىنلىق شىنجىنلىق)لارمۇ ؟! ياكى سىزمۇ؟!(سىزنىڭ ناماز ئۆتىگىنىڭىزنى روزا تۇتقىنىڭىزنى ھېساپقا ئالمىغان ئەھۋالدا)

     توغرا دەيسىز دوستۇم:  بەك تەسىرلەندىم، قۇدۇق ئىچىدىكى پاقىدەك يۈرۈپتىمىز.....
        مەن شىنجاڭنى شەيتاننىڭ ئوچىقىمىكىن دەيمەن.
        كۇنمىڭغا بېرىپ بېقىڭ، كۆپ جايلاردا چىرايى خەنزۇ ئەمما كىيىنىشى ئەرەبلىك ئاياللارنى كۆرىسىز، ئۇلار مۇسۇلمان، تالاڭ قاتارلىق ناھىيىلىرىگە بارسىڭىز خۇددى ئىسلام دۆلىتىگە بېرىپ قالغاندەك ھاياجانلىنىپ ئۆپكىڭىز ئۆرۈلۈپ كېتىدۇ. پاكىزلىق قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرغان «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم«  سۆزلىرى ، كوچا لابالىرىدا چىقىۋاتقان ئىسلامى تەبلىغ........ ئەمما سودا ساراي، دۇكانلىرىغا قارىسىڭىز بىر نەرسە سېتىۋالىدىغانغا ئادەم يوق، پۈتۈن جۇشقۇنلۇق خۇيزۇ كىشىلىرى ئارىسىدىكى ئىناقلىق، تەقۋالىق ۋە قىزغىنلىق.....
        بىراق ئۈرۈمچى كوچىلىرىغا قاراپ بېقىڭ، مەينەتچىلىك، ئادەملەردىكى قاششاقلىق، ئىتتىپاقسىزلىق. ناخشا مۇزىكا، كىيىم - كېچەك، سورۇنبازلىق ئەيتاۋۇر شەيتاننىڭ ئۇچىقىدەك قايناق.
         مۈمكىن بولسا شىنجاڭلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىدىيىسىنى ئازات قىلىپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ كۆرۈپ كەلسە، دىنسىز دەپ كۆزگە ئىلمايمدىغان ئاشۇ خەلقنىڭ تۇرمۇش ئادىتى بىلەن ئۆزىمىزنى مۇسۇلمان چاغلايدىغان شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرىنىڭ تۇرمۇش ئادىتىنى سىلىشتۇرۇپ كۆرسە دەيمەن، (ئارىمىزدا تەقۋا ئىلىملىك ئادەملەرمۇ كۆپ بىراق مەن ئومۇملۇقنى كۆزدە تۇتىۋاتىمەن).
          ئىلىم پەندە قازاقنىڭ كەينىدە،
          ئېتىقادتا خۇيزۇنىڭ كەينىدە،
         ئويغان ئۇيغۇرۇم كەتسەڭ شۇ پېتى
         نېمە كۆرەرسەن مەھشەر كۈنىدە.

