dunyablog.com
  • 2011年06月09日

    بۇ دۇنيا ساڭىمۇ قالمايدۇ!

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/134356336.html

     

     

    بۇ دۇنيا ساڭىمۇ قالمايدۇ!

     

    {دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت ئويۇن-كۈلكە ۋە غەپلەتتىن ئىبارەتتۇر، شۇبھىسىزكى، ئاخىرەت يۇرتى ھەقىقى ھايات (يۇرتىدۇر)، ئەگەر ئۇلار بىلسە ئىدى}، (ئەنكەبۇت سۈرىسى، 64ـ ئايەت)

     

    قېرىندىشىم ياخشى ئويلاپ باق، ئولتۇرۋاتقان ئۆيلىرىڭنىڭ، تېرىلغۇ يەرلىرىڭنىڭ، مال-مۇلكىڭنىڭ ھەقىقى ئىگىسى كىم؟ بۇرۇنقى ياشانغانلارنىڭمۇ بىرەر ئۈمىد ئارزۇلىرى بولغان بولغىيتتى. دۇنياغا ھاكىم بولغان خاقانلارغا، پادىشاھلارغا ۋاپا قىلمىغان بۇ دۇنيا سىنىمۇ ئاياپ قالمايدۇ، سەن بۇ دۇنياغا بىر مىھمان، مىھمان تۇرۇپ ئۆي ئىگىسىگە ئوخشاش بولىۋالما!

     

    بىر جەمەدە ۋەز نەسىھەت قىلىۋىتىپ جامائەتكە:

     

    «مۇھتىرەم جامائەت، مەن بىر مۇساپىر، بۇ يەردە ئۈچ كۈن تۇرىمەن، ئەگەر مىنى ياخشى كۆرسەڭلار، تەلىۋىمنى ئورۇنداپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن، ماڭا دەرھال ئىككى كۈن ئىچىدە بىر يۈرۈش ئۆي سېلىپ بېرىڭلار، مەن ئۇ ئۆيدە ئىككى ئۈچ كۈن تۇرۇپ، كەتمىسەم بولمايدۇ» دىدىم.

     

    جامائەت نېمە دېيىشلىرىنى بىلمەي بىر مەھەل تۇرۇپ قېلىشتى، «ئەجىبا بۇ ئاخۇنۇم مەيخانىدىنمۇ كەلدى، ياكى بولمايدۇ جۆيلەۋاتامدىغاندۇ!» دەيدىغان ھالغا كەلدىلەر. ئارىدىن بىرەيلەن ئورنىدىن تۇردى ۋە مۇنداق دىدى:

     

    ــ مۇھتىرەم ئۇستازىمىز ئىككى كۈن  تۇرىدىغان بولسىلا، ئۆي سېلىپ يۈرۈشنىڭ كېرىكى يوق، سىلىنى ھەممىمىز ياخشى كۆرىمىز، سىلە ئۈچۈن ئۆيىمىزنىڭ ئىشىكى ئوچۇق، قايسىمىزنىڭ ئۆيىنى خالىسىلا، شۇ ئۆيدە تۇرسىلا بولىدۇ. ئەمما بىز ئىككى كۈن ئىچىدە بىر يۈرۈش ئۆي بىنا قىلىپ بېرىشىمىزنى تەلەپ قىلغانلىقلىرىغا ھەيران قالدۇق!

     

    جامائەت ھەقلىق ئىدى، چۈنكى ئىككى كۈن تۇرىدىغان بىر ئاخۇنۇمنىڭ قىلغان ۋەز-نەسىھەت بەدىلىگە بۇ تەكلىپتە بولىشى تۈلىمۇ بىمەنە ئىش ئىدى. ئاندىن جامائەتكە دىدىمكى:

     

    ــ مەن بۇ يەرگە مۇساپىر بولغانلىقىم ئۈچۈن بۇ ھەققىمنى ئالالمىدىم. تەكلىپىمدىن ۋاز كەچتىم. ئەسلىدە ئىككى كۈنلۈك مىھماننىڭ ئۆيگە ئىھتىياجى يوق، ئەمما مونۇ سۇئالنىڭ جاۋابىنى بېرىپ بېقىڭلار: ئاراڭلاردا مىنىڭ مۇشۇ ئىككى ئۈچ كۈن ئىچىدە ئۆلمەيدىغانلىقىمغا كاپالەتلىك قىلالايدىغانلار بارمۇ؟

     

    ــ ……

     

    پۈتۈن جامائەت جىم ـ جىت ئىدى، چۈنكى ئۆلۈم سەپىرى بۈگۈنمۇ-ئەتىمۇ كىمگە كېلىدىغانلىقى ئىنىق ئەمەسدە ـ مانا مەن دەپ مەيدانغا چىقسۇن. شۇنداق قىلىپ ئۇلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ بۇ دۇنياغا بىر مۇساپىر ئىكەنلىكلىرىنى چۈشۈنۈپ يىغلاشقا باشلىدى. يەنە دىدىمكى:

