dunyablog.com
  • 11/4/2011

    ئۇلغىيىۋاتقان ‹‹ئاي پاتەملەر›› قوشۇنى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/171380346.html

    مائارىپ مىنىستىرلىكى 2007يىلى 8-ئايدا يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن 117 سۆزلۈكنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئېشىندى قىز ''剩女''  ئاۋات شەھەرلەردە ئولتۇراقلاشقان، يىشى 28 دىن ئىشىپ كەتكەن بولسىمۇ تېخى توي قىلمىغان، جۆرىسىمۇ يوق قىزلارنى كۆرسىتىدىكەن. ئابدۇللا ئابدىرېھىم ۋە خالمۇرات ئۆمەرنىڭ مېھمان ناملىق ئىتوتىدا يارىتىلغان ئايپاتەم ئوبرازى بىلەن ئايپاتەم دېگەن سۆزمۇ شۇ تىپتىكى چوكان ۋە قىزلارنىڭ مەنىداش سۆزى بولۇپ قالدى. 2007-يىلى ئېشىندى قىزلارغا يەنە 3S دەپمۇ نام بېرىلگەن، يەنىSinggle-بويتاق؛ Stuck -ئولتۇرۇپ قالغانلار؛ Seventies  -ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرى تۇغۇلغانلار، لېكىن ھازىر يىللانىڭ ئۆتىشى بىلەن 80-يىللىرى تۇغۇلغانلارمۇ ئايپاتەملەر قوشۇنىغا قېتىلىشقا باشلىدى. C]):+F<7  
             بەيدۇ ئىنسايكىلوپىدىيەسىدىكى ئستاتىسكىلارغا قارىغاندا ‹‹ئايپاتەملەر›› قوشۇنى نۆۋەتتە تەسەۋۋۇرىمىزدىكى مۆلچەرلىگىنىمىزدىنمۇ كۆپ بولۇپ پەقەت بېيجىڭ شەھىرىنى مىسالغا ئالساقلا ئايپاتەملەرنىڭ سانى 500 مىڭدىن ئاشقان، بۇ تېخى تۆۋەن مۆلچەر ئىكەن. كىشىنى تېخىمۇ  ئويغا سالىدىغىنى ئايپاتەملەر ئىچىدە تۇرمۇش شارايىتى ئەۋزەل، تەققى تۇرقى چىرايىمۇ قاملاشقان، كەسىپتە غەلىبە قىلىپ مەلۇم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن، بىلىملىك، ئەقلى ئىقتىدارىمۇ يۇقىرىلار تېخى خېلى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىكەن. ئانداقتا ئايپاتەملەر قوشۇنىنىڭ كۈندىن كۈنگە زورىيىشى پەقەت شەخسنىڭ مەسىلىسىلا بولۇپ قالماي بىر ئومۇمى يۈزلۈك ئىجىتىمائى مەسىلە بولۇپ قالدى دېگەن سۆز. (h%wO  
            مېنىڭچە رايونىمىزمۇ بۇ يۈزلىنىشتىن مۇستەسنا ئەمەس، بولۇپمۇ يىقىنقى يىللاردىن بىرى ياشلار ئوقۇش پۈتتۈرۈپ چىققاندىن كېيىن خىزمەت تېپىش،  بىرە تىرىكچىلىكنىڭ پىشىنى تۇتۇش بېسىمىنىڭ ئېغىر بولىشى، بۇنى ئاز دەپ ئىستېمال سەۋىيىسىنىڭ يىلدىن-يىلغا ئىشىپ مال باھاسىنىڭ ئۇچقاندەك ئۆرلىشى ، بولۇپمۇ توي قىلىشتا ھازىر ئەڭ زۆرۈر شەرت قىلىۋېلىنغان ئۆينىڭ باھاسىنىڭ نەچچە ھەسسە قاتلىنىپ ياشلار ئۈچۈن يىقىنلاشقۇسىز بولۇپ كىتىشى، جەمىيەتتە شىددەت بىلەن يامراپ كىتىۋاتقان بەسخورلۇق، ئابرويپەرەسلىك، شۆھرەتپەرەسلىك بىلەن تامامەن مۈمكىنچىلىگى بار توي ئىشلىرىنىڭمۇ مۇمكىن بولماي قىلىشى، بولۇپمۇ ئۈرۈك ئۈرۈكنى كۆرۈپ ئالا بوپتۇ دىگەندەك بىر قىسىم ياشلارنىڭ ئۆي، توي سېلىغى ۋە تويدىن كىيىنكى ماددى تۇرمۇش كاپالىتى دىگەنلەرنى مۇھەببەت، نىكاھ دېگەنلەرنىڭ ئالدىغا قويۇشى قاتارلىقلار ئايپاتەملەر قوشۇنىنىڭ ئۈزلۈكسىز زورىيىشىنىڭ ئىجىتىمائى سەۋەبلىرىدىن بىرىمىكىن دەيمەن. بۇ مەسىلە بىزنىڭ رايونىمىزدىمۇ ئەۋج ئىلىشقا يۈزلەنگەن مەسىلە بولغان ئىكەن كۆپچىلىك بۇنىڭ ئىجىتىمائى ۋە روھى قاتلامدىكى سەۋەب نەتىجىلىرى، ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش چارىلىرى توغرىلىق ئىنكاس شەكلىدە تونۇشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقسا. i2!{.*.  
            ئەلۋەتتە بۇنىڭ يەنە بىر مۇھىم تەرىپى مۇھەببەت ۋە نىكاھدىكى ئوڭۇشسىزلىق، بۇمۇ بىر ئومۇمى ئەھۋال. z1:auodI@  
           ھەي، ئوغۇللارغىمۇ تەس قىزلاغىمۇ تەس، Em?skUnG,  
    قىزچاق، بۇ تىمىنى كۆرۈپ بولۇپ سىزنىڭ ئاي پاتەملەر قوشۇنىغا قىتىلىپ كىتىشىڭىزگە يەنە قانچىلىك ۋاقىت قاپتۇ تىز ئويلاڭ. ئەمەلىيەتچان بولايلى ياش دوستلار. ئاش بولسا قازان جان بولسا جاھان دەيدۇ، ساغلام تىنىمىز ۋە ئەقلى ھوشىمىز بولىدىكەن، پەقەت تىرىشىپ تىرمىشىپ تىرىكچىلىك قىلساقلا ئەسكى كۆلبىمىزنى خان سارىيىغىمۇ ئايلاندۇرالايمىز. تىرىكچىلىك كىمگە يوق؟ كىم تالادا قاپتۇ؟ بۇ يىلى ئۆي ئالغۇچىلىگى يوقكەن دەپ بىرىدىن يېنىپ، يەنە بىر يىلى مەتوكەن رومانتىك ئەمەسكەن دەپ يەنە بىرىدىن  يېنىپ يەنە بىر يىلى خىزمىتى بەلەن ئەمەسكەن دەپ  يىنىپ،يەنە بىر يىلى ماڭا ماس كەلمەيدىكەن دەرىجىسى ماڭا ماس كەلمەيدىكەن دەپ يېنىپ ئۆزىڭىزنىڭ ئايپاتەملەر قوشۇنىنىڭ سەردارى بولۇپ قالغانلىغىڭىزنى بىلمەيلا قالىسىز. ئوغۇللارمۇ شۇ، بۇرۇن ئۆي ئالايمۇ، ئۆيلىنەيمۇ ،ئۆلۈۋالايمۇ  دەپ بىر شېئىر يىزىلغان، تېخى ئۇ چاغدا ئۈرۈمچىدە ئۆي باھاسى 2000 سومتى. ھازىر ئۆرلەپ ئالدى 10000 غا چىققاندىمۇ ھىچكىمنىڭ ئۆلۈۋالغىنى، كوچىدا قالغىنى يوق. #IXQ;2%E  
           قىزچاق، ئۆيى باركەن دەپ ئۆزىڭىز ئەسلا ياخشى كۆرمەيدىغان بىرىنى تاللامسىز؟ AzQ}}A;TSx  
          ياكى ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان، مەڭگۈ بىرگە ئۆتۈپ كىتىشنى ئارزۇ قىلىدىغان بىرى بىلەن ئاددى ساددى بولسىمۇ ماكانىڭىزنى قۇرۇپ مەزگىللىك جاپالارغا دادىل يۈزلىنىپ ئىشەنچ بىلەن كەلگۈسىڭىزنى قۇرۇشنى ئارزۇ قىلامسىز؟ ~_oTEXT^O  
          ياكى بۇ ئىككى خىل تاللاش ئارىسىدا تىڭىرقاپ يۈرۈپ ئايپەتەملەر قوشۇنىغا قېتىلىپ كەتمەكچىمۇ سىز؟ ئەگەر شۇنداق بولسا مەن بىزنىڭ ناھايىتىمۇ دانا بىر ماقال-تەمسىلىمىزنى سەمىڭىزگە ۋاقتىدا سىلىپ قوياي، مەنىسىنى ھامان بىر كۈنى چۈشۈنۈپ قىلىشىڭىز مۇمكىن: LS_QoS  
       q6DhypB  
                        ئېيىق بولسىمۇ ئېرىڭ بولسۇن، ئۆڭكۈر بولسىمۇ ئۆيۈڭ بولسۇن &\(YmY  
    jjbw.n+1  
    g 08 `=g

    http://bbs.misranim.com/read.php?tid=60869