dunyablog.com
  • 2011年06月10日

    شاڭگاڭ (ئوۋمىن) شۇنىڭ ئۇچۇن تەرەققى قىلغانكەن

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/134804560.html

      مەن   شاڭگاڭغا كىرىش ئالدىدا ساياھەت يىتەكچىسىنىڭ شاڭگاڭغا تاماكا ۋە ھاراق ئېلىپ كىرىشكە بولمايدىغانلىقىنى(بىر كىشى ئەڭ كۆپ بولغاندا 19 تال تاماكا ئېلىۋېلىشىغا رۇخسەت قىلىنىدىكەن،ھاراقنى تاموزنىدىكى ئېلانىغا قارىسام بىر كىشى 500مىللىلېتىر (بىر بوتۇلكا) ئېلىشىغا رۇخسەت قىلىنىدىكەن)،بايقاپ قالسا كۆپ جەرىمانە قويىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەندە  تولىمۇ خۇش بولدۇم .شاڭگاڭغا بارغاندىن كېيىن  بىلدىمكى بەڭگىلەر ئۈچۈن كوچىدا،باغچىدا  ۋە باشقا ئورۇنلاردا ئايرىم ئورۇن بېكىتىپ بېرىلگەنكەن،ناۋادا مۇشۇ ئورۇنلاردىن باشقا ئورۇنلاردا تاماكا چەكسە 2000-5000 يۇەن جەرىمانە تۆلەيدىكەن ھەم مەلۇم  مەزگىل تۇتۇپ تۇرۇلىدىكەن،ھەتتا مېھمانخانىلارمۇ تاماكا چېكىشكە بولىدىغان ياتاق دەپ بېكىتىپ  قويۇدىكەن.كوچىغا تۇكەرسە ياكى ئەخلەت تاشلىسا ئوخشاشلا 1500-2000 يۇەن جەرىمانە  تۆلەيدىكەن.قاتناش قايدىسىگە رىئايە قىلمىسىمۇ ئوخشاشلا جەرىمانە تۆلەيدىكەن.مانا بۇلار ئەسلى ئۇيغۇر قاتارلىق  خەلقلەر قاتتىق چەكلەيدىغان دىققەت قىلىدىغان ئىشلار ئەمەسمىدى.دىندارلارنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا«پاكىزلىق ئىشەنچ(ئىمان)نىڭ يېرىمى »ئەمەسمىدى. پەننى نۇقتىدىن قارىساق پاكىزلىك ئادەمگە ساغلاملىق جۇشقۇنلۇق چېچەنلىك ئاتا قىلىدۇغۇ. ئويلاپ قالدىم ئۇلار پاكىزلىققا ئېتىۋار بەرگەنلىكى ئۈچۈن تەرەققى قىلىپتۇ(ئوۋمىنمۇ شاڭگاڭغا ئوخشاش پاكىزلىققا ئېتىۋار بېرىدىكەن).
       شاڭگاڭلىقلار ۋە ئوۋمىنلىقلار شۇنداقلا شېنجىنلىقلار ئوخشاش بىر ئىشقا تىرىشىدىكەن ئۇ بولسىمۇ تىرىشىپ پۇل تېپىش! ئۇلارنىڭ باشقا گەپ قىلغىنىنى ياكى بىكار يۇرگىنىنى كۆرمەيسىز،ئۇلار سىياسىغا ۋە باشقا ئىشلارغا كۆڭۇل بۆلۇپ كەتمەيدىكەن،ئۇلار  بار كۇچى بىلەن پۇل تاپسىلا بەك خۇش بولىدىكەن.ئۇلارنىڭ ئۇششاق سۆزلەپ يۇرگىنىنى كۆرمەيسىز.ئېنىقراق قىلىپ ئېيتساق ئۇلار توختىماي تىرىشىدىكەن،ئۆز-ئارا ھەركارلىشىش،كۆيۇنۇش، خىزمەتكە بولغان يۇكسەك مەسئۇلىيەت ئۇلارنىڭ خىزمەت  مىزانىغا ئايلىنىپتۇ.شۇڭا ئۇلار تەرەقى قىلىپتۇ.