     

    ــ ئى ئۈممىتى مۇھەممەد! سىلەر بۇ دۇنيادا بىر يولۇچى تۇرۇغلۇق دۇنياغا بۇ قەدەر كۆڭۈل باغلىماڭلار، بەسبەستە ئۆيلەر سېلىپ بىر نەچچە يىللىق ئوزۇق ۋە كىيىم-كىچەك توپلۇدۇڭلار، ھادىسىلەرگە قارشى كاپالەتلىكنى ساقلاش ئۈچۈن سۇغۇرتا قىلدۇردۇڭلار، ھەرھالدا بۇ بىر ئۆتەڭدە بۇ قەدەر ھازىرلىقى بولغانلىقىغا قارىغاندا ئەبەدىلىك ھاياتى ئۈچۈن ئەلۋەتتە ھازىر دىمەكتۇر. ئاراڭلاردا بۈگۇن ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىگە ئوخشاش يېمەك-ئىچمەكتىن، مال-مۈلۈكتىن، ئىپپەت-نومۇسىدىن،  ئەھلى-ئايال ۋە بالا چاقىلىرىدىن يۈزى ئوچۇقلۇق بىلەن ئىمتىھان بېرەلەيمەن، دەيدىغانلار بولسا ئورنىدىن تۇرسۇن، كائىناتنىڭ خالىقى ئاللاھتائالانىڭ:

     

    {ئى ئىنسانلار! پەرۋەردىگارىىڭلارغا (بۇيرۇقلىرىنى ئورۇنداش، مەنئى قىلغان ئىشلاردىن چەكلىنىش بىلەن) تەقۋادارلىق قىلىڭلار، شۇنداق بىر كۈندىن قورقۇڭلاركى، (ئۇ كۈندە) ئاتا بالىغا ئەسقاتمايدۇ، بالىمۇ ئاتىسىغا ئەسقاتمايدۇ، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر، سىلەرنى ھەرگىز دۇنيا تىرىكچىلىكى مەغرۇر قىلمۇسۇن، (شەيتاننىڭ) سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئەپۇسىنىڭ كەڭلىكى بىلەن مەغرۇر قىلىشىغا يول قويماڭلار}. (سۈرە لوقمان، 33- ئايەت) دېگەن ئەمر-پەرمانىنىڭ ئالدىدا ئەپۇ پەرمانىنى ئالىدىغان كىشى بولسا ئورنىدىن تۇرسۇن؟…

     

    ھېچكىم قوپمايدۇ، ھەممىسىنىڭ بېشى يەرگە چۈشۈپ كىتىپتۇ، ھەتتا پىرىس ـ پىرىس ئاۋازمۇ چىقمايتتى. بۇ دۇنيانىڭ ئىنسان ئەۋلادىنى ئالداپ كەتكەنلىكى مەيداندا ئىدى. بۇ دۇنيا ھاياتى پۈتۈنلەي ئاخىرلىشىپ، ئىش-ئەمەل ۋە ھايات دەپتىرى قاتلانغان ئالى سوت مەھكىمىسىدە جازا مەيدانىدا ئىكەن:

     

    {(ئۇنىڭغا) نامە-ئەمالىڭنى ئۇقۇغىن! بۈگۈن ئۆزەڭگە (يەنى بۇ قىىلمىشلىرىڭغا) ئۆزەڭ گۇۋاھ بولۇشۇڭ كۇپايە}، (سۈرە ئىسرا، 114- ئايەت) دېيىلگەن زاماندا نېمە دەپ جاۋاپ بېرەتتى. پۈتۈن قىلغان ئەتكەنلىرىنىڭ زەررە قەدەر قالدۇرۇلماي ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بۇ كىتاپ ئۆز جىنايەتچىسىنىڭ دوزاخقا تاشلىنىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇلار قورقۇشقا ھەقلىق ئىدى. چۈنكى ھالاكەت ناھايتى چوڭ ئىدى.

     

    ئى مۇسۇلمان!

     

    پۈتۈن ئىش، ھەرىكىتىڭ دەپتەرگە يېزىلىدۇ، رەسىمگە چۈشمەكچى بولساڭ قىياپىتىڭنى تۈزەشكە دىققەت قىلىسەن، يامان يەرلەردە، تۆت تامنىڭ ئىچىدە گۇناھ ئىشلىگەندە ئۆزەڭنى يالغۇز دەپ بىلىسەن. ئۇنۇتما، ئۇن ئالغۇ ئاپپاراتى بار، ھەر قانداق يەردە بولساڭ بول؛ مەخپى ۋە ئاشكارا پۈتۈن سۆزلىرىڭ لىنتىغا ئېلىنىدۇ. ھۇشيار بول، سىنئالغۇ ئاپپاراتى بار، بۆشۈكتىن تۆشۈككە قەدەر ھاياتىڭنىڭ پۈتۈن سەھىپىلىرى پىلىمگە ئېلىنىدۇ، ئەتە قويىلىدىغان بۇ پىلىمنىڭ باش رولچىسى ۋە مەسئۇل رىژىسسورى سەن بولىسەن، بۇنى جانابى ئاللاھنىڭ ۋەزىپىدار پەرىشتىلىرى ئىجرا قىلىدۇ، ئونۇتما.

