• 6/10/2011

    تۈرمىدىكى ناماز

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/ak22-logs/134994364.html

    تۈرمىدىكى ناماز
    خوراسان ۋالىيسى ئابدۇللاھ ئىبنى تاھىر، ناھايىتىمۇ ئادىل بىرىيدى، كۈزەتچىلەر بىرقانچە ئوغرىنى تۇتىۋىلىپ ئۇلارنى ۋالىيگە خەۋەر قىلىدۇ. ئوغرىلار ئېلىپ كېلىنىۋاتقاندا ئارىدىن بىرى قېچىپ كېتىدۇ.دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ھىراتلىق بىر تۈمۈرچى، نىشاپۇرغا بارغانىدى.كېچىدە ئۆيىگە قايتىۋاتقاندا كۈزەتچىلەر ئۇنى تۇتىۋىلىپ باشقا گۇناھكارلار بىلەن بىرلىكتە ۋالىيلىققا ئېلىپ باردى. ۋالىي بولسا: ھەممىسىنى تۈرمىگە سولاڭلار! دەپ ئەمىر بەردى. ھېچقانداق گۇناھى بولمىغان تۈمۈرچى دەرھال تاھارەت ئېلىپ تۈرمىدە ناماز ئوقۇشقا باشلىدى ۋە قوللىرىنى كۆتۈرۈپ:
    ئى رەببىم! مېنىڭ ھېچ بىر گۇناھىم يوقلىقىنى پەقەتلا سەن بىلىسەن، مېنى بۇ تۈرمىدىن پەقەتلا سەن قۇتقۇزىسەن، دەپ دۇئا قىلدى. ۋالىي ئۇخلاۋاتقاندا چۈشىدە ناھايىتى كۈچتۈڭگۈر ئادەمدىن تۆت كىشى كېلىپ، ۋالىينىڭ تەختىنى دۈم قىلىپ ئۆرۈشكە باشلىغاندا ۋالىي چۈچۈپ ئويقۇسىدىن ئويغاندى. دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ تاھارەت ئېلىپ ئىككى رەكەت ناماز ئوقىدى. قايتا ئۇخلاشقا ياتقاندا يەنە چۈشىدە ھېلىقى تۆت كىشىنىڭ تەختىنى ئۆرىۋەتمەكچى بولىۋاتقانلىقىنى كۆردى ۋە ئويغۇنۇپ كەتتى. شۇ چاغدا ئۆزىنى بىر مەزلۇمنىڭ ئاھى تۇتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتتى ۋە ھامان تۈرمىنىڭ باشلىقىنى چاقىرتىپ : بۇ كېچە تۈرمىدە مەزلۇم بىر سولۇنۇپ قالغاندەكمۇ قانداق؟ دېدى. تۈرمە باشلىقى: مەن بۇنى بىلمەيمەن، ۋالىيلىرى! لېكىن، بىر كىشىنىڭ ناماز قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇ كۆپلەپ دۇئا قىلىپ ياش تۈكىۋاتىدۇ، دېدى. ۋالىي: 3
    تىزدىن ئۇ ئادەمنى ئېلىپ كېلىڭلار، دەپ بۇيرىدى. تۈمۈرچىنى ۋالىينىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. ۋالىي ئۇ كىشىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن مۇنداق دېدى:
    مەن سىزدىن كەچۈرۈم سورايمەن، رازى بولۇپ كېتىڭ ۋە بۇ مىڭ دەرھەم كۈمۈش تەڭگىنى ھەدىيە ئورنىدا قوبۇل قىلىڭ، ھەرقانداق بىر ھاجىتىڭىز بولسا ماڭا كېلىڭ، دېدى. بۇ سۆزگە تۈمۈرچى جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېدى: مەن سىزدىن رازى بولۇپ كەتتىم ۋە ھەدىيەرىڭىزنىمۇ قوبۇل قىلدىم، لېكىن بىرەر ئىش ياكى بىر ھاجىتىم ئۈچۈن سىلىنىڭ ئالدىلىرىغا كېلەلمەيمەن. نېمىشقا كېلەلمەيسىز؟
    چۈنكى، ماڭا ئوخشاش بىر پېقىر كىشى ئۈچۈن سېنىڭدەك بىر پادىشاھنىڭ تەختىنى بىرقانچە قېتىم دۈم كۆمتۈرگەن ئىگەمنى تاشلاپ تېلەكلىرىمنى باشقىسىغا دېيىش قۇللۇققا يارىشامدۇ؟ نامازدىن كېيىن قىلغان دۇئالىرىم مېنى نۇرغۇنلىغان مۈشكۈلىكلەردىن قۇتقازدى، نۇرغۇن ئارزۇ ئارمانلىرىمغا يەتكۈزدى. شۇنداق ئېكەن مەن قانداقمۇ باشقىسىدىن پاناھلىق تىلەيمەن؟ پەرۋەردىگارىم چېكى بولمىغان رەھمەت غەزىنىسىنىڭ ئىشىكىنى، ئىھسان داستىخىنىنى ھەممىگە تەڭ ئاچقان تۇرسا مەن باشقىلارغا قانداقمۇ يالۋۇرۇپ باراي؟ ئۇ كىمنىڭ تىلىگىنى بەرمەي قويدى؟ ئۇنىڭ ئالدىغا كەلگەن كىمدىن يۈز ئۆرىدى؟ ئۇنىڭدىن سوراشنى بىلمىسەڭ ئالالمايسەن، ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا ئەدەپ بىلەن چىقمىساڭ ئۇنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشەلمەيسەن
    ئاقىل بولساڭ ئوقۇ ناماز، ئۇ سەن ئۈچۈن نۇر تاجىدۇر. سەن نامازنى شۇنداق بىلكى مۇمىننىڭ مىراجىدۇر.


    分享到: