dunyablog.com
  • 2011-06-09

    شىر پادىشاھنىڭ تەخسىماتى

    شىر قاپلاننى 10بۆرىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل قىلىپتۇ ھەمدە ئۇلارغا يېمەكلىك تارقىتىشنى ئۇرۇنلاشتۇرۇپتۇ. قاپلان گۆشنى ئالغاندىن كېيىن ئۇنى تەپمۇ -تەڭ 11 پارچە قىلىپ بىر پارچىسىنى ئۆزى ئېلىپ قالغىنىنى بۆرىلەرگە بېرىپتۇ….

    بۆرىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزىگە تەقسىم قىلىنغان گۆشنى بەك ئاز ھېس قىلىپ، بىرلىشىپ قاپلان بىلەن قارشىلاشماقچى بولۇپتۇ، گەرچە بىر بۆرىنىڭ قاپلانغا كۈچى يەتمىسىمۇ لېكىن 10 بۆرە بىرلەشكەندە قاپلاننىڭ تاقابىل تۇرۇشقا ئامالى بولماپتۇ. قاپلان ئامالسىز روھى چۇشكەن ھالدا شىرنى ئىزلەپ ئېستىپا سوراپتۇ. شىر ئۇنىڭغا مېنىڭ ئامالىم بار، قاراپ تۇر دەپتۇ.
    شىر گۆشنى چوڭ -كىچىكلىكى ئوخشىمايدىغان قىلىپ 11 پارچە قىلىپتۇ ھەمدە ئەڭ چوڭىنى ئۆزى ئېلىپ بۆرىلەرگە ئۆزۇڭلار بىلىپ بۆلۈشۋېلىڭلار دەپ كېتىپتۇ. ئەڭ چوڭ پارچە گۆشكە ئېرىشىش ئۈچۈن بۆرىلەر ئۆز ئارا بىر-بىرىگە ھۇجۇم قىلىشقا باشلاپتۇ، ھېچ قايسىسى ئازراق پەرقلىندىغان گۆشنى ئېلىشنى خالىماپتۇ.
    قاپلان قايىل بولغان ھالدا شىردىن: بۇ قانداق ئۇسۇل دەپ سوراپتىكەن، شىر مىيىقىدا كۇلگىنىچە ئىنسانلارنىڭ ئۈنۈم مائاشى دېگىنىنى ئاڭلىغانمۇ؟ دەپتۇ.
    ئىككىنچى كۈنى شىر گۆشنى يەنىلا 11 پارچە قىلىپ پارچىلاپتۇ ھەم ئۆزى 2پارچە ئېلىپ بۆرىلەرگە قالغان 9 پارچىسىنى قانداق بۆلىشىشنى ئۆزۈڭلار مەسلىھەتلىشۋېلىڭلار دەپ قۇيۇپ كېتىپتۇ.
    10 بۆرە 9 پارچە گۆشكە قاراپ ئۇچقاندەك كېلىپ تالىشىشقا باشلاپتۇ، بىر چىشلەم گۆش ئۈچۈن بۇ ھەمرالار تاكى ئاجىز بىر بۆرە ھالسىزلىنىپ يېتىپ قالغىچە تالىشىپتۇ.
    قاپلان يەنە قايىل بولغان ھالدا بۇ قانداق ئۇسۇل دەپ سوراپتىكەن، شىر بۇ ئەڭ ئاخىرقى ئورۇننى تالىشىش ئۇسۇلى دەپتۇ.
    ئۈچىنچى كۈنى شىر گۆشنى ئىككى پارچە قىلىپ بىر پارچىسىنى ئۆزى ئېلىپ سالماق ھالدا بۆرىلەرگە يەنە بىر پارچىسىنى ئۆزى بىر تەرەپ قىلىشنى ئېيتىپتۇ. بۆرىلەر تالىشىقا باشلاپتۇ، ئەڭ ئاخىرىدا ھەممىدىن كۈچلۈك، قاۋۇل بىر بۆرە ھەممىنى يېڭىپ چىقىىپ مەغرۇر ھالدا ئۆز غەلىبە مېۋىسىدىن ھۇزۇرلىنپتۇ. بۇ بۆرە يەپ تويغاندىن كېيىن ئاندىن باشقا بۆرىلەرنىڭ گۆشنى يېيىشىگە يول قۇيۇپتۇ، باشقا بۆرىلەر ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلىرىگە ئايلىنپتۇ، بۆرىلەر ئۇنى ھۆرمەتلەپ باشقۇرۇشىغا بويسۇنۇپ، نۆۋەت بىلەن كېلىپ گۆشنى يەپتۇ.
    شۇنىڭدىن باشلاپ شىر پەقەت مۇشۇ بىر بۆرىنى باشقۇرۇپ ، ئۇنىڭغا يېمەكلىكنى بۆلۈپ بېرىپ، باشقا ئىشلارغا باش قاتۇرمايدىغان بولۇپتۇ، قاپلاننىڭ قايىللىقى تېخىمۇ ئېشىپ بۇنىڭ قانداق ئامال ئىكەنلىكىنى سوراپتىكەن، شىر ئۇنىڭغا رىقابەتلىشىپ ئىش ئورنىغا چىقىش دېگەننى ئاڭلىغانمۇ ؟ دەپتۇ.
    ئەڭ ئاخىرقى كۈنى شىر گۆشنىڭ ھەممىسىنى ئۆزى ئېلىپ بۆرىلەرنى ئوت يېيىشكە بۇيرۇپتۇ، نەچچە كۇنلۇك ئۆز ئارا ئېلىشىش جەريانىدا ھالىدىن كەتكەن بۆرىلەر يەنە تالىشىقا ماغدۇرى بولمىغاچقا ئامالىسىز بويسۇنۇپتۇ. قاپلان بۇنىڭ قانداق ئۇسۇل ئىكەنلىكىنى سورىغانىكەن ، شىر كۇلۇپ تۇرۇپ  ئىناق جەمئىيەت(和谐社会) ئاڭلىغانمۇ؟ دەپتۇ

       مەنبە: تورخۇمارلار بىلوگى


    收藏到:Del.icio.us