    مەن بۇ يەردە بىر مىسال ئېلىپ بېرەي:مەن شېنجىن لوخۇ رايونىدىكى چاڭخۇا ئىلېكتىر بۇيۇملىرى سودا سارىيىدىن مال سېتىۋالدىم ،كېتەر ۋاقتىمدا ئىشتىن چۇشۇشكە توغرا كەلگەچكە ئىشىكلەر ئىتىلدى،بۇ چاغدا خوجايىن مېنى يان ئىشىكتى چىققۇچە ئۇزۇتۇپ چىقتى،قارىماققا بۇ كىچىك ئىش لېكىن بۇ ئۇنىڭ خىزمەت ئىستىلىدە.شۇڭا دەيمەن بىز ئۇلارنىڭ بايلىقىغا ئەمەس ئىجىل-ئىناقلىقىغا،تىرىشچانلىقىغا،سەمىمىيلىكىگە ھەۋەس قىلساق بولغۇدەك.راس گەپنى قىلسام شاڭگاڭ ۋە ئوۋمىن شىنجىنغا يەتمەيدىكەن،شىنجىن خۇددى سۇدىن يېڭى چىققان گۇزەل قىزدەك يېشىللىقى ۋە پاكىزلىققى بىلەن ئادەمنى  ھەيران قالدۇرىدىكەن.شاڭگاڭ ۋە ئوۋمىننىڭ بىزنى جەلىپ قىلىدىغان ئەڭگۇشتىرى پەقەت ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقى،پاكىزلىق سۆيەر روھى،ئىجىل-ئىناقلىقى.شاڭگاڭدا بىر سودا سارايدا كېتىۋاتسام 65 ياشلاردىكى بىر خەنزۇ سەن شىنجاڭلىقمۇ دەپ سوراپ قالدى،ھە مەن شىنجاڭلىق دىۋىدىم ،ئۇ كىشى ئۆزىنىڭمۇ شىنجاڭلىق ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ مۇڭدۇشۇپ كەتتى بۇ خىل ئەھۋال ئوۋمىندىمۇ،شىنجىندىمۇ.....ھەممىلا يەردە ئۇچرىدى.ئويلاپ قالدىم دىمىسىمۇ ئىناقلىق ھەقىقەتەن بايلىقكەن! ئۇ ھەرگىزمۇ مىللەت ئايرىمايدىكەن.
        شاڭگاڭ ۋە ئوۋمىنلىقلارنىڭ يەنە بىر ئەڭگۈشتىرى:ئىقتىساتچانلىقكەن.بىز شىنجىندا مۇسۇلمان ئاشخانىسىدا تاماقلاندۇق،ساھىپخان قورۇمىلارنى بۇيرۇتۇپ بىر يەرگە كەلگەندە كۇتكۇچى بىزگە ئەسكەرتىپ سىلەر 8 ئادەم بۇنچىۋالا قورۇمىنى يەپ بولالمايسىلەر ئەمدى بولدى قىلىڭلار دەپ تۇرىۋالدى.شاڭگاڭدىكى مېھمانخانىغا تارغاق قويمايدىكەن،چاچ سوپۇن بىلەن بەدەن سوپۇننى تامدىكى بىر جايغا سىقىپ چىقىرىدىغان قىلىپ قويغانكەن(باشقا مېھمانخانىلاردىكى بۇ سوپۇنلارنىڭ يېرىمى ئىشلىتىلىپلا تاشلىناتتى) ،بىنالارنىڭ ئوتتۇرىسى ئاساسەن چوڭ يولكەن،پىيادىلەي يوللىرىمۇ تار قىلىپ لايىھىلەنگەنكەن،شۇڭا پىيادىلەر يولىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرماسلىقنى باشقىلارنىڭ يول يۇرۇشىگە دەخلى يەتكۇزمەسلىكنى ئالاھىدە تەكىتلەيدىكەن(شاڭگاڭ ۋە ئومىندا يەر قىس ،يەر باھاسى ئالتۇندىنمۇ قىممەتكەن).
        ئىقتىساس ئىگىلىرىنى بايلارنى ئالاھىدە ئېتىۋار بىلەن كۇتىۋالىدىكەن.شاڭگاڭ ئۇنۋېرسېتىتلىرىدا 4 يىل ئوقۇپ شاڭگاڭدا 3 يىل ئىشلىسىڭىز سىز تەبىئىلا شاڭگاڭلىق بولۇپ قالىدىكەنسىز،ئوۋمىندىكى ئاپتۇۋۇزنىڭ كىچىك ئېلانىغا سىز  ئوۋمىنغا مەبلەخ سالماچچى بولسىڭىز ناھايىتى تېزلىكتە (2ھەپتە ئىچىدە) رەسمىيەتلىرىڭىز بېجىرىپ بېرىلىدۇ دەپ يېزىلغانكەن.ئوۋمىندىكى ئەڭ چوڭ قىمارخانىغا   ئامرىكىلىق بىر باي 400亿  يۇەن دەسمايە سالغانكەن(بۇ قىمارخانىنىڭ تازلىقىنى 1000كىشى قىلىدىكەن......)شۇڭا ئۇلار تەرەققى قىلغانكەن.