  • دەججال ئىنسانلارنىڭ بېشىغا كېلىدىغان ئەڭ چوڭ پىتنىدىن ئىبارەت بىر مەخلۇقتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئادەم ئەلەيھىسسالام يارىتىلغاندىن باشلاپ قىيامەت قايىم بولغىچە ئارىلىقتىكى ئەڭ چوڭ ئاپەت دەججالنىڭ چىقىشىدۇر.» [ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان] 
    دەججال ئىنسان پۇشتىدىن بولغان بىر ئەر كىشى بولۇپ، ئاخىر زامان بولغاندا دۇنياغا كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئىككى كۆزى ئارىلىقىغا «ك ف ر» دەپ يېزىلغان بولىدۇ. ئۇنى ھەر بىر مۆمىن ئوقۇيالايدۇ. ئۇنىڭ ئوڭ كۆزى قارىغۇ بولۇپ، پولتىيىپ چىقىپ قالغان ئۈزۈمگە ئوخشايدۇ. ئۇ چىققاندا، دەسلەپ ئىسلاھات ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى، ئاندىن پەيغەمبەرلىكنى، ئاندىن ئىلاھلىقنى دەۋا قىلىدۇ. ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا پەيدا بولۇپ، ئۇلارنى ئۆزىگە ئەگىشىشكە دەۋەت قىلىدۇ، ئۇلار ئۇنى ئىنكار قىلىدۇ، سۆزىنى رەت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ئۇلارنى تاشلاپ كېتىپ قالىدۇ، ئۇلارنىڭ مال ـ مۈلكى ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كېتىپ قالىدۇ، ئۇلارنىڭ قوللىرىدا ھېچ نەرسە قالمايدۇ. ئۇ يەنە ئىنسانلار ئارىسىدا پەيدا بولۇپ، ئۇلارنى ئۆزىگە ئەگىشىشكە دەۋەت قىلىدۇ، ئاندىن ئۇلار ئۇنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئىشىنىدۇ. ئۇ ئاسمانغا بۇيرۇق قىلىپ يامغۇر ياغدۇرىدۇ، زېمىنغا بۇيرۇق قىلىپ ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈرىدۇ. ئۇ ئىنسانلارغا سۇ ۋە ئوت ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئوتى سوغۇق سۇدۇر، سۈيى ئوتتۇر. ھەر بىر مۆمىن ھەر نامازنىڭ ئاخىرىدا ئاللاھقا سىغىنىپ ئۇنىڭ پىتنىسىدىن پاناھ تىلىشى، ۋاقىت يار بەرسە سۈرە كەھفنىڭ باش تەرىپىنى ئوقۇشى، ئۇنىڭ پىتنىسىگە قالماسلىق ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئۇچراپ قېلىشتىن يىراق تۇرۇشى كېرەك. 
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى دەججالنىڭ چىققانلىقىنى ئاڭلىسا، ئۇنىڭدىن يىراقلاشسۇن. ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئۆزىنى مۆمىن ھېسابلايدىغان ئادەم ئۇنىڭ قېشىغا كەلسە، ئۇ قوزغىغان شۈبھىلەرنىڭ سەۋەبىدىن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كېتىدۇ.» [ئىمام ئەھمەد ۋە ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان

  • ئۈچىنچى كۈنى شىر گۆشنى ئىككى پارچە قىلىپ بىر پارچىسىنى ئۆزى ئېلىپ سالماق ھالدا بۆرىلەرگە يەنە بىر پارچىسىنى ئۆزى بىر تەرەپ قىلىشنى ئېيتىپتۇ. بۆرىلەر تالىشىقا باشلاپتۇ، ئەڭ ئاخىرىدا ھەممىدىن كۈچلۈك، قاۋۇل بىر بۆرە ھەممىنى يېڭىپ چىقىىپ مەغرۇر ھالدا ئۆز غەلىبە مېۋىسىدىن ھۇزۇرلىنپتۇ. بۇ بۆرە يەپ تويغاندىن كېيىن ئاندىن باشقا بۆرىلەرنىڭ گۆشنى يېيىشىگە يول قۇيۇپتۇ، باشقا بۆرىلەر ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلىرىگە ئايلىنپتۇ، بۆرىلەر ئۇنى ھۆرمەتلەپ باشقۇرۇشىغا بويسۇنۇپ، نۆۋەت بىلەن كېلىپ گۆشنى يەپتۇ. 
    شۇنىڭدىن باشلاپ شىر پەقەت مۇشۇ بىر بۆرىنى باشقۇرۇپ ، ئۇنىڭغا يېمەكلىكنى بۆلۈپ بېرىپ، باشقا ئىشلارغا باش قاتۇرمايدىغان بولۇپتۇ، قاپلاننىڭ قايىللىقى تېخىمۇ ئېشىپ بۇنىڭ قانداق ئامال ئىكەنلىكىنى سوراپتىكەن، شىر ئۇنىڭغا رىقابەتلىشىپ ئىش ئورنىغا چىقىش دېگەننى ئاڭلىغانمۇ ؟ دەپتۇ. 
    ئەڭ ئاخىرقى كۈنى شىر گۆشنىڭ ھەممىسىنى ئۆزى ئېلىپ بۆرىلەرنى ئوت يېيىشكە بۇيرۇپتۇ، نەچچە كۇنلۇك ئۆز ئارا ئېلىشىش جەريانىدا ھالىدىن كەتكەن بۆرىلەر يەنە تالىشىقا ماغدۇرى بولمىغاچقا ئامالىسىز بويسۇنۇپتۇ. قاپلان بۇنىڭ قانداق ئۇسۇل ئىكەنلىكىنى سورىغانىكەن ، شىر كۇلۇپ تۇرۇپ  ئىناق جەمئىيەت(和谐社会) ئاڭلىغانمۇ؟ دەپتۇ 