     

    پەسىللىك كىيىم ئالماشتۇرغانغا ئوخشاش رامىزان مۇسۇلمانى بولما، ئاقىۋەتتە «خەير خوش جامە، خۇداغا ئامانەت، ھازىردىن باشلاپ ئون بىر ئاي تەتىلدە مەن، جۇمە كۈنلىرى يوقلىغىلى كېلىمەن، مىنى ئۇنۇتما، رامىزاندىكى ئورنۇمنى ساقلاپ قوي، رامىزان يېتىپ كەلگەنگە قەدەر دوستۇم پالانى-پوكۇنىلار بىلەن مەيخانىلاردا، قىمار سۇرۇنلىرىدا ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرگەچ تۈرىمىز، مىنىىڭ دادام ئالىم كىشى ئىدى، مەن دېگەن ئۇنىڭ ئوغلىمەن» دىيىش ئارقىلىق ياقاڭنى قۇتۇلدۇرالمايسەن.

     

    قېرىندىشىم، قانداق ھالغا چۈشۈپ قالدۇق؟ بۇنى بىلىسەن، ئىنسانلىقتىن يىراقلىشىپ كەتكەنلەر بىزگە توزاق قۇردى، بىز بولساق ئۇ توزاقنىڭ يىپلىرىنى توقۇپ بېرىپ، ئالدىمىزدىكى ھالاكەتنى كۆرمەيۋاتىمىز!… ئۆز ئىچىمىزدىن بەزى ئىنساپسىز كىشىلەر مەھكىمە ئالدىدا يالغان گۇۋاھلىق بىلەن، قان ئىچىۋاتىدۇ، بەزىلەر «قۇلاق» بولۇپ، گۇناھسىز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ زۇلۇم زىندانلىرىدا ئاچچىق ئىڭراشلىرىدىن ھوزۇر ئېلىۋاتىدۇ، يېشى خېلى بىر يەرگە بېرىپ قالغان دادىلىرىمىز ھىسسىياتقا بېرىلىپ، يوق ئىشلار بىلەن بىر ئوبدان ئائىلىسىنى بوزۇپ يېتىم بالىلار تەلىم تەربىيەسىز بۇلۇپ بۇلۇڭ-پۇچقاقتا بويۇن قىسىۋاتىدۇ، جەمئىيەتتە بولسا نۇرغۇن ياشلار ئىشسىزلىقتىن جېنى سىقىلىپ ھايات يولىنى پاھىشە ئورۇنلىرىدىن، ھاراق سورۇنلىرىدىن، قىمار تاۋكالىرىدىن، خىرويىن بەزمىلىرىدىن ئىزدەۋاتىدۇ، قانۇن ، نىزام، تۈزۈم دەيدۇ، ئەمەلىيەتتە ئىجراسى بولمايۋاتىدۇ، كۆرەۋاتىسىلەر ۋە ئاڭلاۋاتىسىلەر، شۇنداق ئەمەسمۇ؟

     

    نەگە كىتىۋاتىمىز؟ بىز ئۇچىۋاتقان ئايروپىلاننىڭ ئۇچقۇچىسى كىم؟ قايسى ئايرۇدۇرۇمغا چۈشىدۇ، بۇ قارىغۇلىقىمىزنىڭ چېكى يوقمۇ؟ بۇ كەيپ-ساپا، ھاۋايى-ھەۋەسلەرنىڭ ئاخىرلىشىش ۋاقتى كەلمەمدۇ؟

     

    جانابى ئاللاھنىڭ:

     

    {(ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنى (مەيلىگە) قويىۋەت يەپ-ئىچىپ، ئويناپ-كۈلۈپ يۈرسۈن، ئۇلار بىھۇدە ئارزۇلار بىلەن بولىۋەرسۇن، ئۇلار ئۇزاققا قالماي (قىلمىشلىرىنىڭ يامانلىقىنى) بىلىدۇ}. دېگەن تەھدىتنىڭ ئالدىدا تەسلىم بايرىقىنى چىقىرامدىمىز ياكى بۇ غاپىللار توپىنىڭ ئارقىسىدىن مېڭىشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئويلىماي ھالاكەتكە مەھكۇم بولامدىمىز؟

     

    ئائىلە، ئاتا-ئانا، بالا-چاقا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى تۆۋەن مەرتىۋىگە چۈشۈرۈپ قويغان؛ پەزىلەت، سەمىمىيەت ۋە ئەمنىيەت چۈشەنچىلىرىنى ئاياغ ئاستى قىلىۋاتقان غەرب ۋە ئۇزاق شەرق مەدەنىيىتىنىڭ جان تومۇرى قاچان كىسىلىدۇ؟ جاۋاپ بېرىپ باق!… 

     


    收藏到:Del.icio.us