         پاكىزلىق،ئىقتىسادچانلىق،ئىناق-ئىجىللىق،تىرىشچانلىق،ھەمكارلىق،باشقىلارنى ھۇرمەت قىلىش،سەمىمىيلىك(راسچىللىق)،ئىشەنچ  مۇلايىملىق دىگەنلەر ئەسلى ئۇيغۇر تەرىپىدىن ئەڭ قەدىرلەنگەن ئىسىل خىسلەتلەر ئىدىم شۇنداق ئەمەسمۇ!!! مانا بۇ خىسلەتلەر ئەسلى مۇسۇلمانلاردا بولۇشقا تېگىشلىك خىسلەرلەر ئىدى!ھە!
        ئاخىرىدا سىز تەپەككۇر قىلىپ بېقىڭ :مۇسۇلمانلىق ئۆلچىمىگە   ئەڭ لايىق ئادەم شاڭگاڭلىق(ئوۋمىنلىق شىنجىنلىق)لارمۇ ؟! ياكى سىزمۇ؟!(سىزنىڭ ناماز ئۆتىگىنىڭىزنى روزا تۇتقىنىڭىزنى ھېساپقا ئالمىغان ئەھۋالدا)

     توغرا دەيسىز دوستۇم:  بەك تەسىرلەندىم، قۇدۇق ئىچىدىكى پاقىدەك يۈرۈپتىمىز.....
        مەن شىنجاڭنى شەيتاننىڭ ئوچىقىمىكىن دەيمەن.
        كۇنمىڭغا بېرىپ بېقىڭ، كۆپ جايلاردا چىرايى خەنزۇ ئەمما كىيىنىشى ئەرەبلىك ئاياللارنى كۆرىسىز، ئۇلار مۇسۇلمان، تالاڭ قاتارلىق ناھىيىلىرىگە بارسىڭىز خۇددى ئىسلام دۆلىتىگە بېرىپ قالغاندەك ھاياجانلىنىپ ئۆپكىڭىز ئۆرۈلۈپ كېتىدۇ. پاكىزلىق قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرغان «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم«  سۆزلىرى ، كوچا لابالىرىدا چىقىۋاتقان ئىسلامى تەبلىغ........ ئەمما سودا ساراي، دۇكانلىرىغا قارىسىڭىز بىر نەرسە سېتىۋالىدىغانغا ئادەم يوق، پۈتۈن جۇشقۇنلۇق خۇيزۇ كىشىلىرى ئارىسىدىكى ئىناقلىق، تەقۋالىق ۋە قىزغىنلىق.....
        بىراق ئۈرۈمچى كوچىلىرىغا قاراپ بېقىڭ، مەينەتچىلىك، ئادەملەردىكى قاششاقلىق، ئىتتىپاقسىزلىق. ناخشا مۇزىكا، كىيىم - كېچەك، سورۇنبازلىق ئەيتاۋۇر شەيتاننىڭ ئۇچىقىدەك قايناق.
         مۈمكىن بولسا شىنجاڭلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىدىيىسىنى ئازات قىلىپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ كۆرۈپ كەلسە، دىنسىز دەپ كۆزگە ئىلمايمدىغان ئاشۇ خەلقنىڭ تۇرمۇش ئادىتى بىلەن ئۆزىمىزنى مۇسۇلمان چاغلايدىغان شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرىنىڭ تۇرمۇش ئادىتىنى سىلىشتۇرۇپ كۆرسە دەيمەن، (ئارىمىزدا تەقۋا ئىلىملىك ئادەملەرمۇ كۆپ بىراق مەن ئومۇملۇقنى كۆزدە تۇتىۋاتىمەن).
          ئىلىم پەندە قازاقنىڭ كەينىدە،
          ئېتىقادتا خۇيزۇنىڭ كەينىدە،
         ئويغان ئۇيغۇرۇم كەتسەڭ شۇ پېتى
         نېمە كۆرەرسەن مەھشەر كۈنىدە.

    manba:http://bbs.12tagh.com/baghdax/bbs/read.php?tid=3965


    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us