  • بەزىدە ئىدارە باشلىقى قول ئاستىدىكىلەرنىڭ يېقىندىن ياردەم قىلىدىغان ئىشلار بارمۇ ؟ دەپ سورايدىغان بولۇپ قالدى . ئاشۇنداق ئۇنى ئىزدەيدىغان ھەم ئارىسالدى بولغانلار ھازىر زادى قانچە رەھبەر ئىدارە رەھبىرىمىزدەك بىزگە غەمخورلۇق قىلالايدۇ ؟ دەپ تەسىرلىنەتتى . ئىدارە رەھبىرىمىز ناھايىتى ئالدىراش يۈرگەچكە ، ھەر كۈنى بىر تالاي ئىشلارنى قىلاتتى .
    ئىدارىگە يېڭى كەلگىنىم ئۈچۈن ، بۇ ئەھۋاللارنى بىلمەيتتىم ، باشقىلارمۇ ماڭا بۇ ئەھۋاللارنى سۆزلەپ بەرمىگەنىدى .باشقىلارنى ئاۋارە قىلىشتىن قورقىدىغانلىقىم ئۈچۈن ، ئىش بولسا ئۆزۈم ئامالنىڭ بارىچە ھەل قىلاتتىم . ئىدارىدا خىزمەتداشلىرىم ئىدارە باشلىقىنىڭ ئەتراپىدا چۆرگىلەپ ، ئۇنى ئاۋارە قىلاتتى ، مېنىڭ ئويۇمدا ئۇلارنىڭ ھەممىسى سەل يۈزى قېلىندەك كۆرۈندى . ئىدارە باشلىقى تېرىكمەيتتى ، ھەر قانداق ياردەمنى ئايىماي قىلاتتى ، ئاۋارىچىلىق ھەل قىلىنسا، ئۇنى ئىزدىگەنلەر خۇددىي گۆھەرتېپىۋالغاندەك خۇشال بولۇپ كېتەتتى ، ئىدارە باشلىقىمۇ خۇشال بولاتتى ، چىرايىدىن باشقىلارغا ياردەم قىلىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغاندەك شادلىق كۈلكىسى جىلۋە قىلاتتى.
    بۆلۈمىمىزدىكى شياۋ خېمۇ ئىدارە باشلىقىنى بەك ئاۋارە قىلىدىغانلارنىڭ بىرى ئىدى . ئۇ باشقىلارغا مۇلايىم بولغاچقا، ئىككىمىزنىڭ سۆھبەتلىرى بىر يەردىن چىقاتتى . بىر قېتىم پەقەت تاقەت قىلالماي، شىياۋ خېدىن ئاستاغىنە:
    — سىلەر نېمە ئۈچۈن دائىم ئىدارە باشلىقىنى ئاۋارە قىلىسىلەر، ئىدارە باشلىقى كۈن بويى ئالدىراش يۈرسە بىزار بولمامدۇ؟ — دەپ سورىدىم.
    شىياۋ خې كۆزىنى چەكچەيتىپ قاراپ ، بىر ئاز ئەجەپلەنگەندىن كېيىن:
    — سىز تېخى بىلمەمسىز؟ — دېدى، مەن شۇئانلا بىلمەيدىغانلىقىمنى ئىپادىلەپ ، باش لىڭشىتتىم . شياۋ خې تۆت ئەتراپقا قاراپ ، ئادەم يوقلۇقىنى پەملىگەندىن كېيىن ، تۆۋەن ئاۋازدا:
    — سىزنىڭ كەلگىنىڭىزگە ئۇزۇن بولمىدى ، سىزگە دېمىسەم بولمايدىغان ئوخشايدۇ، ئىدارە باشلىقىنى دەرھال ئاۋارە قىلىڭ ، بولمىسا ئەھۋالىڭىز ياخشى بولمايدۇ ! نېمە ئۈچۈن دېسىڭىز؟ بۇنىڭ سەۋەبى ئاددىي، كۆپچىلىك ئىدارە باشلىقىنى ئاۋارە قىلسا، سىزچۇ، ئۇنداق قىلمىدىڭىز، كۆپچىلىك سىزنى پاك دەپ قارىسىمۇ ، ئىدارە باشلىقى سىزنى ئۆزىنى ھۆرمەت قىلمايدۇ ، دەپ ھېس قىلىدۇ ، ئىدارە باشلىقىنى ئىزدەپ ئاۋارە قىلسىڭىز، سىز خۇشال بولسىڭىز، ئىدارە باشلىقىمۇ خۇشال بولىدۇ ، ئىدارە باشلىقى سىزگە ياردەم قىلسا، سىزمۇ ئىدارە باشلىقىغا كۆڭۈل ئىزھار قىلىڭ ، ئۇمۇ سىزگە كۆڭۈل بۆلىدۇ……. بۇ ئىشنى قىلىش ئۈچۈن سىز ئۈچۈن قىيىن بولسىمۇ ، ئەمما بۇ يەردە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن شۇنداق قىلمىسىڭىز بولمايدۇ، — دېدى ئۇ ماڭا تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ .
    ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر جۈملە سۆزى مېنى ھاڭ – تاڭ قالدۇردى ، بۇنداقمۇ غەلىتە ئىشمۇ بولامدۇ، دەپ ئويلىدىم.

  •  

     

    بىر جەمەدە ۋەز نەسىھەت قىلىۋىتىپ جامائەتكە:

     

    «مۇھتىرەم جامائەت، مەن بىر مۇساپىر، بۇ يەردە ئۈچ كۈن تۇرىمەن، ئەگەر مىنى ياخشى كۆرسەڭلار، تەلىۋىمنى ئورۇنداپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن، ماڭا دەرھال ئىككى كۈن ئىچىدە بىر يۈرۈش ئۆي سېلىپ بېرىڭلار، مەن ئۇ ئۆيدە ئىككى ئۈچ كۈن تۇرۇپ، كەتمىسەم بولمايدۇ» دىدىم.

     

    جامائەت نېمە دېيىشلىرىنى بىلمەي بىر مەھەل تۇرۇپ قېلىشتى، «ئەجىبا بۇ ئاخۇنۇم مەيخانىدىنمۇ كەلدى، ياكى بولمايدۇ جۆيلەۋاتامدىغاندۇ!» دەيدىغان ھالغا كەلدىلەر. ئارىدىن بىرەيلەن ئورنىدىن تۇردى ۋە مۇنداق دىدى:

     

    ــ مۇھتىرەم ئۇستازىمىز ئىككى كۈن  تۇرىدىغان بولسىلا، ئۆي سېلىپ يۈرۈشنىڭ كېرىكى يوق، سىلىنى ھەممىمىز ياخشى كۆرىمىز، سىلە ئۈچۈن ئۆيىمىزنىڭ ئىشىكى ئوچۇق، قايسىمىزنىڭ ئۆيىنى خالىسىلا، شۇ ئۆيدە تۇرسىلا بولىدۇ. ئەمما بىز ئىككى كۈن ئىچىدە بىر يۈرۈش ئۆي بىنا قىلىپ بېرىشىمىزنى تەلەپ قىلغانلىقلىرىغا ھەيران قالدۇق!

     

    جامائەت ھەقلىق ئىدى، چۈنكى ئىككى كۈن تۇرىدىغان بىر ئاخۇنۇمنىڭ قىلغان ۋەز-نەسىھەت بەدىلىگە بۇ تەكلىپتە بولىشى تۈلىمۇ بىمەنە ئىش ئىدى. ئاندىن جامائەتكە دىدىمكى:

     

    ــ مەن بۇ يەرگە مۇساپىر بولغانلىقىم ئۈچۈن بۇ ھەققىمنى ئالالمىدىم. تەكلىپىمدىن ۋاز كەچتىم. ئەسلىدە ئىككى كۈنلۈك مىھماننىڭ ئۆيگە ئىھتىياجى يوق، ئەمما مونۇ سۇئالنىڭ جاۋابىنى بېرىپ بېقىڭلار: ئاراڭلاردا مىنىڭ مۇشۇ ئىككى ئۈچ كۈن ئىچىدە ئۆلمەيدىغانلىقىمغا كاپالەتلىك قىلالايدىغانلار بارمۇ؟

     

  •  

    - ئىچكىرىدە ئوقۇش ۋە مۇۋەپپەقىيەتتىكى ئىچكى ئېنىرگىيە 
    بىر قانچە يىل بۇرۇن "ئىچكىرىدە ئوقۇش ۋە مۇۋەپپەقىيەتتىكى ئىچكى ئېنىرگىيە" دېگەن بىر تېمىدا لېكسىيە سۆزلىمەكچى بولغانلىقىم ھېلىمۇ ئېسىمدە. ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن بۇ ھەقتە ئويلاشقۇچى بولمىغانىدىم. يېقىندا ئىچكىرىدىكى بىر ئالى مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ شۇ يىلى ئامېرىكىدىكى بىر ئالى مەكتەپنىڭ فىزىكا پاكولتىتىغا تولۇق مۇكاپات بىلەن قوبۇل قىلىنغان بىر ئىنىمىزنىڭ دوستىدىن ئالغان خوش خەۋىرى مېنى بۇ تېمىغا باشلىدى.
    ئۇنىڭ ئېيتىشىچە 2009-يىلى ئۇنىڭغا مەكتەپداش ئىككى ئۇيغۇر يىگىت ئامېرىكىغا بىرئۇيغۇر  قىز كورىيەگە ئوقۇشقا ماڭغانىكەن. بۇيىل ئۈچ مەكتەپداش ئۇيغۇر (ئىككى ئوغۇل بىر قىز)  بىراقلا ئامېرىكا ئالى مەكتەپلىرىگە ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنىپتۇ. ئىچكىرىدىكى ئالى مەكتەپلەردە ئوقۇغان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ چەتئەللەرگە چىقىپ ئوقۇشى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىدا ئوقۇغانلاردىن جىق بولۇۋاتقانلىقىنى بىلەتتىم. ئەمما ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى ئانچە كۆپ بولمىغان، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئانچە بەك تونۇش بولمىغان بىر شەھەردىن بىراقلا پارلىغان يۇلتۇزدەك ھەممىمزنى ئىپتىخارغا چۈمدۈرگەن ياشلارنىڭ چىقىشى مېنى بۇنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە ئويلاتقۇزدى. شۇلارنىڭ بىرى بولغان ھېلىقى ئىنىمىز  بىلەن بىرقانچە يىلدىن بۇيان ئاكا-ئىنىدەك ئۆتۈۋاتقاچقا بۇ ھەقتە پاراڭلاشتىم. ئىچكىرىدە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ يازغان ئېلخەتلىرى ھەققىدىمۇ ئويلۇدۇم، ھەم ئۆزەممۇ ئىچكىرىدىكى مەلۇم ئالى مەكتەپتە ئوقۇغان ۋە شۇ يەردىكى بىر ئالى مەكتەپتە ئالتە يىلدىن ئارتۇق ئىشلىگەن بولغاچقا ئىچكىرىدىكى ئالى مەكتەپلەردە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ غالىپلار سېپىگە بۇرۇنراق قېتىلىشىدىكى مەنىۋىي ئېنىرگىيە ۋە سىرلار ھەققىدە مۇنداق ئويلارغا كەلدىم